ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ زەينەب بىلەن ئۆيلىنىشى ھەققىدە

ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ زەينەب بىلەن ئۆيلىنىشى ھەققىدە

«مەكتۇبات»تىن ئېلىندى…

يەتتىنچى مەكتۇپ

بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾

اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّهِ وَ بَرَكَاتُهُ اَبَدًا دَائِمًا

ئەزىز قېرىنداشلىرىم!

  مەندىن سوراش ئۈچۈن، شاملىق ھافىزغا ئىككى ئىشنى دەپسىلەر:

  بىرىنچىسى: «ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ زەينەب بىلەن ئۆيلىنىشىنى، بۇرۇنقى زاماننىڭ مۇناپىقلىرىغا ئوخشاش، يېڭى زاماننىڭ زالالەت ئەھلىلىرىمۇ تەنقىدلەشكە ئۇرىنىۋاتىدۇ. نەپسانىي، شەھۋانىي دەپ قاراۋاتىدۇدەپسىلەر.

  ئەلجاۋاب: يۈزمىڭ قېتىم ھاشا ۋە كەللا (ئەسلا ۋە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس)! ئۇ ئالىي قامەتكە ئۇنداق پەس شۈبھىلەرنىڭ قولى يەتمەيدۇ. شۇنداق، ئون بەش يېشىدىن قىرىق يېشىغىچە، ۋۇجۇدىدىكى ھارارەت كۈچلۈك ۋاقىتتا ۋە نەفسانىي ھەۋەسلىرى ئەۋج ئالغان زامانىدا، دوست ۋە دۈشمەنلىرىنىڭ بىردەك شاھىدلىقى بىلەن، مۇكەممەل ئىپپەت ۋە دەل ئىسمەت (گۇناھسىزلىق) بىلەن خەدىجەتۇلكۇبرادەك (ر.ئەنھا) ياشىنىپ قالغان بىرلا ئايال بىلەن كۇپايىلەنگەن ۋە قانائەت قىلغان بىر زاتنىڭ؛ قىرىق ياشتىن كېيىن، يەنى ۋۇجۇدىدىكى ھارارەتنىڭ سۇسلىغان دەۋرىدە ۋە نەفسانىي ھەۋەسلەرنىڭ پەسەيگەن زامانىدا كۆپ ئاياللىق بولۇشى ۋە نىكاھلىنىشى، قەتئىي ۋە روشەن ھالدا نەفسانىي ئەمەسلىكىنى ۋە باشقا مۇھىم ھىكمەتلەرگە ئاساسلانغانلىقىنى، زەررىچىلىك ئىنسابى بارلارغا ئىسپاتلاپ بېرىدىغان بىر ھۆججەتتۇر.

  ئۇ ھىكمەتلەردىن بىرى شۇدۇركى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرىگە ئوخشاشلا، ئىشلىرى، ئەھۋاللىرى، مۇئامىلىسى ۋە ھەرىكەتلىرىمۇ دىن ۋە شەرىئەتنىڭ مەنبەسىدۇر، ئەھكاملارنىڭ ئاساسلىرىدۇر. ئۇنىڭ زاھىرىي قىسمىنى ساھابىلەر ئۆز زىممىسىگە ئالغىنىدەك، خۇسۇسىي دائىرىدە مەخپىي ئەھۋاللاردىن مەيدانغا كەلگەن دىننىڭ سىرلىرى ۋە شەرىئەت ئەھكاملىرىنىڭ ۋاستىچىلىرى ۋە رىۋايەت قىلغۇچىلىرى بولسا، پەيغەمبىرىمىزنىڭ (ئە.س.ۋ) پاك ئاياللىرىدۇر. ھەمدە ئۇلار ئۇ ۋەزىپىنى ئەمەلىي ئادا قىلدى. دىننىڭ سىرلىرى ۋە ئەھكاملىرىنىڭ ئاساسەن يېرىمى دېگۈدەك ئۇلاردىن كەلگەندۇر. دېمەك بۇ چوڭ ۋەزىپىگە كۆپلىگەن، شۇنداقلا خىلمۇخىل سۈپەت ۋە خىسلەتلەرگە ئىگە بولغان پاك ئاياللار لازىم ئىدى.

  ھەزرىتى زەينەبنى نىكاھىغا ئېلىشىغا كەلسەك، «يىگىرمە بەشىنچى سۆز»نىڭ بىرىنچى شۇلەسىنىڭ ئۈچىنچى شۇئاسىنىڭ مىساللىرىدا

﴿ مَا كَانَ مُحَمَّدٌ اَبَا اَحَدٍ مِنْ رِجَالِكُمْ وَلٰكِنْ رَسُولَ اللّٰهِ وَ خَاتَمَ النَّبِيِّينَ﴾

(ئەھزاب:40)

ئايىتىگە دائىر مۇنداق يېزىلغان ئىدىكى: ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان تەبىقىلىرىگە قارىتا، بىرلا ئايەت خىلمۇخىل جەھەتلەر بىلەن، ھەربىر تەبىقىنىڭ چۈشىنىشىگە يارىشا ئايرىمئايرىم مەنالارنى ئىپادە قىلىدۇ. بىر تەبىقىنىڭ يۇقىرىقى ئايەتتىن چۈشىنىدىغان ئۈلۈشى شۇدۇركى: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ خىزمەتكارى ۋە «ئوغلۇمدېگەن خىتابىغا سازاۋەر بولغان زەيد (ر.ئە)، سەھىھ رىۋايەت بويىچە، ئۆز ئېتىراپىغا بىنائەن، ئىززەتلىك جۈپتىگە ئۆزىنى مەنىۋى جەھەتتىن كۇفۇۋ (مۇناسىپ) كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن تالاق قىلغان. يەنى، ھەزرىتى زەينەب ئالاھىدە يۈكسەك بىر ئەخلاقتا يارىتىلغان ۋە بىر پەيغەمبەرگە ئايال بولىدىغان تەبىئەتتە ئىكەنلىكىنى، زەيد (ر.ئە) پاراسىتى بىلەن ھېس قىلغان، ھەمدە ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئەر بولالايدىغان بىر مۇناسىپ تەبىئەتتە كۆرمىگەنلىكتىن، مەنىۋى جەھەتتىن قاملىشالماسلىققا سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن تالاق قىلغان. ﷲنىڭ ئەمرى بىلەن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ئۆز نىكاھىغا ئالغان. يەنى ﴿زَوَّجْنَاكَهَا﴾ نىڭ ئىشارىتى ۋە ئۇ نىكاھنىڭ بىر ساماۋىي باغ ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىشى بىلەن؛ نىكاھ بېغى ئالاھىدە بىر تەرزدە، ئادەت ۋە زاھىرىي مۇئامىلىلەردىن ھالقىغان بىر سۈرەتتە، پەقەت تەقدىرنىڭ ھۆكۈمى بىلەن بولغانكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام تەقدىرنىڭ ئۇ ھۆكۈمىگە بويسۇنغان ۋە مەجبۇر بولغاندۇر. نەفسنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئەمەستۇر. تەقدىرنىڭ بۇ ھۆكۈمىمۇ، ئەھمىيەتلىك بىر شەرئىي ھۆكۈمنى ۋە مۇھىم بىر ئومۇمىي ھىكمەتنى ۋە كەڭ دائىرىلىك بىر ئاممىۋىي پايدىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،

﴿لِكَىْ لاَ يَكُونُ عَلَى الْمُؤْمِنِينَ حَرَجٌ فِى اَزْوَاجِ اَدْعِيَائِهِمْ﴾

(ئەھزاب:37)

ئايەتى كەرىمىسىنىڭ ئىشارىتى بىلەن: يېشى چوڭ كىشىلەرنىڭ كىچىكلەرنى «ئوغلۇم» دېيىشلىرى، زىھار مەسىلىلىرىدەك، يەنى ئايالىغا «ئانامدەكسەن» دېسە ھارام ھىسابلانغاندەك ئەمەستۇر. شۇڭا ھۆكۈم بۇنىڭ بىلەن ئۆزگەرمەيدۇ. ھەمدە، چوڭلارنىڭ قول ئاستىدىكىلەرگە ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگە ئاتىلارچە نەزىرى ۋە خىتابلىرى، پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسى جەھەتى بىلەندۇر. ئىنسانىي شەخسىيىتى جەھەتتىن ئەمەستۇر. ئۇنداقتا قانداقمۇ ئۇلاردىن ئۆيلىنىشى ئۇيغۇن بولمىسۇن؟

  ئىككىنچى بىر تەبىقىنىڭ چۈشىنىدىغان ئۈلۈشى بولسا: بىر چوڭ ھاكىم، قول ئاستىدىكىلەرگە ئاتىلارچە بىر شەپقەت بىلەن قارايدۇ. ئەگەر ئۇ ھاكىم، زاھىرىي ۋە باتىنىي جەھەتتىن بىر مەنىۋى پادىشاھ بولغان بولسا؛ ئۇنىڭ مەرھەمىتى، ئاتىنىڭ شەپقىتىدىن يۈز ھەسسە ئۈستۈن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭ ھەقىقىي پەرزەنتىدەك، ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسىدەك قارايدۇ. ئاتا نەزىرى بولسا، ئەر نەزىرىگە ئالماشمىغانلىقتىن، ھەمدە قىز نەزىرىمۇ ئايال نەزىرىگە ئاسان ئۆزگەرمىگەنلىكتىن، خەلقنىڭ پىكرىدە، پەيغەمبەرنىڭ مۆئمىنلەرنىڭ قىزلىرىنى ئېلىشى شۇ سىرغا ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، قۇرئان ئۇ گۇماننى يوقىتىش مەقسىتىدە دەيدۇ: «پەيغەمبەر ﷲنىڭ رەھمىتى نامىدىن سىلەرگە شەپقەت كۆرسىتىدۇ، ئاتىلارچە مۇئامىلە قىلىدۇ. ھەمدە پەيغەمبەرلىك جەھەتىدىن سىزلەر ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاشسىلەر. بىراق، ئىنسانىي شەخسىيىتى جەھەتىدىن داداڭلار ئەمەستۇر، ئۇنداقتا سىلەردىن ئۆيلىنىشى قانداقمۇ مۇناسىپ بولمىسۇن؟ سىزلەرنى «ئوغلۇم» دېيىشى بىلەن، شەرىئەت ئەھكاملىرى نۇقتىئىنەزىرىدىن سىلەر ئۇنىڭ پەرزەنتى بولالمايسىلەر!…»

اَلْبَاقِى هُوَ الْبَاقِى

سەئىد نۇرسى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.