وَلاَ الضَّالِّينَ كەلىمىسىنىڭ ئىزاھى

وَلاَ الضَّالِّينَ  كەلىمىسىنىڭ ئىزاھى

وَلاَ الضَّالِّينَ كەلىمىسىنىڭ ئىزاھى

  رىسالەئى نۇر مەجمۇئاسىدا بار بولغان ۋە ئەسلى نۇسخسى ئەرەپچە بولغان ئەسەرلەرنىڭ تۈركچىگە تەرجىمىسىدە بەزى خاتالىقلار تېپىلماقتا. بۇ خاتالىقلارناھايتى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك خاتا ئۇقۇملارغا ۋە مەنە قېيىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىزاھلىرى يېزىلغاندا ئەرەپچە ئەسلى نۇسخىسىغا قاراش زۈرۈرىيتى تۇغۇلماقتا. مەسىلەن: بۇ تۈرلۈك ئەھمىيەت بىرىشكە ئەرزىيدىغان بىر خاتالىق”ئىشاراتۇل ئىجاز“ تەرجىمىسىدە بار. فاتىھە سۈرىسىدىكى وَلاَ الضَّالِّينَ كەلىمىسىنىڭ ئىزاھىدا شۇنداق دىيىلىپ قالغان:

  ” ئۈچىنچى جۈملە بولسا، ۋەھىمە ۋە ھەۋايى نەپىسنىڭ ئەقىل ۋە ۋىجدانىغا غالىپ كىلىشى سەۋەپلىك باتىل بىر ئىتىقاتقا كىرگەن بىر قىسىم ناسارا(خىرىستىيانلار)دۇر.

  ھالبۇكى، ئەسەرنىڭ ئەرەپچە ئەسىلى نۇسخىسىدا بىر قىسىم دەپ قەيىت قىلىنمىغان. تۆۋەندىكىچە:

أما ولا الضالين فالمراد منه الذين ضلوا عن الطريق بسبب غلبة الوهم والهواء على العقل والوجدان ووقعوا فى النفاق بالإعتقاد الباطل كسفسطة النصارى

ئەمما ولا الضالين ئازغانلار گورۇھىغا كەلسەك، ئۇنىڭدىكى مۇرات مەقسەت شۇدۇركى: ۋەھىمە ۋە ھەۋايى نەپىسنىڭ ئەقىل ۋە ۋىجدان ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى سەۋەبى بىلەن ھەق يولدىن يەنى سىراتى مۇستەقىمدىن ئاداشقان ۋە باتىل بىر ئىتىقات بىلەن نىپاققا كىرگەن كىشىلەردۇر. خىرىستىيانلارنىڭ سەپسەتىسگە ئوخشاش.“

  دىققەتسىزلىق بىلەن قويۇلغان ”بىر قىسىم ناسارا(خىرىستىيانلار) قەيتى بولسا ناھايتى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك مەنە قېيىپ كىتىشكە سەۋەپ بولماقتا ۋە گوياكى ۋەھىمە ۋە ھەۋايى نەپىسىنىڭئەقىل ۋە ۋىجدان ئۈستىدىن غەلبە قىلىشى سەۋەبلىك ھەق يولدىن يەنى سىراتى مۇستەقىمدىن ئاداشقان ۋە باتىل بىر ئىتىقات بىلەن نىپاققا كىرگەن ئومۇم خىرىستىيانلار ئەمەس بەلكى پەقەتلا بىر قىسىم خىرىستىيانلاردۇر دىگەنگە ئوخشاش باتىل بىر مەنە چۈشىنىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ئەرەپچە ئەسلىدە نۇسخىسىدا ”بىر قىسىم“ قەيتى يوقتۇر. باشتا رەسۇلى ئەكرەم (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) ۋە ساھابى كىرام باشتا بولۇش بىلەن بىرگە پۈتۈن چوڭ مۇپسسىرلەر ولا الضالين كەلىمىسىنى خىرىستىيانلار دەپ تەپسىر قىلغان. شۇنداق، باشتا ئىبنى ئابباس قاتارلىق كۆپلىگەن مۇپەسسىرلەر، ئەھمەد ئىنى ھەنبەل، ئىبنى ھىببان ۋە تىزمىزىنىڭ ئادىي ئىبنى خاتىمدىن رىۋايەت قىلغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىسىگە تايىنىپ فاتىھە شەرىپتە ئۆتكەن الْمَغْضُوبِ عَلَيْهِمْ دىكى مۇرات مەقسەتيەھۇدىلار؛ الضَّالّينَ دىكى مۇرات مەقسەت بولسا خىرىستىيانلار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.