ياشلارغا خىتاپ

ياشلارغا خىتاپ

ئون ئۈچىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى ماقامى

(جەلپ قىلارلىق فىتنە ئىچىدە بولغان ۋە تېخى ئەقلىنى يوقاتمىغان بەزى ياشلار بىلەن بولغان سۆھبەت)

  ھازىرقى ئالدامچى، جەلپ قىلارلىق كەيپساپا ۋە فىتنىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن بىر قىسىم ياشلار «ئاخىرىتىمىزنى قانداق قۇتقۇزىمىز؟» دەپ، رىسالەئى نۇردىن ياردەم سوراشتى. مەنمۇ رىسالەئى نۇرنىڭ مەنىۋى شەخسى نامىدىن ئۇلارغا دېدىمكى: قەبىر بار. ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. خالىسىمۇ، خالىمىسىمۇ ھەركىم ئۇ يەرگە كىرىدۇ، ئۇ يەرگە كىرىشتىمۇ ئۈچ شەكىلدىن باشقا يول يوق.

  بىرىنچى يول: ئۇ قەبىر، مۆئمىنلەر ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن تېخىمۇ ياخشى بىر ئالەمنىڭ ئىشىكىدۇر.

  ئىككىنچى يول: ئاخىرەتنى تەستىق قىلغان، بىراق كەيپ–ساپا ۋە زالالەت يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر تۈرمە ۋە بارلىق دوستيېقىنلىرىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالىدىغان بىر يالغۇز كىشىلىك تۈرمە ئىشىكىدۇر. ئېتىقاد قىلغىنى ۋە ئىشەنگىنى بويىچە ھەرىكەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق مۇئامىلە كۆرىدۇ.

ئۈچىنچى يول: ئاخىرەتكە ئىشەنمىگەن ئىنكارچىلار ۋە زالالەتتىكىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا (ئۆلۈم جازاسى ئارقىلىق) ئەبەدىي يوق بولۇش(ھالاك بولۇش) ئىشىكىيەنى، ھەم ئۆزىنى، ھەم ياخشى كۆرگەنلىرىنى ئېسىپ ئۆلتۈرىدىغان داردۇر. شۇنداق دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن ئەينەن شۇنداق جازانى ئازاپلىق ھالدا تارتىدۇ. بۇ ئىككى يول ئېنىقتۇر، دەلىل خالىمايدۇ، كۆز بىلەن كۆرىنىدۇ.

  ھېلىمۇ ئەجەل يوشۇرۇندۇر. ھەر ۋاقىت ئۆلۈم باشنى ئېلىش ئۈچۈن كېلىشى مۇمكىن، ھەمدە ياشقېرى دېمەيدۇ. ئەلۋەتتە دائىم كۆز ئالدىدا بولغان شۇنداق چوڭ ۋە دەھشەتلىك مەسىلە قارشىسىدا بولغان بىچارە ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك ئۆلۈم جازاسى ۋە ئۇ تېگى يوق، چېكى يوق يالغۇز كىشىلىك تۈرمىدىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئىزدەش، ھەمدە ئۆزى ئۈچۈن قەبىر ئىشىكىنى ئەبەدىي بىر ئالەمگە، مەڭگۈلۈك بەختسائادەتكە ۋە بىر نۇر ئالىمىگە ئېچىلغان ئىشىكىگە ئۆزگەرتىش مەسىلىسى ئۇ ئىنساننىڭ دۇنياچىلىك چوڭ بىر مەسىلىسىدۇر.

  بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر. يەنى ئۆلۈمگە ئۈچ يول بار. ئۇ ئۈچ يولنىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغىنىدەك، ئۈچ ھەقىقىتى بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن يۈز يىگىرمە تۆت مىڭ سادىق خەۋەرچىلەر يەنى، قوللىرىدا مۆجىزىلەردىن ئىبارەت تەستىق بەلگىلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر؛ شۇنداقلا ئۇلارنىڭ شۇ خەۋەرلىرىنى كەشف*، كارامەت ۋە كۆرۈش ئارقىلىق تەستىق قىلغان ۋە ئىمزالىغان، ھەمدە شۇ ھەقىقەتكە شاھادەت** ئەتكەن يۈز يىگىرمە تۆت مىليون ئەۋلىيالار ۋە يەنە قەتئىي دەلىللىرى ئارقىلىق ئۇ پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالار بەرگەن دەل شۇ خەۋەرلەرنى ئەقلىي ھالدا ئىلمەليەقىن*** دەرىجىسىدە(ھاشىيە)****ئىسپات قىلغان سانساناقسىز ھەقىقەتپەرۋەرلەر يۈزدە توقسان توققۇز قەتئىي ئېھتىمال بىلەن: «ئۇ ئۆلۈم جازاسى ۋە مەڭگۈلۈك تۈرمىدىن قۇتۇلۇش ۋە ئۇ يولنى ئەبەدىي بەختسائادەتكە ئېرىشىش يولىغا ئۆزگەرتىش، پەقەتلا ئىمان ۋە ئىتائەت بىلەن بولىدۇدەپ ئىتتىپاق بىلەن خەۋەر بېرىشىدۇ. ئەجەبا يۈزدە بىر ئېھتىمال بىلەن ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدىغان بىر خەتەرلىك يول بولسا، ئۇ يولدا ماڭماسلىق ئۈچۈن بىرلا خەۋەرچىنىڭ سۆزىگە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي ئۇ يولدا ماڭغان كىشىنىڭ ھالاكەت ئەندىشىسىدىن كەلگەن مەنىۋى ئەلەم ئۇنىڭ تاماق ئىشتىھاسىنى قاچۇرىدىغان تۇرۇقلۇق؛ يۈز مىڭلىغان سادىق ۋە ئىشەنچلىك خەۋەرچىلەر يۈزدە يۈز ئېھتىمال بىلەن، زالالەت ۋە كەيپساپانىڭ، كۆز ئالدىدىكى قەبىر دارىغا ۋە مەڭگۈلۈك يالغۇز كىشىلىك تۈرمىگە قەتئىييەن سەۋەب بولىدىغانلىقىنى؛ ئىمان ۋە ئىبادەت بولسا، يۈزدە يۈز ئېھتىماللىق بىلەن ئۇ دارنى ئېلىپ تاشلاپ، ئۇ يالغۇز كىشىلىك تۈرمىنى تاقاپ، شۇ كۆز ئالدىدىكى قەبىرنى بىر ئەبەدىي خەزىنىگە، سائادەت سارىيىغا ئېچىلغان بىر ئىشىككە ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىپ، ھەتتا دەلىل ۋە پاكىتلىرىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئەمدى بۇ ئاجايىپ دەھشەتلىك ۋە چوڭ مەسىلە قارشىسىدىكى بىچارە ئىنسانغا، بولۇپمۇ مۇسۇلمانغا، ئەگەر ئىمان ۋە ئىبادىتى بولمىسا، پۈتۈن دۇنيا سەلتىنىتى ۋە راھەتچىلىك بېرىلسە، ئەجەبا ئۇ كۆز ئالدىدىكى ھەر ۋاقىت ئۇ يەرگە چاقىرىلىش نۆۋىتىنى كۈتۈش ئەندىشىسىدىن كەلگەن قايغۇلۇق ئەلەمنى يوق قىلالامدۇ؟ سىلەردىن سوراۋاتىمەن! قېرىلىق، كېسەللىك، بالامۇسىبەتلەر ۋە ھەر يەردە بولىۋاتقان ئۆلۈملەرمۇ ئۇ دەھشەتلىك ئەلەمنى ئەسلىتىدۇ ۋە ئەسكەرتىدۇ. ئەلۋەتتە كەيپ–ساپا ۋە زالالەت ئەھلى يۈز مىڭ لەززەت ۋە كەيپلەرگە ئېرىشسىمۇ، يەنىلا قەلبىدە ئۇ مەنىۋى جەھەننەم ياشايدۇ، كۆيدۈرىدۇ. لېكىن ناھايىتى قېلىن بولغان غەپلەت ھاماقەتلىكى ۋاقتىنچە سەزدۈرمەيدۇ.

  ئىمان ۋە تائەتئىبادەت ئەھلى ئۈچۈن بولسا، كۆزى ئالدىدىكى كۆرۈنگەن قەبىر، ئەبەدىي بىر خەزىنە ۋە تۈگىمەس بىر سائادەت ئىشىكى بولۇپ، خۇددى «ئۇ ئەزەلى تەقدىر لاتارىيەسىدىن» مىلياردلىغان ئالتۇن ۋە ئالماسلارغا ئېرىشتۈرىدىغان بىر بىلەت ئىمان كىنىشكىسى ئارقىلىق ئۇنىڭغا چىققان ۋە ھەر ۋاقىت «قېنى كېلىپ بېلىتىڭنى ئالدېيىلىشىنى كۈتكەندەك ئەھۋالدىن كەلگەن چوڭقۇر، ئاساسلىق ۋە ھەقىقىي بولغان مەنىۋى كەيپ ۋە لەززەت شۇنداق بىر لەززەتتۇركى، ئەگەر جىسمانىي ھالەتكە كىرسە، ئۇ ئۇرۇق بىر دەرەخ بولسا، ئۇ كىشى ئۈچۈن خۇسۇسىي بىر جەننەت ھۆكمىگە ئۆتىدۇ. بىراق ئۇ ھەقىقىي لەززەتنى تاشلاپ، ياشلىق ھەۋىسى ئارقىلىق، ئۇ چەكسىز ئەلەملەر ئارىلاشقان ۋە زەھەرلىك بىر ھەسەلگە ئوخشىغان گۇناھلىق، ۋاقىتلىق بىر ھارام لەززەتنى خالىغان كىشى ھايۋاندىن يۈز ھەسسە تۆۋەن چۈشىدۇ. ئەجنەبىي دىنسىزلەردەكمۇ بولالمايدۇ. چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ پەيغەمبەرنى ئىنكار قىلسىمۇ باشقا پەيغەمبەرلەرنى تونۇشى مۇمكىن. ئۇلارنى بىلمىسىمۇ ﷲنى تونۇشى مۇمكىن، ﷲنى بىلمىسىمۇ روھى كامالەتكە سەۋەب بولغان بەزى ياخشى خىسلەتلىرى بولىشى مۇمكىن. بىراق بىر مۇسۇلمان، ھەم پەيغەمبەرلەرنى، ھەم ﷲنى، ھەم پۈتۈن كامالەتلەرنى مۇھەممەدى ئەرەبىي ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئارقىلىق بىلىدۇ. ئۇنىڭ تەربىيىسىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنىڭ زەنجىرىدىن چىققان كىشى باشقا ھېچبىر پەيغەمبەرنى تونىمايدۇ ۋە ﷲنىمۇ تونىمايدۇ. روھىدا كامالەتنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ھېچبىر ئاساس بولمايدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى، ئەڭ ئۇلۇغى بولغان، ھەمدە دىنى ۋە دەۋىتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىغانلىقى ئۈچۈن، مۆجىزە كۆرسىتىش جەھەتتە ۋە دىنى بويىچە ھەممىدىن ئۈستۈن بولغان، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بارلىق ھەقىقەتلەردە ئۇستازلىق قىلغان، ئون تۆت ئەسىر ھەق ئىكەنلىكى پارلاق بىر سۈرەتتە ئىسپات قىلىنغان، ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارى بولغان بىر زاتنىڭ ئاساسلىق تەربىيەلىرى ۋە دىنىي ئاساسلىرىنى تەرك قىلغان كىشى ئەلۋەتتە ھېچبىر جەھەتتە بىر نۇر، بىر كامالەت تاپالمايدۇ. مۇتلەق چۆكۈشكە مەھكۇمدۇر.

  مانا ئەي دۇنيا ھاياتىنىڭ كەيپىگە مۇپتىلا، ھەمدە دۇنيالىق ئىستىقبال ئەندىشىسى بىلەن ئىستىقبالىنى، ھەمدە ھاياتىنى تەمىنلەش ئۈچۈن پايپاسلاپ يۈرگەن بىچارىلەر! دۇنيانىڭ لەززىتىنى، كەيپىنى، سائادەت ۋە راھىتىنى خالىساڭلار، ھالال دائىرىسىدىكى لەززەتلەرگە قانائەت قىلىڭلار. ئۇ كەيپىڭلارغا يېتەرلىكتۇر. ئۇ دائىرىنىڭ سىرتىدىكى ۋە ھارام دائىرىدىكى بىر لەززەتنىڭ ئىچىدە مىڭ ئەلەم بار ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدىكى بايانلاردىن ئەلۋەتتە چۈشەندىڭلار. ئەگەردە ئۆتكەن زاماننىڭ ھادىسىلىرىنى كىنو بىلەن ھازىر كۆرسەتكىنىدەك، ئىستىقبالدىكى ۋەزىيەتلەرمۇ (مەسىلەن، ئەللىك يىل كېيىنكى ئەھۋاللار) بىر كىنو بىلەن كۆرسىتىلسە، كەيپساپاچىلىقتا يۈرگەنلەر ھازىرقى كۈلگەنلىرىگە يۈز مىڭلارچە پۇشايمان ۋە نەپرەت قىلىپ يىغلىشاتتى.

  دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەبەدىي ۋە دائىملىق ھوزۇر خالىغان ئىنسان، ئىمان دائىرىسىدىكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ تەربىيىسىنى ئۆزىگە رەھبەر تۇتۇشى كېرەكتۇر.

—————————————

*كەشىڧ: ﷲنىڭ ئىلھامى بىلەن يوشۇرۇن بىر ھەقىقەتنىڭ مەيدانغا چىقىرىلىپ، بىلدۈرىلىشى.-ت

**شاھادەت: گۇۋاھ بولۇش، دەلىل بولۇش، شاھىتلىق.-ت

***ئىلمەليەقىن: ئىلمى ئارقىلىق ئېنىق بىلىش.-ت

****ھاشىيە: ئۇلاردىن بىرىسى«رىسالەئى نۇر»دۇر، مەيداندىدۇر.-ئا


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.