ئىبادەتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە

ئىبادەتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە

بۇ قەدەر ئاجىز ۋە زەئىپ، پېقىر ۋە موھتاج بولغان ئىنسان روھى ئۈچۈن تەۋھىد، تەسلىم تەۋەككۈل ۋە  ئىبادەتنىڭ نە قەدەر چوڭ بىر پايدا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى خالامسىز؟
ئاخىرەت سائادىتىدەكلا، دۇنيا سائادىتىمۇ ئىبادەتتە ۋە اﷲقا ئەسكەر بولۇشتىدۇر.


ئۈچىنچى سۆز

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ * يَا اَيُّهَا النَّاسُ اعْبُدُوا

( ئى ئىنسانلار! ئىبادەت قىلىڭلار.سۇرە بەقەرە:21)

  ئىبادەتنىڭ نەقەدەر بۈيۈك بىر تىجارەت ۋە سائادەت ئىكەنلىكىنى، كەيپساپا ۋە گۇناھلارنىڭ بولسا نەقەدەر چوڭ بىر ھالاكەت ۋە ھەسرەت بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلىي ھېكايىگە قارا، ئاڭلا:
   بىر ۋاقىت ئىككى ئەسكەر يىراق بىر شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن ئەمر ئالىدۇ. بىللە كېتىۋىتپ بىر يەرگە كەلگەندە يول ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئۇ يەردە بىر ئادەم بار بولۇپ ئۇلارغا دەيدۇ: «ئوڭدىكى يولنىڭ ھېچ زىيىنى بولماسلىق بىلەن بىرگە، بۇ يولدا ماڭغان يولۇچىلارنىڭ ئوندىن توققۇزى چوڭ مەنپەئەت ۋە راھەت كۆرىدۇ. سولدىكى يول بولسا ھېچ مەنپەئەتى بولماسلىق بىلەن بىللە ئۇ يولدىكى ئون يولۇچىنىڭ توققۇزى زىيان تارتىدۇ. ھەم ھەر ئىككى يولنىڭ ئۇزۇنقىسقىلىقى ئوخشاش، پەقەت بىرلا پەرق باركى، ھۆكۈمەتسىز ۋە ھەربى ئىنتىزام بولمىغان سول يولنىڭ يولۇچىسى سومكىسىز ۋە قورالسىز ماڭىدۇ. كۆرۈنۈشتە بىر يەڭگىللىك ۋە ساختا بىر راھەتلىك كۆرىدۇ. ھەربى ئىنتىزام ئاستىدىكى ئوڭ يولنىڭ يولۇچىسى بولسا، قۇۋۋەتلىك تائاملار جەۋھىرى بىلەن تولدۇرۇلغان تۆت كىلولۇق بىر سومكا ۋە ھەر دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىدىغان ئىككى كىلولۇق بىر قورال ئېلىپ مېڭىشقا مەجبۇردۇر
   ئۇ ئىككى ئەسكەر بۇ دانىشمەننىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بەختىيار بولغىنى ئوڭ يولغا ماڭىدۇ. بىر پاتمان ئېغىرلىقنى مۆرىسىگە ۋە بېلىگە يۈكلەيدۇ. بىراق قەلبى ۋە روھى مىڭلار پاتمان مىننەتلەردىن ۋە قورقۇنچلاردىن قۇتۇلىدۇ. يەنە بىر بەختسىز ئەسكەر بولسا ئەسكەرلىكنى تاشلايدۇ، ئىنتىزامغا بويسۇنغۇسى كەلمەي سولغا ماڭىدۇ. جىسمى بىر پاتمان ئېغىرلىقتىن قۇتۇلىدۇ. بىراق قەلبى مىڭلار پاتمان مىننەتلەر ئاستىدا، روھى چەكسىز قورقۇنچلار ئىچىدە ئېزىلىدۇ. ھەر كىمگە تىلەمچى ۋە ھەر نەرسىدىن، ھەر ھادىسىدىن تىترىگەن بىر سۈرەتتە سەپىرىنى داۋام قىلىدۇ، ئاخىرى بارىدىغان يېرىگە بارىدۇ، ئۇ يەردە ئاسىيلىق ۋە قاچقۇنلۇقنىڭ جازاسىنى كۆرىدۇ.
   ئەسكەرلىك نىزامىنى سۆيگەن، سومكا ۋە قۇرالىنى ئېلىپ ماڭغان ئوڭ يولنىڭ يولۇچىسى، ھىچكىمنىڭ مىننىتىنى ئالماي، ھىچكىمدىن قورقماي قەلبىي ۋە ۋىجدانىي جەھەتتىن راھەت ھالدا ماڭىدۇ. ئۇمۇ مەنزىلىگە يېتىپ بارىدۇ. ئۇ يەردە ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇندىغان شەرەپلىك ئەسكەرگە مۇناسىپ بىر مۇكاپات ئالىدۇ.
   مانا ئەي ئەخمەق نەفسىم! بىلگىنكى، ئۇ ئىككى يولۇچىنىڭ بىرى، اﷲنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىدىغان، يەنە بىرى ئاسىي ۋە ھاۋايىھەۋىسىگە ئەگىشىدىغان ئىنسانلاردۇر. ئۇ يول بولسا ھايات يولىدۇركى، روھلار ئالىمىدىن كېلىپ قەبرە ئالىمىدىن ئۆتۈپ ئاخىرەتكە تۇتىشىدۇ. ئۇ سومكا ۋە قورال بولسا ئىبادەت ۋە تەقۋالىقتۇر. ئىبادەتنىڭ گەرچە زاھىرىي بىر ئېغرلىقى بار، بىراق مەنىسىدە شۇنداق بىر راھەتلىك ۋە يېنىكلىك باركى تەرىپ قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بىر قۇل نامىزىدا اَشْهَدُ اَنْ لَا اِلٰهَ اِلاَّ اللّٰهُ دەيدۇ. يەنى «ياراتقۇچى ۋە رىزىق بەرگۈچى (پەقەتلا اﷲتۇر) ئۇنىڭدىن باشقا يوقتۇر، پۈتۈن زىيان ۋە مەنپەئەتلەر ئۇنىڭ قولىدىدۇر، ئۇ ھەم چەكسىز ھېكمەت ئىگىسىدۇر، بوش(بىمەنە) ئىش قىلمايدۇ، ھەم چەكسىز شەپقەت ئىگىسىدۇر، ئېھسان ۋە مەرھىمىتى كۆپتۇر» دەپ ئېتىقاد قىلغانلىقتىن ھەر نەرسىدە بىر رەھمەت خەزىنىسىنىڭ ئىشىكىنى تاپىدۇ، دۇئا بىلەن چىكىدۇ. شۇنداقلا ھەر نەرسىنى ئۆز رەببىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنغۇچى دەپ بىلىدۇ، رەببىگە ئىلتىجا قىلىدۇ. تەۋەككۈل بىلەن ئۇنىڭغا تايىنىپ ھەر مۇسىبەتكە قارشى ئۆزىنى قورغان ئىچىدىكىدەك ھېس قىلىدۇ. ئىمانى ئۇنىڭغا مۇتلەق بىر خاتىرجەملىك بېرىدۇ.
   شۇنداق، ھەر قانداق سالىھ(ياخشى) ئەمەلگە ئوخشاشلا جاسارەتنىڭمۇ مەنبەسى ئىماندۇر، ئىبادەتتۇر. ھەر قانداق گۇناھقا ئوخشاشلا قورقۇنچاقلىقنىڭمۇ مەنبەسى زالالەتتۇر(ئازغۇنلۇقتۇر). شۇڭا قەلبى نۇرلانغان سالىھ بىر قۇل ئەگەر يەر شارى بومبا بولۇپ پارتلىسىمۇ، بەلكى قورقمايدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدا ھەيۋەتلىك بىر ئىلاھى قۇدرەت جىلۋىسىنى لەززەتلىك بىر ھەيرانلىق ئىچىدە تاماشا قىلىدۇ. ئەمما ئاتالمىش ئەقلى نۇرلانغان مەشھۇر قەلبسىز پاسىق بىر پەيلاسوپ كۆكتە بىر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنى كۆرسە، يەر يۈزىدە تۇرۇپ تىترەيدۇ، «ئەجەبا بۇ باشباشتاق يۇلتۇز يەر شارىمىزغا سوقۇلۇپ كېتەرمۇ؟» دەپ ۋەھىمىگە چۈشىدۇ. (بىر ۋاقىت شۇنداق بىر يۇلتۇز سەۋەبىدىن پۈتۈن ئامېرىكا تىترىدى، نۇرغۇنلىرى كېچىسى ئەندىشىدىن ئۆيلىرىنى تەرك قىلىشتى.)
  شۇنداق، ئىنسان چەكسىز نەرسىلەرگە موھتاج بولسىمۇ، دەسمايىسى يوق دىيەرلىك… ھەمدە چەكسىز بالالارغا دۇچار بولسىمۇ، ئىقتىدارى يوق دېگۈدەكلا بىر مەخلۇق… دەسمايە ۋە ئىقتىدارىنىڭ دائىرىسى قولى يەتكەن يەرگىچىلا دېگۈدەك تاردۇر. بىراق ئارزۇئۈمىدلىرى، بالا ۋە ئەلەملىرىنىڭ دائىرىسى بولسا كۆزلىرى، خىياللىرى يەتكەن يەرگىچە كەڭرىدۇر. بۇ قەدەر ئاجىز ۋە زەئىپ، پېقىر ۋە موھتاج بولغان ئىنسان روھى ئۈچۈن ئىبادەت، تەۋەككۈل، تەۋھىد ۋە تەسلىمنىڭ نە قەدەر چوڭ بىر پايدا، بۈيۈك بىر سائادەت ۋە كاتتا بىر نېمەت ئىكەنلىكنى تامامەن كور بولۇپ كەتمىگەن ئىنسان كۆرىدۇ ۋە چۈشىنىدۇ.
   مەلۇمدۇركى، زىيانسىز يول زىيانلىق يولدىن ھەتتا ئېھتىماللىقى ئوندا بىر بولسىمۇئۈستۈندۇر. ھالبۇكى بىز دەۋاتقان ئىبادەت يولى بولسا، زىيانسىز بولۇش بىلەن بىرگە ئوندا توققۇز ئېھتىمال بىلەن بىر ئەبەدىي سائادەت خەزىنىسىنى قازاندۇرىدۇ. گۇناھ ۋە كەيپساپا يولى بولسا ھەتتا پاسىق گۇناھكارلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى بىلەنمۇمەنپەئەتسىز بولۇش بىلەن بىرگە، ئوندا توققۇز ئېھتىماللىق بىلەن ئەبەدىي گۇمراھلىق ھالاكىتىنى نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى يالغان بولىشى ئىمكانسىز دەرىجىدەسانساناقسىز پەيغەمبەرلەر، ئالىمئەۋلىيالار كۆرىدۇ، ئىسپاتلايدۇ، بىردەك خەۋەر بېرىدۇ.
  ئەلھاسىل: ئاخىرەت سائادىتىدەكلا، دۇنيا سائادىتىمۇ ئىبادەتتە ۋە اﷲقا ئەسكەر بولۇشتىدۇر. ئۇنداق بولسا بىز دائىم

اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ عَلَى الطَّاعَةِ وَالتَّوْفِيقِ

دېيىشىمىز ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقىمزغا شۈكۈر قىلىشىمىز لازىم.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.