پەيلاسوپلار ۋە ئىسلامىيەت

پەيلاسوپلار ۋە ئىسلامىيەت

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ

ئەزىز، سىددىق قېرىنداشلىرىم!

  بىرىنچى: پۈتكۈل رىسالەئى نۇر تالىبىلىرنىڭ مۇبارەك بايرىمىنى (ھېيتىنى) ۋە ھەججۇل ئەكبەردە بولغان نۇر شاگىرتلىرى بىلەن ھەجدىكى نۇر تەرەپدارلىرىنىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەش ئىچىدە، كۆپ زامانلاردىن بېرى ئەسىرلىك (مۇستەملىكە) ئاستىدا قالغان ۋە مۇستەقىللىقىنى يوقاتقان ھىندىستان، ئەرەبىستانغا ئوخشاش ئىسلام ئالىمىنىڭ چوڭ مەملىكەتلىرى بىردىن ئىسلام دۆلىتى شەكلىدە, ھىندىستاندا يۈز مىليون نوپۇسلۇق بىر ئىسلام دۆلىتى، ھىندونېزىيەدە نوپۇسى ئەللىك مىليوندىن زىيادە بىر ئىسلام دۆلىتى ۋە ئەرەبىستاندا تۆتبەش ھۆكۈمەت بىر قوشما شىتاتقا ئوخشاش ئەرەب بىرلىكى بىلەن، ئىسلام بىرلىكىنى بىرلەشتۈرىشىدىكى ئىسلام ئالىمىنىڭ بۇ چوڭ بايرىمىنىڭ مۇقەددىمىسىنى تەبرىكلەش بىلەن بۇ بايرام بىزگە خۇش خەۋەر بېرىدۇ.

  ئىككىنچىسى: ئىستانبۇلدا، رەئفەت بەينىڭ ۋە مۇستافا ئورۇچنىڭ يازغانلىرىغا قارىغاندا، كۆپ زامان ئىسلام ئارمىيىسىنى ئىدارە قىلغان ۋە كېيىن ئۇنىۋېرسىتېتكە ئۆزگەرگەن ھەربىي ئىشلار نازارىتى ۋە مىللى مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ دەرۋازىسى بولغان ئۇ چوڭ بىنانىڭ ئۈستىدە

اِنَّا فَتَحْنَالَكَ فَتْحًا مُبِينًا ٭وَ يَنْصُرَكَ اللّٰهُ نَصْرًا عَزِيزًا

دەپ قۇرئان يېزىقى بىلەن ئو مەنىدار قۇرئان ئايىتى يېزىلغانىدى، كېيىن بولسا مەرمەر تاشلار بىلەن ئۈستى يېپىلىپ ئۇ نۇرلارنى يوشۇرۇپ قويۇشقان ئىدى. ئەمدى ئۇنىڭ ئېچىلىشى يېڭىدىن قۇرئان يېزىقىغا بىر رۇخسەت قىلىنىش نەمۇنىسى ۋە رىسالەئى نۇر كۆزلىگەن مەقسەتكە بىر ۋاستە ۋە ئۇنىۋېرىستېتنىڭ كەلگۈسىدە بىر نۇر مەدرىسىسى بولىشىغا بىر ئىشارەت بولغىنىغا ئوخشاش؛ دېڭىزلى رىسالەئى نۇر شاگىرىتلىرىدىن ئەخمەتلەر، مەشھۇر ئالىم ۋە ئەقىل جەھەتتىن ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق پەيلاسوپلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى بولغان بىسمارىكنىڭ ئەسىرىدىن ئالغان بىر پارچىدا، ئۇ دانىشمەن بىسمارىك ئۆز ئەسىرىدە دەيدۇكى: «قۇرئاننى ھەر جەھەتتىن تەتقىق قىلدىم، ھەر كەلىمىسىدە بۈيۈك بىر ھىكمەت كۆردۈم. بۇنىڭ مسلى ۋە ئىنسانىيەتنى ئىدارە قىلىدىغان ھىچبىر ئەسەر يوقتۇر ۋە كەلمەيدۇۋە پەيغەمبەرگە خىتابەن دەيدۇ:

  «ئى مۇھەممەد! ساڭا ئەسىرداش بولالمىغىنىمغا ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن. ئىنسانىيەت ساڭا ئوخشاش مۇستەسنا بىر قۇدرەتنى بىر قېتىم كۆردى، قايتا كۆرەلمەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا يۈكسەك ھۆرمەت بىلەن ئىگىلىمەن

بىسمارىك

دەپ ئىمزاسىنى قويغان (ھاشىيە). ھەمدە ئۇ سۆزلىرىدە، بۇزۇلغان ۋە ئەمەلدىن قالغان ساماۋىي كىتابلارنى زىيادە چۈشۈرۈۋەتكەنلىكتىن ئۇ جۈملىلەر يېزىلماسىلىقى كېرەك، مەنمۇ ئىشارەت قىلدىم.

   ئۇ زات ئون توققۇزىنچى ئەسىرنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى ۋە ئەڭ چوڭ بىر پەيلاسوپى، شۇنداقلا سىياسەتنىڭ ۋە ئىنسانىيەت ئىجتىمائى ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر شەخسىيىتى بولىشى؛ ھەم ئىسلام ئالىمىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قىسمەن قولغا ئېلىشى ۋە ئەجنەبىي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قۇرئان ھەقىقەتلىرىنى ئىزدىشى، غەرب ۋە غەربى شىمالدا قۇرئانغا تەرەپدار بولغان چوڭ بىر جەرياننىڭ بولىشى؛ ھەم ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۈكسەك ۋە مەشھۇر پەيلاسوپى بولغان مىستەر كارلايلمۇ ئەينەن بىسمارىكقا ئوخشاش: « باشقا كىتابلار، ھېچبىر جەھەتتە قۇرئانغا يېتىشەلمەيدۇ. ھەقىقىي سۆز ئۇدۇر، ئۇنى تېڭشىشىمىز كېرەكدەپ قەتئىي قارار بېرىشى (ھاشىيە)*؛ ۋە نۇرلارنىڭمۇ ھەر تەرەپكە يېيىلىشى ۋە تەرەققىياتى چوڭ بىر ئالامەتتۇركى، ئەجنەبىيلەردە كۆپ بىسمارىكلار ۋە مىستەر كارلايللار چىقىدۇ ۋە ئىشارەتلىرى بار، دەپ نۇر تالىپلىرىغا بىر ھېيت ھەدىيەسى شەكلىدە تەقدىم قىلىمىز ۋە بىسمارىكنىڭ سۆزىنى قوشۇپ ئەۋەتتۇق. ھەممىڭلارغا سالام.

قېرىندىشىڭلار

سەئىد نۇرسى

(دېڭىزلى رىسالەئى نۇر ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئەخمەتلەرنىڭ خېتىدىكى بىسمارىكنىڭ بايانلىرى)

مۆھتەرەم ئۇستازىم!

  مەشھۇر نېمىس ھۆكۈمرانلىرىدىن بولغان پرەنس بىسماركنىڭ ھەر خىل دىنلار، بولۇپمۇ ئىسلامىيەت ھەققىدە ئىيتقان سۆزلىرىنى سىز مۆھتەرەم ئۇستازىمىزغا ئەۋەتىۋاتىمىز. غەرپتە ئىسلامىيەتنىڭ نەقەدەر ئىلگىرلەيدىغانلىقىنى بۇ سۆزلەر كۆرسەتمەكتە:

  كەڭرى ئىجتىمائىي تەتقىقاتلىرىمدىن بىر نەمۇنە: 19ئەسىردە ئۆتكەن كۆپ ساھەلەردە مەشھۇر بولغان پرەنس بىسماركنىڭ دىنلار ھەققىدە ئېيتقان بايانى:

  «تۈرلۈك دەۋرلەردە ئىنسانىيەتنى يېتەكلەش ئۈچۈن غەيپ تەرىپىدىن كەلگەن دەپ قارالغان پۈتۈن ساماۋىي كىتابلارنى تەتقىق قىلدىم. بۇزۇلغانلىقى سەۋەبلىك ھېچبىرسىدە مەن ئىزدىگەن ھىكمەتنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭدىكى قانۇنلار ئىنسانىيەتنىڭ بەختسائادىتىنى تەمىنلەپ بىرەلەيدىغان بىر ماھىيەتتىن بەكمۇ ئۇزاقتۇر. لېكىن مۇھەممەدىيلەرنىڭ (مۇسۇلمانلارنىڭ) قۇرئانى بۇ چەكلىمىدىن خالىدۇر. مەن قۇرئاننى ھەر جەھەتتىن، ھەر نۇقتىدىن تەتقىق قىلدىم. ھەر سۆزىدە ئۇلۇغ ھىكمەتلەر كۆردۈم. بۇ كىتابنى ھەزرىتى مۇھەممەدنىڭ چىقارغان ئەسىرى دېيىشسىمۇ، ئەڭ مۇكەممەل بىر مېڭىدىن مۇنداق بىر مۆجىزىنىڭ چىقىشىنى پەرەز قىلىش، ھەقىقەتلەرگە كۆز يۇمۇپ ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىشىش پىكرىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭ ئىلىم ۋە ھىكمەت بىلەن يېزىلىشى مۇمكىن ئەمەس. مەن شۇنى دەپ قويايكى، ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستەسنا بىر قۇدرەتتۇر. قۇدرەت قولىنىڭ ئىككىنچى بىر بۇنداق ۋۇجۇتنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ئېھتىمالدىن ئۇزاقتۇر.

  يا مۇھەممەد! سەن بىلەن ئەسىرداش بولالمىغانلىقىمدىن بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن. سەن تارقاتقان بۇ كىتاب سېنىڭ ئەمەستۇر، بەلكى غەيپ ئالىمىدىن كەلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىش ئىلمىي قائىدەقانۇنلارنى ھەقىقەتسىز قاراشتەك كۈلكىلىك بىر ئىشتۇر. ئىنسانىيەت سەندەك بىر مۇستەسنا قۇدرەتنى بىر قېتىم كۆردى. ئىككىنچىلەپ كۆرەلمەيدۇ. شۇڭا ھوزۇرۇڭدا ھەقىقىي بىر ئېھتىرام بىلەن ئېگىلىمەن

بىسمارىك

——————————————————

*(ھاشىيە): ئەخمەتلەرنىڭ مەكتۇبىدا ئىشارەت قىلغىنىمغا ئوخشاش، ئۇ پارچە بۇ خېتىم بىلەن بىللە رەھبەرگە كىرسە بولىدۇ.-ئا

**(ھاشىيە): رىسالەنى نۇردىن ئەرەبچە ئىشاراتۇل ئىجاز تەپسىرى ئوتتۇز يىل بۇرۇن ئۇنىڭ بۇ قىممەتلىك ھەقىقەتچىل ھۆكۈمىگە ئىشارەت قىلغان.-ئا


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.