نىمشقا ئۆيلەنمىدىڭ ؟

نىمشقا ئۆيلەنمىدىڭ ؟

(باشقا سىرتقى ئەللەردە مۇھىم يەرلەردە گېزىتلەر ئارقىلىق سورالغان: «نېمە ئۈچۈن سۇننەتى سەنىييەگە خىلاپ ھالدا ئۆيلەنمىدىڭ؟» دېگەن سوئالغا بىر جاۋابتۇر.)

   بىرىنچىدىن: مەكتۇبىڭلارنى ناھايىتى بىتاپ بولغان ئۇستازىمىزغا ئوقۇدۇق. ئۇستازىمىز بولسا: «مەن ئېغىر كېسەل بولمىغان بولسام، بۇ تولىمۇ قىممەتلىك، دىققەتلىك ۋە مۇبارەك قېرىنداشلىرىمغا تەپسىلىي بىر جاۋاب يازغان بولاتتىم. بىراق بۇ ئېغىر ۋەزىيىتىم بۇنىڭغا يول قويمىغانلىقتىن، ناھايىتى قىسقا بىر نەچچە نۇقتىنى ئۇ مۇبارەك ۋە سەمىمىي قېرىنداشلىرىم ۋە قۇرئان خىزمىتىدىكى دوستلىرىمغا يازارسىلەردېدى.

  بىرىنچىسى: قىرىق يىلدىن بېرى ناھايىتى دەھشەتلىك بىر دىنسىزلىكنىڭ ھۇجۇمى قارشىسىدا، ھەر نەرسىسىنى پىدا قىلىدىغان ھەقىقىي پىداكارلار لازىم بولغان بىر پەيتتە، قۇرئانى ھەكىيمنىڭ ھەقىقىتىگە، پەقەت دۇنيالىق سائادىتىمنىلا ئەمەس، بەلكى كېرەك بولسا ئاخىرەتلىك سائادىتىمنىمۇ پىدا قىلىشنى قارار قىلدىم. بىر سۈننەت ھېسابلانغان ۋاقىتلىق دۇنيا ئاياللىرىنى ئېلىش ئەمەس، ھەتتا بۇ دۇنيانىڭ ئۆزىدە ماڭا ئون ھۆرى ماڭا بېرىلسىمۇ تاشلاشقا مەجبۇر ئىدىم. شۇندىلا ھەقىقىي ئىخلاس بىلەن قۇرئان ھەقىقەتلىرىگە خىزمەت قىلالايتتىم. چۈنكى بۇ دەھشەتلىك دىنسىزلىك كومىتېتلىرى، شۇنداق دەھشەتلىك ھۇجۇملارنى ۋە ھىيلەمىكىرلەرنى قوللاندىكى، بۇلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بەكمۇ يۈكسەك پىداكارلىك قىلىش ۋە دىنىي ھەرىكىتىنى ﷲ رىزاسىدىن باشقا ھېچبىر نەرسە ئۈچۈن ۋاستە قىلماسلىق لازىم ئىدى. بىچارە بىر قىسىم ئالىملار ۋە تەقۋادار كىشىلەر بالاچاقىسىنىڭ تىرىكچىلىك دەردىنى دەپ بىدئەتلەرگە پەتىۋا بېرىشتى ياكى تەرەپدار كۆرۈنۈشتى، بولۇپمۇ دىن دەرسلىرىنى ۋە ئەرەبچە ئەزاننى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتەك دەھشەتلىك ھۇجۇملارغا قارشى ئۈستۈن بىر پىداكارلىق، ئۈستۈن بىر مۇستەھكەملىك، ھەمدە دۇنيالىق ھەر نەرسىدىن ئىستىغنا (ئۆزىنى قاچۇرۇش) زۆرۈرىيىتى قارشىسىدا مەن بىر سۈننەتى سەنىييە بولغان ئۆيلىنىش ئادىتىنى، كۆپلىگەن ھاراملارغا كىرمەسلىك ۋە كۆپلىگەن ۋاجىپ ۋە پەرزلەرنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تەرك قىلدىم. بىر سۈننەت يۈزسىدىن يۈز گۇناھقا كىرىلمەيدۇ. چۈنكى بۇ قىرىق يىل ئىچىدە بىر سۈننەتنى ئورۇنلىغان بەزى موللىلار ئون گۇناھ ۋە ھاراملارغا كىرىشكە، بىر قىسىم سۈننەت ۋە پەرزلەرنى تاشلاشقا ئۆزىنى مەجبۇر بىلىشتى.

  ئىككىنچىدىن: قۇرئانى كەرىمدىكى

﴿فَانْكِحُوا مَا طَابَ لَكُمْ

ۋە ھەدىسى شەرىفتىكى تَنَاكَحُوا تَكَاثَرُوا (ئۆيلىنىڭلار، كۆپىيىڭلار…) غا ئوخشاش ئەمرلەر دائىمىي ۋە ۋۇجۇبىي (قەتئىي) ئەمر ئەمەستۇر. بەلكى ئىستىھبابىي (ياخشى كۆرۈلگەن) ۋە سۈننەت ئەمرلەردۇر. ھەم شەرتلەرگە باغلىقتۇر. شۇنداقلا ھەركىم ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئەمەستۇر.

  شۇنداقلا لاَ رُهْبَانِيَّةَ فِى اْلاِسْلاَمِ «راھىپلىق ئىسلامىيەتتە يوقتۇر» مەنىسى، «راھىپلاردەك بويتاق قېلىش رەت قىلىنىدۇ، ھەقىقەتسىزدۇر، ھارامدۇر» دېمەك ئەمەستۇر، بەلكى خَيْرُ النَّاسِ مَنْ يَنْفَعُ النَّاسَ ھەدىسىنىڭ سىرى بويىچە، ئىجتىمائىي ھاياتقا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي بىر ئىسلام ئادىتىگە رىغبەتلەندۈرۈشتۇر. بولمىسا سەلەفى سالىھىندىن مىڭلارچە ھەقىقەت ئەھلى ئەبەدىي ھاياتلىرىغا دەل خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، يالغۇزلۇقنى ۋە غارلارنى ۋاقتىنچە ئىختىيار قىلىپ، دۇنيانىڭ فانىي زىننەتلىرىدىن ئىستىغنا قىلىپ، يالغۇزلۇقنى تاللاشقان. مادەم شەخسىي ۋە خۇسۇسىي بولغان باقىي ھاياتقا ئائىت كامالىتى ئۈچۈن دۇنيانى تەرك قىلغانلار سەلەفى سالىھىندىن كۆپ بولغان. ئۇنداقتا خۇسۇسىي ئەمەس، ئومۇمنى كۆزدە تۇتۇپ، كۆپلىگەن بىچارىلەرنىڭ باقىي سائادەتلىرى ئۈچۈن، زالالەتكە چۈشمەسلىكلىرى، ئىمانلىرىنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ قۇتقۇزۇشلىرى ئۈچۈن، ھەمدە قۇرئان ۋە ئىمان خىزمىتىگە دەل خىزمەت قىلىش، شۇنداقلا سىرتتىن كەلگەن، ئىچتىن چىققان دىنسىزلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكۈنچى ۋە فانىي دۇنياسىنى تەرك قىلىش، ئەلۋەتتە سۈننەتى سەنىييەگە زىت ئەمەس، بەلكى سۈننەت ھەقىقىتىگە ئۇيغۇنلۇقتۇر. سىددىقى ئەكبەر ھەزرىتى ئەبۇبەكىرنىڭ (ر.ئە) «جەھەننەمدە بەدىنىم چوڭايسۇن، مۇسۇلمانلارنىڭ كىرىشىگە ئورۇن قالمىسۇن» دېگەن پىداكارلىقتىكى تولىمۇ ئۈستۈن ساداقىتىنىڭ بىر زەررىسىنى قازىنىش پىكرى بىلەن، بىچارە سەئىد پۈتۈن ئۆمرىدە بويتاقلىقنى، ئىستىغنانى ئىختىيار قىلدى.

  ئۈچىنچىدىن: رىسالەئى نۇرنىڭ شاگىرتلىرىغا «باشقىلار ئۆيلەنسىمۇ سىلەر ئۆيلىنىشتىن ۋاز كېچىڭلار» دېيىلمىگەن، ھەم دېيىلمەيدۇ. بىراق شاگىرتلار بىر قانچە تەبىقىدۇر. بىر تەبىقىنىڭ ھەقىقىي ئىخلاسنى يوقىتىپ قويماسلىق، ھەقىقىي بىر پىداكارلىق ۋە ئۈستۈن بىر ساداقەت ئېلىپ يۈرۈش ئۈچۈن، دۇنيالىق ئىھتىياجلارغا مۇمكىن بولىشىچە ئۆمرىنىڭ ۋاقىتلىق بىر قىسمىدا باغلانماسلىقى بۇ زاماندا لازىم كېلىۋاتىدۇ.

  ئەگەر قۇرئان ۋە ئىمان خىزمىتىدە ياردەمچى بولىدىغان ئايال تاپسا ئالىدۇ، خىزمىتىگە زىيان بەرمەيدۇ. ئەلھەمدۇلىللاھ بۇ تۈردىن كۆپ نۇر تالىپلىرى بار، ئاياللىرى ئۇلاردىن كېيىن قېلىشمايۋاتىدۇ، ھەتتا ئۇ ئاياللار ئۆزىدىكى شەپقەتتىن كەلگەن، ھەق تەلەپ قىلمايدىغان تەبىئىي قەھرىمانلىق ۋە ئىخلاس جەھەتتىن تېخىمۇ ئېشىپ كېتەلەيدۇ. نۇر شاگىرتلىرىنىڭ يېتىشكەن قىسىملىرىدىن كۆپىنچىسى ئۆيلەنگەندۇر، بۇ سۈننەتنى ئورۇندىغاندۇر. رىسالەئى نۇر ئۇلارغا دەيدۇكى: ئائىلەڭلار كىچىك بىر نۇر مەدرىسىسى، بىر ئىرفان مەكتىپى بولسۇن، شۇندىلا بۇ سۈننەت دەل ئورۇنلانغان بولىدۇ ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ مېۋىسى بولغان بالىلىرىڭلار سىلەرگە ئاخىرەتتە شاپائەتچى، بۇ دۇنيادا ئىمان دەرسىنى ئېلىپ ھەقىقىي بىر ئەۋلاد بولىدۇ. بولمىسا بۇ ئوتتۇز يىل ئىچىدە قىسمەن كۆرۈلگىنىدەك، ئۇ بالىلارغا پەقەتلا غەربنىڭ مەدەنىيەت تەربىيىسى بېرىلسە بىر جەھەتتىن ئۇ بالىلار دۇنيادا پايدىسىز ۋە ئاخىرەتتە دەۋاگەر بولۇپ، «نېمە ئۈچۈن ئىمانىمنى قۇتقازمىدىڭلار؟» دەپ، ئاتائانىسىنى ئەلەمگە قالدۇرىدىغان ئىش بولسا، سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھىكمىتىگە زىت بولىدۇ.

سەئىد نۇرسى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.