مۇقەددىمە

مۇقەددىمە

“…. ساھىلى سالامەت بولغان دارۇسسالامغا (جەننەتكە) ئۈممەتى مۇھەممەدىيەنى (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) چىقارغان بىر رەببانىي كېمىدە ئىشلەۋاتقان خادىملارمىز.”

بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى

بِسْمِ اللٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

اَلْحَمْدُ لِلٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ وَ الصَّلاَةُ وَ السَّلاَمُ عَلَى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ وَ عَلَى آلِهِ وَ صَحْبِهِ اَجْمَعِينَ

مۇقەددىمە

  بىز شەرىھ قىلغان بۇ ’’ئون بىرىنچى سۆز‘‘، شەمىس سۈرىسىنىڭ 1دىن10ئايىتى كەرىمىلىرىنىڭ تەپسىرىدۇر. رىسالەئى نۇردىكى باشقا بەھىسى بايانلارغا ئوخشاش، بۇ مەسىلىمۇ قۇرئاندىن ئېلىنغان بىر ئىمانىي دەرىستۇر.

  رىسالەئى نۇردىكى بارلىق ئىمانى ۋە ئىسلامى مەسىللەر بىززات توغرىدىنتوغرا قۇرئاننىڭ ۋە قۇرئاننىڭ ئەڭ بۈيۈك مۇپەسسىرى بولغان ھەدىسنىڭ مېلىدۇر. بۇ سەۋەپتىن، ئىمانغا ۋە ئىسلامغا ئائىت بىر مەسىلە ئوقۇلغان ۋاقىتتا مەھازىدىكى قۇدسىيەت يەنى مەنبەدىكى مۇقەددەسلىك سەۋەبىدىن ئۇ مەسلىلەر ئىچىدە قۇرئان ۋە ھەدىسنى تىپىش لازىمدۇر. ھەم قۇرئانغا ئائىت بىر مەسىلە چۈشەندۈرۈلگەندە نەزەرلىرمىز ئەۋۋەلا قۇرئان ئايەتلىرىگە بۇرىلىشى لازىم.

  مۇئەللىپ بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) بايان قىلىنغان مەۋزۇتىما ھەققىدە سۈنۇخاتناملىق ئەسىردە شۇنداق دەيدۇ: “ئاۋام خەلىققە بورھاندىن بەكراق مەھازدىكى قۇدسىيەت بويسۇنۇشىغا تۈرىتكە بولىدۇ.” مۇجتەھىتلەرنىڭ كىتابلىرى ۋەسىلىگە ئوخشاش ئەينەكتەك قۇرئاننى كۆرسىتىشى لازىم، ھەرگىزمۇ ۋەكىل ۋە كۆلەڭگە بولوپ قالماسلىقى كىرەك.

  ئەگەر دىننىڭ زۆرۇرىيەت قىسمىدا بىۋاستە قۇرئان كۆرسىتىلگەن بولسا ئىدى، زىھىنلەر تەبىئىي ھالدا مۇشەۋۋىقى ئىمتىسال يەنى قۇرئان ئەمىرىلىرگە بويسۇنۇش قىزغىنلىقى ۋە شەۋقى پەيدا بولۇپ، مۇقىزى ۋىجدان يەنى ۋىجدانىنى ئىقاز قىلىپ غەپلەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋە زاتى لازىمى بولغان يەنى تۈپ لازىمى بولغان مۇقەددەسلىككە (يەنى قۇرئانغا) يۈزلەنگەن بولاتتى. ۋە بۇ شەكىلدە قەلىبكە مەلەكەئى خاسساسىيەت يەنى ئىنچىكىلىك ۋە سەزگۈرلىك يەرلىشىپ، ئىماننىڭ ئەسكەرتىشئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارشى ئاسام يەنى گاسگالۋاڭ قالمىغان بولاتتى.

  دېمەك شەرىئەت كىتاپلىرى بىرەر سۈزۈك پارلاق ئەينەك ماھىيىتىدە بولىشى لازىم تۇرۇقلۇق، زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن تەقلىتچىلىرىنىڭ خاتالىقى سەۋەبىدىن داتلىشىپ پەردە بولۇپ قالغاندۇر. شۇنداق، بۇ كىتاپلار قۇرئانغا تەپسىر بولۇش لازىم تۇرۇقلۇق، تەسنىفات بولۇپ قالغان ئۆز ئالدىغا ئايرىم مۇستەقىل ھالدا ئوقۇلىدىغان كىتاپ ئورنىغا ئۆتۇپ قالغان.

  مەسىلەن: بىر ئادەمئبنى ھاجەرگە نەزەر سالغان ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ ئىبنى ھاجەرنىمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىش مەقسىتى بىلەن ئەمەس بەلكى قۇرئاننى چۈشىنىش ۋە قۇرئاننىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى ئۈگىنىش مەقسىتى بىلەن قاراش لازىم.

  ئەگەر ئىسلام جامائەتلىرىنىڭ ھاجاتى زارۇرىيەئى دىنىيەسى يەنى دىنى زۈرۈرى ئىھتىياجلىرى بىۋاستە قۇرئانغا يۈزلەنگەن بولسا ئىدى، ئۇ كىتابى مۇبىن، مىليونلارچە كتاپلارغا تەقسىم قىلىنغان قىزىقتۇرۇشلاردىن تىخىمۇ شىددەتلىك بىر قىزىقىشقا، ئھتىياج نەتىجىسى بولغان يۈزلىنىشكە ئىگە بولىدۇ ۋە بۇ شەكىلدە كەڭ خەلىق ئاممىسى ئۈستىدىن پۈتۈن مەنىسى بىلەن ھاكىم ۋە نۇپۇزلۇق تەسىرگە ئىگە بولاتتى. يالغۇزلا تىلاۋەت قىلىنىشى بىلەن تەۋەرۈك بولغان مۇبارەك بىر كتاپ ئورنىغا چۈشۈپ قالمايىتتى.(سۈنۇھات، س.22-24.)

  مانا بۇ دەستۇرلارغا بىنائەن رىسالەئى نۇردىكى ھەر بىر ئىمانى مەسىللەرنى ئوقوغاندا ۋە چۈشەندۈرگەندە، ئەۋۋەلا قۇرئاننى چۈشىنىش ۋە قۇرئاننىڭ نىمە دەۋەتقانلىقىنى چۈشىنىش مەقسىتى بىلەن نەزەر سېلىشىمىز كېرەك. ھەرگىزمۇ رىسالەئى نۇرنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقى چۈشىنىش مەقسىتىدە ئەمەس. چۈنكى رىسالەئى نۇر ئىزاھ قىلغان ھەربىر مەسىلىدە نەزەرلەرنى ھەمىشە قۇرئانغا بۇرىماقتا ۋە ئۇ مەسىلىنى قۇرئانغا ئەينەك قىلماقتىدۇر. مۇئەللىپ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) “28مەكتۇب، 7.مەسىلىسىدە بۇ ھەقىقەتنى ئىپادە قىلغان بولۇپ، مۇراجەئەت قىلىنسا بولىدۇ.

  ئۇنۇتۇلماسلىقى كىرەكتۇركى، ئوقولۇشى بىلەن ئىبادەت بولىدىغان ۋە ھەربىر ھەرپىگە ئەڭ ئاز ئون ساۋاپ يېزىلىدىغان يىگانە كىتاپ قۇرئانىھەكىمدۇر. ئەگەر ئوقولغان ئەسەردە دىققەت نەزىرى ئايەتلەرگە بىرىلمىسە ۋە ئەسەردە زىكىر قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇلمىسا، ئۇ دەرىس ئىبادەت بولمىغىنىغا ئوخشاس ساۋاپمۇ قازىنىلمايدۇ. (فىقىھى كتابى بولغان ئىبنىھاجەرنىڭ مۇستەققل بىر كتاب نىيىتى بىلەن ئوقۇلغىنىغا ئوخشاش.)

  رىسالەئى نۇر تەۋەرۈك سۈپتىدە ئوقۇلىدىغان مۇستەققل بىر كتاب ئەمەس. پەقەت ۋە پەقەت قۇرئاننىڭ سېرلىرىنى چۈشىنىش نىيىتى بىلەن ئوقۇلىشى كىرەك. بۇ سەۋەپتىن رىسالەئى نۇردىكى ئىمانغا ئائىت ۋە قۇرئانغا ئائىت مەسىلىلەر ئوقۇلغاندا، بېشىدىكى ئايىتى كەرىمىنىڭ ھىچ بولمىغاندا قىسقا مەنىسىنى ئۈگىنىش ۋە ئۇنىڭغا ئاساسەن ئۇ مەنىۋى تەپسىرنى ئوقۇش ۋە چۈشىنىش لازىم. چۈنكى ئۇ مەسىلە، ئۇ ئايەتتىكى قۇرئاننىڭ ئىئجازىدىن(مۇئجىزجىزلىكىدىن) دەرىس بەرمەكتە. ئايەتنىڭ مەنىسى بىلىنمىسە، ئۇ قۇرئاننىڭ ئىئجازىمۇ بىلىنمەيدۇ.

  بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسىنىڭ (ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) “قۇرئانغا ئائىت مەسلىلەر بىلەن مەشغۇل بولۇش بىر تۈرلۈك مەنىۋى مۇتەپەككۇرانە قۇرئان ئوقۇش ھۆكمىدە بولىدۇ. ھەم ئىبادەت، ھەم ئىلىم، ھەم مەرىپەت، ھەم تەپەككۇر، ھەم قۇرئان قىرائىتى مەنىلىرى رىسالەئى نۇرنى ئىستىنساھ يەنى كۈچۈرۈش ۋە مۇتالىيەسىدە باردۇر.” (بارلا لاھىقاسى، 334.بەت) دېگەن ئىپادىلىرىدىكى مۇراتمەقسىتى شۇدۇركى:

  رىسالەئى نۇردا ئورۇن ئالغان ئىمانغا ئائىت بولغان ھەر بىر مەسىلە، ئىككى يۈز قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ خۇلاسىسى ۋە ئىزاھىدۇر. بىنائەن ئەلەيىھ(شۇنىڭ ئۈچۈن)، رىسالەئى نۇرنى ئوقۇغان بىر كىشى ئوقۇۋاتقان تىمىنىڭ قايسى ئايىتى كەرىمىدىن سۈزۈلۈپ كەلگەنلىكىنى تېپىپ چۈشىنىشى ۋە ئۇ مەۋزۇنى ئۇ ئايىتى كەرىمىنىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇشى لازىم. بولمىسا ھاشا!(ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس)- ھەرگىزمۇ رىسالەئى نۇرنى قۇرئاندىن ئايرىپ مۇستەقىل بىر ئەسەر دەپ قاراپ قۇرئاننىڭ ئورنىغا ئۇنى ئوقۇش دىگەنلىك ئەمەستۇر.

  رىسالەئى نۇرنىڭ مۇئەللىپى رىسالەئى نۇرنى ئۆز شەخسىيىتىگە باغلىمىغانلىقىغا ئوخشاش، ئوقۇرمەنلەرمۇ بۇ ئەسەرلەرنى ئۇستادنىڭ شەخسىيىتىگە باغلىماسلىقى كېرەك ۋە ئۇ ئەسەرلەردە توغرىدىن توغرا قۇرئاننى كۆرۈپ، ئوقۇلغان مەۋزۇنى قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ تەپسىرى نىيىتى بىلەن ئوقۇشى لازىم. چۈنكى رىسالەئى نۇر قۇرئاننىڭ تەپسىرىدۇر، ئۇستادنىڭ كەرىھاسىدىن چىققان يەنى شەخسى ئويپىكرىدىن ئوتتۇرغا چىققان بىر ئەسەر ئەمەستۇر.

  شۇنداق، مادەم رىسالەئى نۇر دەرىسلىرى قۇرئان دېڭىزىدىن ئېقىپ كەلمەكتىدۇر. ئۇنداقتا ئوقۇلغان دەرىسلەر، مەھازى بولغان يەنى ئۆز مەنبەسى بولغان قۇرئانغا باغلىنىشى لازىم. ئۇ ۋاقىتتا دەرىس، ھەقىقى ئۇستازى بولغان قۇرئاندىن بىۋاستە ئېلىنغان دەرىس بولىدۇ. شەخىس ئارلىققا كىرىپ كۆلەڭگە بولۇپ قالمايدۇ. ئەكسچە بولسا، دەرىس شەخىسكە تاياندۇرۇلىدۇ، مۇقەددەسلىك يوقايدۇ ۋە دەرىسنىڭ مەنىۋى تەسىرى بولمايدۇ.

  دىمەك، دەرىسنى شەخىسكە بەرمەستىن بىۋاستە قۇرئانغا باغلانغاندا، ئۇ دەرىسلەردىكى مەنىۋى كۈچنىڭ تەسىرى بولىدۇ ۋە فەيىز يەنى مەنىۋى زوق ئېلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۇ دەرىسنى ئالغان كىشى ئۆزىنى بىر مەنىۋى كۈچنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدا كۆرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئۇ مەنىۋى كۈچ سايىسىدا گۇناھلاردىن ساقلىنىشقا تىرشىدۇ.

  قۇرئان بىلەن ئالاقىسى قۇرۇلمىغان بىر دەرىس بولسا، قىسقا بىر ۋاقىتتىن كېيىن تەسىرى يىتتۈرۈپ قويىدۇ ۋە مەنىۋى تەسىر كۈچى رولىمۇ يوقاپ كېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئوقۇلغان مەۋزۇ چۈشىنىلمىگەنلىكتىن خاتا يوللارغا سېپىلىپ كېتىدۇ ۋە گۇناھلارغا كېرىپ قىلىشى مۇمكىن. نەئۇزۇبىللاھ.

  خۇلاسە: رىسالەئى نۇردىكى مەسىلىلەر مۇتەپەككۇرلارچە(تەپەككۇر بىلەن)، مۇدەققىقلارچە(تەتقىق بىلەن) ۋە قۇرئاننىڭ بىر تەپسىرى نىيىتى بىلەن مۇتالىيە قىلىنىشى كېرەك. رىسالەئى نۇر مۇستەققىل بىر ئەسەر دەپ قارىلىپ ئوقۇلماسلىقى كىرەك. قۇرئاننىڭ مەنىۋى تەپسىرى بولغان بۇ ئەسەر قۇرئانغا خدىم يەنى خىزمەتكار بولىشى كېرەك ۋە قۇرئاننىڭ ئورنىغا ئۆتىۋالماسلىقى لازىم. بەلكى قۇرئاننى ئۈگىنىش ۋە دەردىنى قۇرئان بىلەن داۋالاش مەقسىتى بىلەن ئوقۇلىشى لازىم. “دەرت بىزنىڭ، دەرمان بولسا قۇرئاننىڭدۇر.” دىگەندۇر ئۇستاد ھەزرەتلىرى.

  دېمەك، بىز نەشر قلغان ئون بىرىنچى سۆز ۋە شەرھىئىسمدىكى بۇ ئەسەر، يۇقارىدا كۆرسىتىلگەن ئۇلئاساسلار بىنائەن قەلەم تەۋرىتىلگەندۇر. ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭمۇ رىسالەئى نۇرنى ۋە بىز نەشر قىلماقچى بولغان ئەسەرلەرنى بۇ ئۆلچەمپىرىنسىپلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ئاساستا ئوقۇشلىرىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.

غەيرەت ۋە تىرشچانلىق بىزدىن، تەۋپىق ئاللاھتىندۇر.

-نەشر قلغۇچىلار


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.