!مۆئمىن قېرىندىشىڭغا ئاداۋەت ساقلىما

!مۆئمىن قېرىندىشىڭغا ئاداۋەت ساقلىما

  ئۈچىنچى نۇقتا: ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى بۇزغان شەيتاننىڭ بىر ھىيلە ـ مېكرى شۇدۇركى، بىر مۆئمىننىڭ بىر گۇناھى بىلەن بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى ياپىدۇ. شەيتاننىڭ بۇ ھىيلە ـ مىكرىگە قۇلاق سالغان ئىنساپسىزلار مۆئمىنگە ئاداۋەت قىلىدۇ . ھالبۇكى، ﷲ ھەشردە چەكسىز ئادالىتى بىلەن چوڭ تارازىدا ئەمەللىرىنى تارتقان ۋاقىتتا ياخشى ئەمەللىرىنىڭ گۇناھلىرىغا نىسبەتەن ئۈستۈن ياكى تۆۋەن كېلىشى نۇقتىسىدىن ھۆكۈم قىلىدۇ. ھەمدە گۇناھلارنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، قىلىنىشى ئوڭاي بولغانلىقتىن، بەزىدە بىرلا ياخشى ئەمەل بىلەن كۆپلىگەن گۇناھلارنى ياپىدۇ. دېمەك بۇ دۇنيادا ﷲنىڭ بۇ ئادالىتى بويىچە مۇئامىلە قىلىش كېرەكتۇر. ئەگەر بىر كىشىنىڭ ياخشىلىقلىرى، يامانلىقلىرىدىن سان ياكى سۈپەت جەھەتتىن كۆپرەك بولسا، ئۇ كىشى مۇھەببەتكە ۋە ھۆرمەتكە لايىقتۇر. ھەتتا قىممەتلىك بىر ياخشى ئەمىلى سەۋەبلىك كۆپ يامانلىقلىرىغا كەچۈرۈم بىلەن قاراش كېرەك. ھالبۇكى، ئىنسان يارىتىلىشىدىكى «زۇلۇم» ھېسسىياتى بىلەن شەيتاننىڭ قۇۋۋەت بېرىشى ئارقىلىق بىر زاتنىڭ يۈز ياخشى ئەمىلىنى بىرلا گۇناھى يۈزىدىن ئۇنۇتىدۇ، مۆئمىن قېرىندىشىغا ئاداۋەت قىلىپ گۇناھلارغا كىرىدۇ. بىر چىۋىن قانىتى كۆز ئۈستىگە قويۇلسا بىر تاغنى توسۇۋېلىپ كۆرسەتمىگىنىگە ئوخشاش، ئىنسان غەرەز ھېسسىياتى ئارقىلىق چىۋىن قانىتىچىلىك بىر يامان ئەمەل سەۋەبلىك تاغدەك ياخشى ئەمەللەرنى ياپىدۇ، ئۇنۇتىدۇ، مۆئمىن قېرىندىشىغا ئاداۋەت قىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدا بۇزغۇنچىلىق ئامىلى بولۇپ قالىدۇ.

  شەيتان بۇ ھىيلىسىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل ھىيلە بىلەن، ئىنساننىڭ ساغلام پىكرىنى بۇزۇشقا تىرىشىدۇ. ئىمان ھەقىقەتلىرىگە قارىتا توغرا چۈشەنچىلەردىن ئازدۇرىدۇ ۋە ئىستىقامەتلىك پىكىرلەرنى ۋەيران قىلىدۇ. يەنى:

  بىر ئىمان ھەقىقىتىگە دائىر يۈزلەرچە دەلىلئىسپاتلارنىڭ ھۆكۈمىنى، ئۇنى ئىنكار قىلىدىغان بىر ئەمارە(دەلىل) بىلەنلا يوققا چىقىرىشنى خالايدۇ. ھالبۇكى، مۇقەررەر بىر قائىدە باركى: «بىر ئىسپات قىلغۇچى نۇرغۇن ئىنكار قىلغۇچىلاردىن ئۈستۈن تۇرىدۇبىر دەۋانى ئىسپات قىلىدىغان بىر شاھىتنىڭ ھۆكۈمى، يۈز ئىنكار قىلغۇچىلارنىڭ ھۆكۈمىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. بۇ ھەقىقەتكە تۆۋەندىكى تەمسىل بىلەن قارا:

  يۈزلەرچە ئىشكى بولغان بىر ساراي بار. پەقەت بىر ئىشكىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن ئۇ سارايغا كىرگىلى بولىدۇ، باشقا ئىشىكلەرمۇ ئېچىلىدۇ. ئەگەر پۈتۈن ئىشىكلەر ئوچۇق بولسا، بىرئىككى دانىسى تاقاقلىق بولسا، ئۇ سارايغا كىرگىلى بولمايدۇ، دېيىلمەيدۇ.

  ئىمان ھەقىقەتلىرى ئۇ سارايدۇر. ھەربىر دەلىل بىر ئاچقۇچتۇر، ئىسپات قىلىدۇ، ئىشىكنى ئاچىدۇ. يالغۇز بىر ئىشىكنىڭ تاقاقلىق بولىشى بىلەن ئۇ ئىمان ھەقىقەتلىرىدىن ۋاز كېچىلمەيدۇ، ئىنكار قىلىنمايدۇ. شەيتان بولسا، بەزى سەۋەبلەرگە بىنائەن يا غەپلەت ۋەياكى جاھالەت ۋاستىسى بىلەن تاقاقلىق قالغان ئۇ بىر ئىشكنى كۆرسىتىدۇ، ئىسپات قىلغۇچى پۈتۈن دەلىللەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. «مانا، بۇ سارايغا كىرگىلى بولمايدۇ، ئىچىدە ھېچنېمە يوقتۇر» دەيدۇ، ئالدايدۇ.

  ئەي شەيتاننىڭ ھىيلىلىرىگە مۇپتىلا بولغان بىچارە ئىنسان! دىنىي ھايات، شەخسىي ھايات ۋە ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ سالامەت بولىشىنى تىلىسەڭ؛ ھەمدە ساغلام پىكىر، توغرا نەزەر ۋە دۇرۇست قەلب خالىساڭ: قۇرئانىي مۇھكەمات(ھۆكۈمى ئېنىق ئايەتلەرنىڭ) مىزانلىرى بىلەن ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ تارازىلىرى بىلەن ئەمەل ۋە ئويپىكىرلىرىڭنى تارت ۋە قۇرئاننى ۋە سۈننەتى سەنىييەنى دائىما رەھبەر قىل ۋە اَعُوذُ بِاللّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيم دە، جانابى ھەققە ئىلتىجا قىل.

  مانا بۇ ئون ئۈچ ئىشارەت ئون ئۈچ ئاچقۇچتۇر. قۇرئانى مۆجىزۇلباياننىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۈرىسى ۋە اَعُوذُ بِاللّهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيم نىڭ تەپسىلىيسى ۋە مەنبەسى بولغان

اَسْتَعِيذُ بِاللّهِ بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِمَلِكِ النَّاسِاِلهِ النَّاسِمِنْ شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِالَّذِى يُوَسْوِسُ فِى صُدُورِ النَّاسِمِنَ الْجِنَّةِ وَ النَّاسِ﴾

سۈرىسىنىڭ مۇداپىئە قورغىنى ۋە مۇستەھكەم قەلئەسىنىڭ ئىشىكىنى بۇ ئون ئۈچ ئاچقۇچ بىلەن ئاچ، كىر، سالامەت تاپ!

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ﴾

﴿رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُونِ﴾

ولسلام

——————————————————–

*ھەشر: قىيامەتتىن كىيىن بارلىق ئىنسانلارنىڭ قايتا تىرىلىپ مەھشەر مەيدانىدا توپلىنىشى.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.