كېسەلچانلارغا خوش خەۋەر

كېسەلچانلارغا خوش خەۋەر

(«بىمالار رىسالىسى»دىن)

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

اَلَّذِينَ اِذَا اَصَابَتْهُمْ مُصِيبَةٌ قَالُوا اِنَّا لِلّٰهِ وَاِنَّا اِلَيْهِ رَاجِعُونَ ٭ وَالَّذِى هُوَ يُطْعِمُنِى وَيَسْقِينِ وَاِذَا مَرِضْتُ فَهُوَ يَشْفِينِ

 ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﻣﯘﺳﯩﺒﻪﺕ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ، ﺋﯘﻻﺭ: «ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻤﯩﺰ (ﻳﻪﻧﻰ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺑﻪﻧﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ)، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺍﻟﻠﻪ ﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎﮬﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﻤﯩﺰ» ﺩﻩﻳﺪﯗ. سۇرە بەقەرە: 156

ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ، ﺋﯘﺳﺴﯘﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ (79). ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎﻡ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﺎﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯗ (80). سۇرە شۇئەرا:79-80

بەشىنچى داۋا:

   ئەي كېسەلگە مۇپتىلا بىتاپ! بۇ زامانلاردا تەجرىبىلىرىم بىلەن قانائەت ھاسىل قىلدىمكى، كېسەللىك بەزىلەر ئۈچۈن ﷲنىڭ بىر ئېھسانىدۇر ۋە بىر مەرھەمەت ھەدىيەسىدۇر. بۇ سەككىزتوققۇز يىل ئىچىدە مېنىڭ بىر لاياقىتىم بولمىسىمۇ، بەزى ياشلار كېسەللىك مۇناسىۋىتى بىلەن دۇئا قىلىشىمنى ئۆتۈنۈشتى. دىققەت قىلدىمكى، قايسى كېسەلمەن ياشنى كۆرسەم، باشقا ياشلارغا نىسبەتەن، ئاخىرەتنى ئويلىنىشقا باشلىغان، ياشلىق مەستلىكى يوق، غەپلەت ئىچىدىكى ھايۋانى ھەۋەسلەردىن بىر ئاز ئۆزىنى قۇتقۇزىۋالغان ئىدى. مەنمۇ ئۇلارغا بەرداشلىق بېرەلەۋاتقان كېسەللىكلىرىنىڭ ﷲنىڭ بىر ئېھسانى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ قوياتتىم ۋە دەيتتىم: «قېرىندىشىم، سېنىڭ بۇ كېسىلىڭ ئۈچۈن دۇئا قىلىشقا ساڭا بىر شەپقەت ھېس قىلىپ ئىچ ئاغرىتالمايۋاتىمەن، كېسەللىك سېنى تامامەن ئويغاتقانغا قەدەر سەبىر قىل. كېسەللىك ئۆز ۋەزىپىسىنى تۈگەتكەندىن كېيىن رەھىملىك ياراتقۇچى ئىنشائاللاھ ساڭا شىپا بېرىدۇ

   يەنە دېگەن ئىدىم: «ساڭا ئوخشىغان بىر قىسىم ياشلار سالامەتلىك بالاسى ئارقىلىق غەپلەتكە چۈشۈپ، نامازنى تاشلاپ، قەبىرنى ئويلانماي، ﷲنى ئۇنتۇپ، دۇنيا ھاياتىنىڭ بىر سائەتلىك كىچىككىنە كەيپى بىلەن چەكسىز ئەبەدىي ھاياتىنى زىدىلەيدۇ، ھەتتا خاراپ قىلىشىدۇ. سەن بولساڭ، كېسەللىك كۆزى ئارقىلىق چوقۇم بارىدىغان يېرىڭ بولغان قەبىرنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئاخىرەتلىك يەرلىرىڭنى كۆرىسەن، ھەمدە ئۇ بويىچە ھەرىكەت قىلىسەن. سەن ئۈچۈن كېسەللىك بىر سالامەتلىك، ساڭا ئوخشاش بىر قىسىملارنىڭ سالامەتلىكى بولسا، بىر خىل كېسەللىكتۇر»


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.