«ھاۋا زەررىسىدىكى تەۋھىد دەلىلى«ھۇۋە

«ھاۋا زەررىسىدىكى تەۋھىد دەلىلى«ھۇۋە

«ھۇۋە» ھەققىدە

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّهِ وَ بَرَكَاتُهُ اَبَدًا دَائِمًا

بەكمۇ ئەزىز ۋە سىددىق قېرىنداشلىرىم!

  ﴿لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ﴾ ۋە ﴿قُلْ هُوَ اللّهُ﴾ دىكى هُوَ (ھۇۋە) نىڭ تەلەپپۇزىدا، تەپەككۇرىمدىكى بىر خىيالى ساياھەتتە، ھاۋا بېتى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، پەقەت ماددى جەھەتتە، بىردىنلا كۆرۈنگەن ئىنچىكە بىر تەۋھىد مەسىلىسىدە، ئىمان يولىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى چەكسىز دەرىجىدە قولاي، زۆرۈرى دەرىجىدە ئوڭاي ئىكەنلىكىنى، شېرىك ۋە زالالەت يولىدا بولسا، قوبۇل قىلىنىشىدا چەكسىز دەرىجىدە مۈشكىلاتلار، ئىمكانسىز دەرىجىدە مۇمكىنسىزلىكلەرنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. بەكمۇ قىسقا بىر ئىشارەت ئارقىلىق بۇ كەڭ ۋە ئۇزۇن ھەقىقەتنى بايان قىلىمەن:

  يۈزلەرچە گۈللەرنىڭ نۆۋەت بىلەن ئۆسۈشىگە مەنبە بولالايدىغان تەشتەكتىكى بىر چاڭگال تۇپراقتا، ئۇ گۈللەرنى ئەگەر تەبىئەت ۋە سەۋەبلەر ئۆستۈردى، دەپ قارىساق، ئۇ چاغدا يا ئۇ تەشتەكتە كىچىك ئۆلچەمدە بولغان يۈزلىگەن، بەلكى گۈللەر سانىچىلىك مەنىۋى ئاپپاراتلار، فابرىكىلار بولىشى كېرەك بولىدۇ. ياكى ئۇ ئازغىنا تۇپراقتىكى ھەربىر زەررە (ئاتوم) خىلمۇخىل بولغان بارلىق گۈللەرنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك خاسىيەتلىرى ۋە خاس تۈزىلىشلىرى بىلەن بىرلىكتە ياسىلىشىنى بىلىشى كېرەك بولىدۇ. خۇددى ھەربىر زەررىنىڭ بىر ئىلاھنىڭكىدەك چەكسىز ئىلىمى ۋە چەكسىز ئىقتىدارى بولىشى كېرەك بولىدۇ.

  دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئەمىر ۋە ئىرادىنىڭ بىر ئەرشى بولغان ھاۋا ياكى شامالنىڭ ھەربىر پارچىسىدا، بىر نەپەستە ۋە ياكى بىر تىرناقچىلىك بولغان هُوَ تەلەپپۇزىدىن چىققان ھاۋادا، كىچىككىچىك ئۆلچەمدە بولغان، پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق تېلېفونلارنىڭ، تېلېگراممىلارنىڭ، رادىئولارنىڭ، ھەمدە چەكسىز ۋە خىلمۇخىل تۈردە سۆزلىشىشلەرنىڭ مەركەزلىرى، ئالاقە پونكىتلىرى ۋە ئۈن ئېلىپ تارقاتقۇچىلىرى بار بولىشى، شۇنداقلا ئۇ چەكسىز ئىشلارنى بىرلىكتە ۋە بىرلا ۋاقىتتا قىلالىشى كېرەك بولىدۇ. ياكى بولمىسا ئۇ هُوَ تەلەپپۇزىدىكى ھاۋانىڭ، ھەتتا ھاۋا ماددىسىنىڭ ھەربىر پارچىسىنىڭ ھەربىر زەررىسى، بارلىق تېلېفونلاردا، بارلىق تېلېگراممىلاردا ۋە بارلىق رادىئولاردا سۆزلەشكەنلەرچىلىك مەنىۋى شەخسىيەتكە ۋە قابىلىيەتكە ئىگە بولىشى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىللىرىنى بىلىشى، ئوخشاش ۋاقىتتا باشقا زەررىلەرگىمۇ بىلدۈرىشى، تارقىتىشى كېرەك بولىدۇ. چۈنكى شۇنداق بىر ھالەت قىسمەن كۆرىنىدۇ. ھەمدە ھاۋانىڭ بارلىق مولېكۇلىسىدا ئۇ قابىلىيەت بار.

  دېمەك كاپىرلارنىڭ، تەبىئەتچىلەرنىڭ ۋە ماتېرىئالىستلارنىڭ تۇتقان يولىدا (ئۇ يولنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا) بىر مۇمكىنسىزلىك ئەمەس، بەلكى زەررىچىلەر سانىچىلىك مۇمكىنسىزلىكلەر، ئىمكانسىزلىقلار ۋە قىيىنچىلىقلار بار ئىكەنلىكى بەكمۇ ئاشكارە ھالدا كۆرىنىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلارنىڭ ئورۇندىلىشىنى (ئاۋازلارنىڭ تارقىلىشىنى) ياراتقۇچى ﷲتىن دېسەك، ئۇ چاغدا ھاۋا پۈتۈن زەررىلىرى بىلەن بىرگە ئۇنىڭ بويسۇنغۇچى ئەسكەرلىرى بولىدۇ. پەقەت بىرلا زەررىنىڭ ئىنتىزاملىق بولغان يالغۇز بىرلا ۋەزىپىسى قولاي بىر شەكىلدە ئورۇندالغىنىدەكلا، چەكسىز زەررىلەرنىڭ بارلىق ۋەزىپىلىرىمۇ ياراتقۇچىنىڭ ئىزنى ۋە قۇۋۋىتى بىلەن، ياراتقۇچىغا باغلىنىش ۋە تايىنىش ئارقىلىق، ھەمدە ياراتقۇچىنىڭ قۇدرىتىنىڭ جىلۋىلىنىشى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا، چاقماقتەك تېز سۈرەتتە، هُوَ نىڭ تەلەپپۇز قىلىنىشى ۋە ھاۋانىڭ دولقۇنلىشىدەكلا قولاي ھالدا بېجىرىلىدۇ. يەنى ھاۋا، قۇدرەت «قەلىمىنىڭ» چەكسىز، ھەيران قالارلىق ۋە ئىنتىزاملىق خەتلىرى ئۈچۈن بىر بەت بولىدۇ. زەررىلىرى بولسا ئۇ قەلەمنىڭ ئۇچلىرى بولىدۇ. ئۇ زەررىلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى بولسا تەقدىر قەلىمىنىڭ چېكىتلىرى بولىدۇ. پەقەت بىر زەررە ھەرىكىتىنىڭ قولايلىغىدەكلا قولاي ۋەزىپە ئورۇنلايدۇ. مەن ﴿ لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ﴾ ۋە ﴿قُلْ هُوَ اللّهُ﴾ دىكى تەپەككۇر ھەرىكىتى ئارقىلىق قىلغان ساياھىتىمدە ھاۋا ئالىمىدىن زوقلىنىپ، ئۇ ماددىنىڭ (ھاۋانىڭ) بەتلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىۋېتىپ، بۇ ئىنچىكە ھەقىقەتنى دەل ئوچۇق ۋە تەپسىلى شەكىلدە ئەينەليەقىن كۆردۈم. شۇنداقلا هُوَ نىڭ تەلەپپۇزىدا ۋە ھاۋاسىدا شۇنداق پارلاق بىر دەلىل ۋە بىر تەۋھىد نۇرى بولغىنىدەك، مەنىسىدە ۋە ئىشارىتىدىمۇ ئىنتايىن نۇرلۇق بىر (ﷲنىڭ) بىرلىك جىلۋىسى ۋە ناھايىتى قۇۋۋەتلىك بىر تەۋھىد دەلىلى بار ئىكەنلىكىنى، هُوَ ئالمىشىنىڭ مۇتلەق ۋە يوشۇرۇن ئىشارىتى قايسى زاتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگۈچى ئىشارەت ئۇ دەلىلدە بار بولغانلىقتىن، ھەم قۇرئانى مۆجىزۇلبايان، ھەم زىكىرچىلار تەۋھىد تېمىسىدا بۇ ئۇلۇغ كەلىمىنى كۆپ تەكرارلايدىغانلىقىنى ئىلمەليەقىن ھالدا بىلدىم.

  مەسىلەن، مەلۇمدۇركى، بىر چېكىتچىلىك ئاق قەغەزگە ئىككىئۈچ چېكىت قويۇلسا ئارىلىشىپ كېتىدۇ. بىر كىشى خىلمۇخىل كۆپ ۋەزىپىلەرنى بىرلىكتە قىلىشى بىلەن تەمتىرەپ قالىدۇ. بىر كىچىك جانلىققا كۆپ يۈكلەر يۈكلەنسە ئاستىدا ئىزىلىدۇ. ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا تۈرلۈك سۆزلەرنىڭ بىرلىكتە بىر تىلدىن چىقىشى ياكى بىر قۇلاققا كىرىشى، ئىنتىزامنى بۇزۇپ قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. بىراق ئەينەليەقىن ھالدا كۆردۈمكى، هُوَ ئاچقۇچى ۋە كومپاسى ئارقىلىق پىكىر بويىچە مەن ساياھەت قىلغان ئۇ ھاۋا ماددىسىنىڭ ھەربىر پارچىسىغا، ھەتتا ھەربىر زەررىسىگە تۈرلۈكتۈرلۈك مىڭلارچە چېكىتلەر، ھەرپلەر، سۆزلەر قويۇلسىمۇ، ئارىلىشىپ ئىنتىزامنى بۇزمايدۇ. باشقاباشقا كۆپ ۋەزىپىلەرنى قىلسىمۇ ھېچ تەمتىرەپ قالماي ئىشلەيدۇ. ئۇ ھاۋا پارچىسىغا ۋە زەررىسىگە ناھايىتى كۆپ ئېغىر يۈكلەر يۈكلەنسىمۇ ھېچ ئاجىزلىق قىلماستىن، كېچىكىپ قالماستىن ئىنتىزاملىق ھالدا ئۈستىگە قويۇلغاننى باشقىسىغا يەتكۈزىدۇ. مىڭلارچە باشقاباشقا سۆزلەر، باشقاباشقا شەكىلدە ئاجايىپ بىر ئىنتىزام بىلەن ھېچ قالايمىقان بولۇپ كەتمەستىن، بۇزۇلماستىن بۇ كىچىككىنە قۇلاقلارغا كىرىپ، ئۇ ئىنچىكە تىللاردىن چىقسىمۇ، بۇ ھاۋانىڭ ھەربىر پارچىسى ۋە زەررىسى، ئۇ ئاجايىپ ۋەزىپىلەرنى كۆرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىنتايىن راھەت ھالدا جۇشقۇن بولغان ئەھۋال تىلى ۋە بۇ ھەقىقەتلەرنىڭ گۇۋاھلىق تىللىرى بىلەن ﴿لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ ۋە ﴿قُلْ هُوَ اللّهُ اَحَدٌ﴾لا ئىلاھە ئىللا ھۇۋە» ۋە «دېگىنكى: ئۇ ﷲ بىردۇر») دەپ سەيلە قىلىدۇ. بوران، چاقماق، گۈلدۈرمامىدەك ھاۋانى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان دولقۇنلار ئىچىدە ئىنتىزامنى ۋە ۋەزىپىلىرىنى ھېچ بۇزمايدۇ، تەمتىرەپ قالمايدۇ ۋە بىر ئىشى بىر ئىشقا توسالغۇ بولمايدۇ. بۇلارنى مەن ئەينەليەقىن ھالدا كۆردۈم.

  دېمەك، بۇ ئىشلار ئوتتۇرىغا چىقىش ئۈچۈن، ھەربىر ھاۋا زەررىسىنىڭ ۋە ھەربىر پارچە ھاۋانىڭ چەكسىز بىر ھىكمىتى، چەكسىز بىر ئىلىمى، ئىرادىسى، چەكسىز بىر قۇدرىتى، قۇۋۋىتى، ھەمدە باشقا بارلىق زەررىلەرگە مۇتلەق ھاكىم بولىدىغان بىر خۇسۇسىيىتى بولىشى لازىم بولىدۇ. بۇ بولسا زەررىچىلەر سانىچىلىك مۇمكىنسىزلىك ۋە باتىللىقتۇر. ھېچبىر شەيتانمۇ بۇ خىل مۇمكىنچىلىكنى ئويغا كەلتۈرمەيدۇ، ئۇنداقتا ھەققەليەقىن، ئەينەليەقىن، ئىلمەليەقىن دەرىجىلىرىدە بەكمۇ ئېنىق كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ ھاۋا بېتى، ﷲنىڭ بەكمۇ چەكسىز ئىلىمى ۋە ھىكمىتى بىلەن ئىشلەتكەن قۇدرەت ۋە تەقدىر قەلىمى ئۈچۈن ئالمىشىپ تۇرىدىغان بىر سەھىپە، ھەمدە لەۋھى مەھفۇزنىڭ بۇ ئۆزگىرىشچان ئالەمدىكى ئالمىشىپ تۇرىدىغان پائالىيىتىدە بىر «لەۋھى مەھۋى ئىسبات»* نامىدىكى يېزىپ بۇزىدىغان بىر دوسكىسى ھۆكمىدىدۇر.

  ھاۋا ماددىسى پەقەتلا ئۈن يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىدە يۇقىرىقىدەك تەۋھىد جىلۋىسىنى ۋە بۇ ئاجايىپلارنى كۆرسىتىپ، زالالەت يولىنىڭ چەكسىز دەرىجىدىكى مۇمكىنسىزلىكىنى بىلدۈرگىنىدەك، بۇ ھاۋا ماددىسىنىڭ باشقا مۇھىم ۋەزىپىلىرىدىن بىرى، ئېلېكتر، تارتىش كۈچى، تېپىش كۈچى، يورۇقلۇققاتارلىقلارنىمۇ يەتكۈزۈشتە تەمتىرەپ قالماستىن تەرتىپلىك ھالدا، ئۈن يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ۋەزىپىلەرنىمۇ بىرلىكتە قىلىدىغانلىقى، يەنە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا، پۈتۈن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋە ھايۋانلارنىڭ نەپەس ئېلىشى ۋە كۆپىيىشىدەك ھاياتقا كېرەكلىك ئىشلاردا لازىمەتلىكلىرىنى تولۇق بىر ئىنتىزام بىلەن يېتىشتۈرىدىغانلىقى، ھاۋانىڭ ھەقىقەتەن ﷲنىڭ ئەمىر ۋە ئىرادە ئەرشى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق ھالدا ئىسپاتلايدۇ. شۇنداقلا ئەخمەق تاسادىپىيلىق، كور قۇۋۋەت، گاس تەبىئەت، نىشانسىز سەۋەبلەر، ھەمدە ئاجىز، جانسىز ۋە ئەقىلسىز ماددىلارنىڭ بۇ ھاۋا سەھىپىلىرىدىكى خەتلەرنىڭ يېزىلىش ئىشىغا ۋە ئۇنىڭدا كۆرىنىۋاتقان ۋەزىپىلەرگە ئارىلىشىشى ھېچبىر جەھەتتە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەينەليەقىن دەرىجىسىدە ئىسپات قىلىدىغانلىقىغا قەتئىييەن قانائەت كەلتۈردۈم. ھەمدە ھەربىر زەررە ۋە ھەربىر پارچە ھاۋا ئەھۋال تىلى بىلەن ﴿لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ﴾ ۋە ﴿قُلْ هُوَ اللّهُ﴾ دەيدىغانلىقىنى بىلدىم.

  بۇ هُوَ ئاچقۇچى ئارقىلىق ھاۋانىڭ ماددى جەھەتتىكى بۇ ئاجايىپلىرىنى كۆرگىنىمدەك، ھاۋا ماددىسىمۇ بىر هُوَ بولۇپ ئالەمى مىسالغا** ۋە ئالەمى مەناغا****بىر ئاچقۇچ بولدى. كۆردۈمكى، ئالەمى مىسالنىڭ چەكسىز مەنىۋى رەسىم ئاپپاراتلىرى بار بولۇپ، ھەربىر رەسىم ئاپاراتى دۇنيادىكى چەكسىز ھادىسىلەرنى ۋاقتىۋاقتىدا ھېچ ئارىلاشتۇرۇپ قويماستىن تارتماقتا، ھەمدە ئۇ ئالەمى مىسال، مىڭلارچە دۇنيا قەدەر چوڭ ۋە كەڭرى بولغان بىر ئاخىرەتلىك كىنونى، دۇنيادىكى فانىي نەرسىلەرنىڭ فانىي ۋە ۋاقىتلىق ھاللىرىنى، ۋەزىيەتلىرىنى ۋە ئۆتۈپ كېتىدىغان ھاياتلىرىنىڭ مېۋىلىرىنى باقىي بولغان تاماشاگاھلاردا ۋە جەننەتتە، ئەبەدىي سائادەتكە ئېرىشكەنلەرگە كۆرسىتىدىغانلىقىدەك، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھەم دۇنيادىكى ئىشلىرىنى، ھەم بۇرۇنقى ئەسخاتىرىلىرىنى لەۋھەمەنزىرىلىرى بىلەن بىللە ئەينەن كۆزلىرىگە كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئالەمى مىسالنى ئەنە شۇنداق بىر كىنو ئۈچۈن توختىماستىن رەسىمگە ئېلىۋاتقان ناھايىتى چوڭ بىر سۈرەت ماشىنىسى دەپ بىلدىم. (ھاشىيە)****

  ھەم لەۋھۇلمەھفۇزنىڭ، ھەم ئالەمى مىسالنىڭ ئىككى دەلىلى، ئىككى كىچىك مىسالى ۋە ئىككى چېكىتى، ئىنساننىڭ بېشىدىكى ئەستە تۇتۇش سېزىمى ۋە خىيال سېزىمى بولۇپ، ئۇلار نوقۇتچىلىك كىچىك بولسىمۇ، ئىچلىرىدە چوڭ بىر كۈتۈپخانىنىڭ كىتابلىرى قەدەر مەلۇماتلارنىڭ ھېچ ئارىلاشماستىن، ئاجايىپ بىر تەرتىپ بىلەن يېزىلىشى قەتئىي ئىسپات قىلىدۇكى، ئۇ ئىككى سېزىمنىڭ ئەڭ چوڭ نەمۇنىسى ۋە ئەسلى، ئالەمى مىسال بىلەن لەۋھى مەھفۇزدۇر.

  ھاۋا ۋە سۇ ماددىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئىسپىرما سۈيى ۋە ھاۋا ماددىسىنىڭ، تۇپراق ماددىسىدىن بەكمۇ يۇقۇرى دەرىجىدە ۋە تېخىمۇ كۆپرەك ھىكمەت ۋە ئىرادە بىلەن، قۇدرەت ۋە تەقدىر قەلىمى ئارقىلىق يېزىلىدىغانلىقى، ھەمدە بۇنىڭغا تاسادىبىيلىق ۋە كور قۇۋۋەتنىڭ، گاس تەبىئەتنىڭ، جانسىز ۋە نىشانسىز سەۋەبلەرنىڭ ئارىلىشىشى يۈز ھەسسە ئىمكانسىز ئىكەنلىكى، ۋە بۇنىڭ ھېچبىر جەھەتتە مۇمكىن بولمايدىغانلىقى، شۇنداقلا چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ تەقدىر ۋە ھىكمەت قەلىمىنىڭ بىر سەھىپىسى ئىكەنلىكى ئىلمەليەقىن ھالدا قەتئىي بىلىندى.

(قالغان قىسمى ھازىرچە يازدۇرۇلمىدى، ھەممىڭلارغا مىڭلارچە سالام.)

———————————————————————–

*ھۇۋە: ئەرەبچىدە «ئۇ» دېمەكتۇر.-ت

**لەۋھى مەھۋى ئىسبات: يوقىتىپ ئورنىغا بار قىلىش لەۋھەسى، دوسكىسى.-ت

***ئالەمى مىسال: دۇنيادىكى ھەر نەرسە، ھەر ئەھۋال توختىماستىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تۇرىدىغان ئالەم.-ت

****ئالەمى مەنا: ئەھىل بولغان زاتلار تەرىپىدىن ئېچىلىدىغان، چۈشىنىلىدىغان ئالەم، مەنا ئالىمى.-ت

*****(ھاشىيە): لېكىن ئوچۇق ھەقىقەتلەرگە ئوخشاش، قۇۋۋەتلىك دەلىللەر ۋە پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ بېرىشكە زامان ۋە ماكان، ئەھۋال ۋە ۋەزىيەت ئىمكان بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن قىسقا يېزىلدى.-ئا


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.