!كىلىڭلاردوسىتلار بۇرادەرلەر بىرلىكتە تۆۋبە ۋە نادامەتلىرىمىزبىلەن ئاللاھقا يالۋۇرايلى

!كىلىڭلاردوسىتلار بۇرادەرلەر بىرلىكتە تۆۋبە ۋە نادامەتلىرىمىزبىلەن ئاللاھقا يالۋۇرايلى

(ئون يەتتىنچى لەمئانىڭ بىر پارچىسىدۇر)

ئون ئىككىنچى نوتا

  ئەي بۇ نوتىلارنى ئاڭلىغان دوستلىرىم! بىلىڭلاركى، مەن ئادەتلەرگە زىت ھالدا رەببىمگە قارىتا قەلبىمنىڭ يوشۇرۇش لازىم بولغان يالۋۇرۇش، تىلەش ۋە مۇناجاتلىرىنى بەزىدە يازغىنىمنىڭ سەۋەبى، ئۆلۈم تىلىمنى جىمىقتۇرغان زامانلاردا تىلىمغا بەدەل قەلبىمنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ﷲنىڭ رەھمىتىدىن تىلىمەكتۇر.

  شۇنداق، قىسقا بىر ئۆمۈردە، چەكسىز گۇناھلىرىمغا كەپپارەت بولۇشى ئۈچۈن ۋاقىتلىق بولغان تىلىمنىڭ تۆۋبە ۋە نادامەتلىرى يېتەرلىك بولمايدۇ. تۇراقلىق ۋە قىسمەن دائىم ھېسابلىنىدىغان كىتابنىڭ تىلى ئۇ ئىشقا تېخىمۇ بەكرەك يارايدۇ. ئون ئۈچ يىل(ھاشىيە)*بۇرۇن، روھىمدىكى شاۋقۇنلۇق بورانچاپقۇن نەتىجىسىدە كونا سەئىدنىڭ كۈلۈشلىرى يېڭى سەئىدنىڭ يىغىلىرىغا ئۆزگەرگەن چاغلاردا، ياشلىقنىڭ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن قېرىلىق سەھىرى بىلەن ئويغانغان بىر ۋاقىتتا شۇ مۇناجات ۋە دۇئا ئەرەبچە يېزىلغان ئىدى. بىر قىسمىنىڭ تۈركچە (ھازىر ئۇيغۇرچە) تەرجىمىسى شۇكى:

  ئەي رەھىملىك رەببىم! ۋە ئەي كەرەملىك ياراتقۇچىم! مېنىڭ سۇيىئىختىيارىم بىلەن ئۆمرۈم ۋە ياشلىقىم زايا بولدى كەتتىئۇ ئۆمۈر ۋە ياشلىقنىڭ مېۋىلىرىدىن قولۇمدا قالغىنى ئەلەم بېرىدىغان گۇناھلار، خار قىلىدىغان ئەلەملەر، ئازغۇنلۇققا باشلايدىغان ۋەسۋەسىلەر بولدى. بۇ ئېغىر يۈك، كېسەل قەلب ۋە خىجالەتلىك يۈزۈم بىلەن قەبرىگە يېقىنلىشىۋاتىمەن. كۆز ئالدىمدا كۆرۈۋېرىپ ئىنتايىن تېز ھالدا ئوڭ ۋە سولغا قېيىپ كەتمەستىن ئىختىيارسىز بىر تەرزدە، ۋاپات بولۇپ كەتكەن دوستيېقىن، قەدىناس ۋە ئۇرۇقتۇغقانلىرىمدەكلا قەبرە ئىشىكىگە يېقىنلىشىۋاتىمەن.

  ئۇ قەبرە بۇ فانىي دىياردىن ئەبەدىي بىر ئايرىلىش بىلەن ئەبەد يولىدا قۇرۇلغان، ئېچىلغان ئاۋۋالقى مەنزىل ۋە بىرىنچى ئىشىكتۇر. قەتئىي بىر ئېتىقاد بىلەن چۈشەندىمكى، مەن باغلانغان ۋە مەپتۇن بولغان شۇ دۇنيا دىيارى ھالاكەتكە مەھكۇمدۇر، كېتىدۇ. فانىيدۇر، ئۆلىدۇ. ئىچىدىكى مەۋجۇداتلارمۇ كۆرۈلۈۋاتقىنىدەك بىربىرى ئارقىسىدىن توپتوپ بولۇپ كۆچۈپ كېتىدۇ، غايىب بولىدۇ. بولۇپمۇ مەندەك نەفسى ئەممارىسى بولغانلار ئۈچۈن شۇ دۇنيا ناھايىتى زالىمدۇر، مەككاردۇر. بىر لەززەت بەرسە مىڭ ئەلەم چەكتۈرىدۇ. بىر تال ئۈزۈم يىگۈزسە يۈز كاچات ئۇرىدۇ.

  ئەي رەھىملىك رەببىم! ئەي كەرەملىك ئىلاھىم! كُلُّ آتٍ قَرِيب (بارلىق كېلىدىغانلار يېقىندۇر.) سىرى بويىچە، مەن ھازىردىن كۆرۈپ تۇرۇپتىمەنكى، يېقىن بىر زاماندا كېپىنىمنى كىيدىم، تاۋۇتۇمغا چىقتىم، دوستلىرىم بىلەن ۋىدالاشتىم. قەبرەمگە يۈزلىنىپ كېتىۋىتىپ سېنىڭ رەھمەت دەرگاھىڭدا مېيىتىمنىڭ ئەھۋال تىلى بىلەن، روھىمنىڭ سۆزلىگەن تىلى بىلەن ۋارقىراپ تۇرۇپ دەيمەن:

  ئەلئامان! ئەلئامان! يا ھەننان! يا مەننان!** مېنى گۇناھلىرىمنىڭ خىجالەتچىلىكىدىن قۇتقاز!

  مانا قەبرەمنىڭ بېشىغا كەلدىم. بوينۇمغا كېپىنىمنى تاقاپ قەبرەمنىڭ بېشىدا ياتقان جەسىتىمنىڭ ئۈستىدە تۇردۇم. بېشىمنى سېنىڭ رەھمەت دەرگاھىڭغا قارىتىپ، پۈتۈن قۇۋۋىتىم بىلەن پەرياد قىلىپ نىدا قىلىمەن:

  ئەلئامان! ئەلئامان! يا ھەننان! يا مەننان! مېنى گۇناھلىرىمنىڭ ئېغىر يۈكلىرىدىن خالاس قىل!

  ئەمدى قەبرەمگە كىردىم، كېپىنىمگە ئېسىلدىم. ئۇزىتىپ كەلگەنلەر مېنى تاشلاپ كېتىشتى. سېنىڭ مەغپىرەت ۋە رەھمىتىڭگە ئېنتىزارمەن. كۆرۈپ تۇرۇپ چۈشەندىمكى، سەندىن باشقا ئىلتىجا ۋە مۇناجات قىلغۇچىم يوق! گۇناھلارنىڭ يىرگىنچلىك يۈزىدىن، يامان ئەمەللىرىمنىڭ قورقۇنچلۇق شەكلىدىن ۋە ماكانىمنىڭ تارلىقىدىن پۈتۈن قۇۋۋىتىم بىلەن نىدا قىلىپ دەيمەن:

  ئەلئامان! ئەلئامان! يا رەھمان! يا ھەننان! يا مەننان! يا دەييان! يىرگىنچلىك گۇناھلىرىمنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن قۇتقاز! يېرىمنى كەڭرى قىلىپ بەر! ئىلاھىم، سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشىش مېنىڭ ئىلتىجايىمدۇر! رەھمەتەللىلئالەمىن بولغان ھەبىبىڭ (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئېرىشىشتىكى شاپائەتچىمدۇر. سەندىن شىكايەت ئەمەس، بەلكى نەفسىمدىن ۋە ھالىمدىن ساڭا شىكايەت قىلىمەن.

  ئەي كەرەملىك رەببىم ۋە ئەي رەھىملىك ئاللاھىم! سېنىڭ سەئىد ئىسمىدىكى مەخلۇقۇڭ، سەنئەت ئەسىرىڭ ۋە قۇلۇڭ، ھەم ئاسىي، ھەم ئاجىز، ھەم غاپىل، ھەم نادان، ھەم بىتاپ، ھەم پەس، ھەم گۇناھكار، ھەم قېرىپ قالغان، ھەم بىچارە، ھەم خوجايىنىدىن قاچقان بىر قۇل بولۇپ، قىرىق يىل كىيىن نادامەت چېكىپ سېنىڭ دەرگاھىڭغا قايتىشنى خالايدۇ، سېنىڭ رەھمىتىڭگە ئىلتىجا قىلىدۇ ۋە چەكسىز گۇناھ ۋە خاتالىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇۋەسۋەسە ۋە خىلمۇخىل ئىللەتلەرگە مۇپتىلا بولغانساڭا دۇئا قىلىدۇ، يالۋۇرىدۇ. ئەگەر كامالى رەھمىتىڭ بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلساڭ، مەغپىرەت قىلىپ مەرھەمەت قىلساڭ، ھېلىمۇ ئۇ سېنىڭ ئىشىڭدۇر. چۈنكى ئەرھەمەرراھىمىنسەن! ئەگەر قوبۇل قىلمىساڭ، سېنىڭ ئىشىكىڭدىن باشقا قايسى ئىشىككە باراي؟ قايسى ئىشىك بار؟ سەندىن باشقا بىر رەب يوقتۇركى، دەرگاھىغا بېرىلىدىغان! سەندىن باشقا ھەق مەبۇد يوقتۇركى، ئىلتىجا قىلىنىدىغان!

لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ وَحْدَكَ لاَ شَرِيكَ لَكَ آخِرُ الْكَلاَمِ فِى الدُّنْيَا وَ اَوَّلُ الْكَلاَمِ فِى اْلآخِرَةِ وَ فِى الْقَبْرِ اَشْهَدُ اَنْ لاَ اِلهَ اِلاَّ اللّهُ وَ اَشْهَدُ اَنَّ مُحَمَّدًا رَسُولُ اللّهِ صَلَّى اللّهُ تَعَالَى عَلَيْهِ وَ سَلَّمَ

—————————————————

*(ھاشىيە): يېزىلغان ۋاقىت بويىچە.-ئا

** ئەلئامان: ئامانلىق تىلەيمەن! مەدەت!؛ ھەننان: مەرھەمىتى كۆپ بولغان؛ مەننان: نىئمەتنى كۆپلەپ بەرگۈچى؛ت

*** دەييان: ھەر كىمنىڭ ھەققىنى ئەڭ ياخشى بىلگەن ۋە بەرگەن ﷲ.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.