يۇنۇس ئەلەيھىسسلام

يۇنۇس ئەلەيھىسسلام

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

فَنَادَى فِى الظُّلُمَاتِ اَنْ لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ سُبْحَانَكَ اِنِّى كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ ٭ اِذْ نَادَى رَبَّهُ اَنِّى مَسَّنِىَ الضُّرُّ وَاَنْتَ اَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ ٭ فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِىَ اللّٰهُ لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ ٭ حَسْبُنَا اللّٰهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ ٭ لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ اِلاَّ بِاللّٰهِ الْعَلِىِّ الْعَظِيمِ ٭ يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى ٭ يَا بَاقِى اَنْتَ الْبَاقِى ٭ لِلَّذِينَ آمَنُوا هُدًى وَ شِفَاءٌ

  ئوتتۇز بىرىنچى مەكتۇبنىڭ بىرىنچى قىسمى بولۇپ، ھەر ۋاقىت، بولۇپمۇ نامازشام ۋە خۇفتەن ئارىسىدا ئوتتۇز ئۈچ قېتىم ئوقۇلۇشى ناھايىتى پەزىلەتلىك بولغان بۇ مۇبارەك كەلىمىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان نۇرلىرىدىن بىر نۇرىنى كۆرسىتىدىغان ئالتە لەمئادۇر.

بىرىنچى لەمئا

  پەيغەمبەر ھەزرىتى يۇنۇس ئىبنى مەتتا ۋە رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۇناجاتى(دۇئاسى)، ئەڭ بۈيۈك بىر مۇناجاتتۇر ۋە دۇئانىڭ ئىجابەت بولىشىنىڭ مۇھىم بىر ۋاستىسىدۇر. ھەزرىتى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ مەشھۇر قىسسىسىنىڭ خۇلاسىسى شۇدۇركى: دېڭىزغا تاشلانغان، چوڭ بىر بېلىق ئۇنى يۇتقان، دېڭىز بورانچاپقۇنلۇق، كېچە قاراڭغۇزۇلمەتلىك ۋە ھەر تەرەپتىن ئۈمىت كېسىلگەن بىر ۋەزىيەتتە قىلغان

لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ سُبْحَانَكَ اِنِّى كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ

(ئەنبىيا:87)

دېگەن مۇناجاتى، ئۇنىڭغا تېزدىن قۇتۇلۇش ۋاستىسى بولغاندۇر. بۇ مۇناجاتنىڭ بۈيۈك سىرى شۇدۇركى: ئۇ ۋەزىيەتتە سەۋەبلەر تامامەن تەسىرىنى يوقاتقان. چۈنكى ئۇ ھالەتتە، ھۆكۈمى ھەم بېلىققا، ھەم دېڭىزغا، ھەم كېچىگە، ھەم ئاسمانغا ئۆتىدىغان بىر زاتلا ئۇنىڭغا نىجاتلىق بېرەلەيتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ قارشىسىدا «كېچە، دېڭىز، بېلىق» بىرلەشكەنىدى. بۇ ئۈچىلىسىنى ئەمرىگە بويسۇندۇرالايدىغان بىر زات ئۇنى قۇتۇلۇش ساھىلىغا چىقىرالايتتى. ئەگەر پۈتۈن خەلق ئۇنىڭ خىزمەتكارى ۋە ياردەمچىلىرى بولغان تەقدىردىمۇ، يەنە ھېچقانداق پايدىسى بولمايتتى. دېمەك، سەۋەبلەرنىڭ تەسىرى يوق. مۇسەببىبۇل ئەسبابتىن* باشقا ھېچبىر تېۋىنىلغۇچى يوقلۇقىنى ئەينەليەقىن ھالدا كۆرگەنلىكتىن، ئەھەدىيەت سىرى تەۋھىد نۇرى ئىچىدە ئېچىلغانلىقى ئۈچۈن شۇ مۇناجات بىردىنلا كېچىنى، دېڭىزنى ۋە بېلىقنى بويسۇندۇرغاندۇر. ئۇ تەۋھىد نۇرى بىلەن بېلىقنىڭ قارنىنى بىر سۇ ئاستى كېمىسى قىلىپ، تاغلاردەك ئۆركەشلىك دولقۇنلارنىڭ دەھشىتى ئىچىدە دېڭىزنى خەۋپسىز بىر سەھرا، بىر ئارامگاھ ۋە سەيلىگاھ قىلىپ، ئۇ نۇر بىلەن ئاسمان يۈزىدىكى بۇلۇتلارنى سۈپۈرۈپ، ئاينى بىر لامپىدەك بېشىنىڭ ئۈستىدە ياندۇردى. ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭغا بېسىم ۋە تەھدىت بولغان ئۇ مەخلۇقلار ھەر جەھەتتە ئۇنىڭغا دوستلۇق يۈزىنى كۆرسەتتى. نەتىجىدە سالامەتلىك ساھىلىغا چىقىپ، كاۋا بارىڭىنىڭ ئاستىدا ﷲنىڭ رەببانىي ئىلتىپاتىنى كۆردى.

  بىزمۇ ھەزرىتى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاۋۋالقى ۋەزىيىتىدىن يۈز ھەسسە تېخىمۇ مۇدھىش بىر ۋەزىيەتتە تۇرىۋاتىمىز. كېچىمىز ئىستىقبالدۇر (كېلەچەكتۇر). ئىستىقبالىمىز غەپلەت نەزىرى بىلەن ئۇنىڭ كېچىسىدىن يۈز ھەسسە تېخىمۇ قاراڭغۇ ۋە دەھشەتلىكتۇر. دېڭىزىمىز شۇ سەرگەردان يەر شارىمىزدۇر. بۇ دېڭىزنىڭ ھەر دولقۇنىدا مىڭلارچە مىيىتلار بار. ئۇنىڭ دېڭىزىدىن مىڭ ھەسسە تېخىمۇ قورقۇنچلۇقتۇر. بىزنىڭ ھاۋايى نەفسىمىز، بېلىقىمىزدۇر. ئەبەدىي ھاياتىمىزنى سىقىپ، خاراپ قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ بېلىق ئۇنىڭ بېلىقىدىن مىڭ ھەسسە تېخىمۇ زىيانلىقتۇر. چۈنكى ئۇنىڭ بېلىقى يۈز يىللىق بىر ھاياتنى ھالاك قىلاتتى. بىزنىڭ بېلىقىمىز بولسا، يۈز مىليون يىللارچە ھاياتنى ھالاك قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. مادەم ھەقىقىي ۋەزىيتىمىز بۇدۇر. ئۇنداقتا بىزمۇ ھەزرىتى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا ئىقتىدا قىلىپ، بارچە سەۋەبلەردىن يۈزىمىزنى ئۆرۈپ، توغرىدىنتوغرا مۇسەببىبۇل ئەسباب بولغان رەببىمىزگە ئىلتىجا قىلىپ ﴿لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ سُبْحَانَكَ اِنِّى كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ دېيىشىمىز كېرەك، ھەمدە ئەينەليەقىين چۈشىنىشىمىز لازىمكى، غەپلەت ۋە زالالىتىمىز سەۋەبى بىلەن، قارشىمىزدا بىرلەشكەن ئىستىقبال، دۇنيا ۋە ھاۋايى نەفىسنىڭ زىيانلىرىنى دەپئى قىلغۇچى پەقەتلا، ئىستىقبال ئەمرى ئاستىدا، دۇنيا ھۆكۈمى ئاستىدا، نەفسىمىز باشقۇرۇشى ئاستىدا بولغان زات بولالايدۇ. ئەجەبا، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ ياراتقۇچىسىدىن باشقا، ئەڭ ئىنچىكە ۋە ئەڭ يۇشۇرۇن قەلبى ئويپىكىرلىرىمىزنى بىلىدىغان ۋە بىز ئۈچۈن ئىستىقبالنى، ئاخىرەتنى يارىتىش بىلەن يورۇتىدىغان ۋە دۇنيانىڭ يۈز مىڭلارچە تۇنجۇقتۇرغۇچى دولقۇنلىرىدىن قۇتقۇزىدىغان قايسى سەۋەب بار!؟ ھاشا، ۋاجىبۇل ۋۇجۇد** بولغان ﷲدىن باشقا ھېچبىر نەرسە، ھېچبىر جەھەتتە ئۇنىڭ رۇخسىتى ۋە ئىرادىسى بولماي تۇرۇپ ياردەم بېرەلمەيدۇ ۋە خالاسكار بولالمايدۇ.

  مادەم ھەقىقەت مۇشۇنداق. ئۇنداقتا، خۇددى ھەزرىتى يۇنۇس ئەلەيھىسسالامغا ئۇ مۇناجاتنىڭ نەتىجىسىدە بېلىق بىر ئۇلاغ، بىر سۇ ئاستى كېمىسى؛ دېڭىز بىر گۈزەل سەھرا؛ كېچە گۈزەل بىر ئايدىڭلىق سۈرىتىنى ئالغىنىدەك، بىزمۇ ئۇ مۇناجاتنىڭ سىرى بىلەن 

لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ سُبْحَانَكَ اِنِّى كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ

 دېيىشىمىز لازىم.

﴿ لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ جۈملىسى بىلەن ئىستىقبالىمىزغا،

﴿ سُبْحَانَكَ كەلىمىسى بىلەن دۇنيايىمىزغا،

﴿اِنِّى كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ كالامى بىلەن نەفسىمىزگە ﷲنىڭ مەرھەمەت نەزىرىنى جەلپ قىلىشىمىز لازىم.

   شۇندىلا ئىمان نۇرى ۋە قۇرئاننىڭ تولۇن ئېيى بىلەن ئىستىقبالىمىز نۇرلىنىدۇ. ئۇ كېچىمىزنىڭ دەھشەت ۋە ۋەھىمىسى ئامانلىق ۋە ھۇزۇرغا ئۆزگىرىدۇ. ھەمدە ئۆلۈم ۋە ھاياتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالمىشىشى بىلەن، يىللار ۋە ئەسىرلەر دولقۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە مىنگەن ھېساپسىز مۇردىلار يوقلۇققا تاشلىنىپ كىتىدىغان دۇنيايىمىز ۋە زېمىنىمىزدا، قۇرئانى ھەكىمنىڭ سېخىدا ياسالغان بىر مەنىۋى كېمە بولغان ئىسلامىيەت ھەقىقىتى ئىچىگە كىرىپ، خاتىرجەم ھالدا ئۇ دېڭىزدا كېزىپ، سالامەتلىك ساھىلىغا چىقىپ ھاياتىمىزنىڭ ۋەزىپىسى تاماملىنىدۇ. ئۇ دېڭىزنىڭ بورانچاپقۇنلىرى ۋە داۋالغۇشلىرى كىنو پەردىلىرىدەك ھۇزۇر مەنزىرىلىرىنى يېڭىلاش بىلەن، ۋەھشەت ۋە دەھشەت بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئىبرەت ۋە تەپەككۇر نەزىرىنى زوقلاندۇرۇپ نۇرلاندۇرىدۇ. ھەم قۇرئاننىڭ ئۇ سىرى ۋە تەربىيەسى بىلەن، نەفسىمىز بىزگە مىنىش ئەمەس، بىزگە ئۇلاغ بولۇپ، بىزنى مىندۈرۈپ ئەبەدىي ھاياتىمىزنىڭ قازىنىلىشىغا قۇۋۋەتلىك بىر ۋاستە بولىدۇ.

  ئەلھاسىل: مادەم ئىنسان، ماھىيىتىنىڭ مۇجەسسەملىكى ئېتىبارى بىلەن، بەزگەك كېسىلىدىن ئەلەم چەككىنىدەك، يەرنىڭ تەۋرىشى ۋە تىترىشىدىن ۋە كائىناتنىڭ قىيامەت ۋاقتىدىكى چوڭ تەۋرىنىشىدىنمۇ ئەلەم چېكىدۇ. كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان بىر مىكروپتىن قورققىنىدەك، ئاسمان جىسىملىرىدىن پەيدا بولغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدىنمۇ قورقىدۇ. ھەم ئۆيىنى قانداق سۆيسە، يوغان دۇنيانىمۇ شۇنداق سۆيىدۇ. ھەم كىچىك باغچىسىنى سۆيگىنىدەك، ئەبەدىي جەننەتنىمۇ ئىشتىياق بىلەن سۆيىدۇ. ئەلۋەتتە مۇشۇنداق بىر ئىنساننىڭ مەبۇدى، رەببى، مەلجەئى (ئىلتىجا قىلغۇچىسى)، خالاسكارى، مەقسۇدى پۈتۈن كائىنات ئۆزىنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدا، زەررىلەر ۋە سەييارىلەرمۇ ئۆزىنىڭ ئەمرى ئاستىدا بولغان بىر زات بولالايدۇ. ئەلۋەتتە شۇنداق بىر ئىنسان دائىما يۇنۇس ئەلەيھىسسالامدەك

﴿لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ سُبْحَانَكَ اِنِّى كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ

دېيىشكە مۇھتاجدۇر.

﴿سُبْحَانَكَ لاَ عِلْمَ لَنَا اِلاَّ مَا عَلَّمْتَنَا اِنَّكَ اَنْتَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ(بەقەرە:32)

———————————————–

* مۇسەببىبۇل ئەسباب: پۈتۈن سەۋەبلەرنىڭمۇ سەۋەبچىسى(). –ت

** ۋاجىبۇل ۋۇجۇد: بار بولىشى قەتئىي ۋە زۆرۈر بولغان (). –ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.