پەيغەمبىرمىزنىڭ سۇ مۆجىزىسى

پەيغەمبىرمىزنىڭ سۇ مۆجىزىسى

سەككىزىنچى ئىشارەت:

«سۇ» ھەققىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم مۆجىزىلەرنى بايان قىلىدۇ.

مۇقەددىمە: مەلۇمدۇركى، جامائەتلەر ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەر ئاھادىي* شەكىلدە نەقىل قىلىنغان بولسا، يالغانغا چىقىرىلمىسىلا، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ فىترەتىدە (تەبىئىتىدە) يالغانغا يالغاندۇر دېيىشكە يارىتىلىش جەھەتتىنلا بىر مايىللىق بار. ھەر قەۋمدىن زىيادە يالغانغا قارشى سۈكۈت قىلمايدىغان ساھابىلەر بولسا تېخىمۇ شۇنداق. بولۇپمۇ ئۇ ھادىسىلەر، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئائىت بولغان بولسا ۋە نەقىل قىلغان كىشىمۇ ساھابىلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇ خەۋەرى ۋاھىدنىڭ ئىگىسى، ئۇ ھادىسىنى كۆرگەن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە رىۋايەت قىلىدۇ. ھالبۇكى، تۆۋەندە سۆزلىنىدىغان سۇ مۆجىزىلىرىنىڭ ھەربىر مىسالىنى كۆپلىگەن يوللار بىلەن، نۇرغۇنلىغان ساھابىلەرنىڭ قوللىرىدىن تابىئىنلارنىڭ مىڭلارچە مۇھەققىقلىرى ئېلىپ ساغلام شەكىلدە ئىككىنچى ئەسىر مۇجتەھىدلىرىنىڭ قوللىرىغا بەرگەن. ئۇلارمۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق ۋە يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن قوبۇل قىلىپ، ئارقىسىدىكى ئەسىرنىڭ مۇھەققىقلىرىنىڭ قوللىرىغا بەرگەن. ھەر تەبىقىدىن، مىڭلارچە قۇۋۋەتلىك قوللاردىن ئۆتۈپ، ئاخىرى ئەسرىمىزگە يىتىپ كەلگەن. ھەم سائادەت ئەسىرىدە يېزىلغان ھەدىس كىتابلىرى ساغلام شەكىلدە ئۆتكۈزۈلۈپ، تاكى بۇخارى ۋە مۇسلىمدەك ھەدىس ئىلىمىنىڭ داھىي ئىماملىرىنىڭ قوللىرىغا ئۆتكەن. ئۇلارمۇ ئىنچىكە تەھقىقلەپ، دەرىجىلىرىنى ئايرىپ، ساغلاملىقى شۈبھىسىز بولغانلىرىنى توپلاپ بىزگە دەرس بەرگەن، تەقدىم قىلغان.جَزَاهُمُ اللّٰهُ خَيْرًا كَثِيرًا 

رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ مۇبارەك بارماقلىرىدىن سۇنىڭ ئاققانلىقى ۋە نۇرغۇن كىشىگە ئىچۈرگەنلىكى مۇتەۋاتىردۇر. شۇنداق بىر جامائەت نەقىل قىلغانكى، يالغاندا بىرلىشىشى ئىمكانسىزدۇر. شۇ مۆجىزە غايەت دەرىجىدە قەتئىيدۇر. ھەم ئۈچ قېتىم، ئۈچ چوڭ جامائەتنىڭ ئىچىدە تەكرارلانغان. باشتا بۇخارى، مۇسلىم، ئىمامى مالىك، ئىمامى شۇئەيب، ئىمامى قەتادەدەك نۇرغۇنلىغان ئەھلى سەھىھ بىر جامائەت، ساھابىلەردىن، باشتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ خىزمەتچىسى ھەزرەتى ئەنەس، ھەزرەتى جابىر، ھەزرەتى ئىبنى مەسئۇدتەك ساھابىلەرنىڭ مەشھۇر بىر جامائىتىدىن، بارماقلىرىدىن سۇنىڭ كۆپلەپ ئېقىشى ۋە قوشۇنغا ئىچۈرىشى قەتئىي سەھىھ نەقىل بىلەن بايان قىلىنغاندۇر. بۇ تۈردىكى سۇ مۆجىزىلىرىنىڭ كۆپلىگەن مىساللىرىدىن توققۇز مىسالنى بايان قىلىمىز.

بىرىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار ھەزرەتى ئەنەستىن سەھىھ نەقىل بىلەن خەۋەر بېرىدۇكى، ھەزرەتى ئەنەس شۇنداق دەيدۇ: «زەۋرا دېگەن جايدا، ئۈچيۈزدەك ئادەم رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق. دىگەر نامىزى ئۈچۈن تاھارەت ئېلىشىمىزنى بۇيرىدى، ئەمما سۇ تېپىلمىدى. ئازراق بولسىمۇ سۇ كەلتۈرۈشىمىزنى بۇيرۇدى، سۇنى كەلتۈردۇق. ئۇ مۇبارەك قوللىرىنى سۇغا تىقتى. كۆردۈمكى بارماقلىرىدىن بۇلاقتەك سۇ ئېقىۋاتاتتى. ئاندىن ئۇ يەردە بولغان ئۈچيۈز ئادەمنىڭ ھەممىسى كەلدى؛ ھەممىسى تاھارەت ئالدى ۋە ئىچتىمانا شۇ مىسالنى ھەزرەتى ئەنەس، ئۈچيۈز كىشىگە ۋەكىل بولۇپ خەۋەر بېرىۋاتىدۇ. ئۇ ئۈچيۈز كىشىنىڭ شۇ خەۋەرگە مەنەن ئىشتىراك قىلماسلىقى ۋە ئىشتىراك قىلمىغان تۇرۇقلۇق يالغانغا چىقارماسلىقى ھېچ مۇمكىنمۇ؟!

—————————————-

* ئاھادىي: رىۋايىتى مۇتەۋاتىر ۋە بەك مەشھۇر دەرىجىدە بولمىغان.ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.