Yazar: kasgar

  • نەفىس ۋە مال-مۈلكىنى جانابى ﷲقا سېتىش، ھەمدە ئۇنىڭغا قۇل ۋە ئەسكەر بولۇشنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    نەفىس ۋە مال-مۈلكىنى جانابى ﷲقا سېتىش، ھەمدە ئۇنىڭغا قۇل ۋە ئەسكەر بولۇشنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    ئالتىنچى سۆز بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ﴿اِنَّ اللّهَ اشْتَرَى مِنَ الْمُؤْمِنِينَ اَنْفُسَهُمْ وَاَمْوَالَهُمْ بِاَنَّ لَهُمُ الْجَنَّةَ﴾*    نەفىس* ۋە مال–مۈلكىنى جانابى ﷲقا سېتىش، ھەمدە ئۇنىڭغا قۇل ۋە ئەسكەر بولۇشنىڭ نەقەدەر چوڭ مەنپەئەتلىك بىر تىجارەت، نەقەدەر شەرەپلىك ئالى بىر دەرىجە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلىي ھېكايىنى ئاڭلا:    بىر زامان بىر پادىشاھ ئۆز خەلقى ئارىسىدىن ئىككى ئەسكەرگە […]

  • جەھەننەم ئەمەلنىڭ جازاسىدۇر؛ ئەمما جەننەت بولسا ﷲنىڭ پەزلى (ئارتۇق ئىھسانى) بىلەندۇر.» بۇنىڭ ھىكمىتى نېمىدۇر

    جەھەننەم ئەمەلنىڭ جازاسىدۇر؛ ئەمما جەننەت بولسا ﷲنىڭ پەزلى (ئارتۇق ئىھسانى) بىلەندۇر.» بۇنىڭ ھىكمىتى نېمىدۇر

      ئون ئىككىنچى ئىشارەت: «تۆت سوئال ۋە جاۋاپ»تۇر.   بىرىنچى سوئال: چەكلىك بىر ھاياتتا، چەكلىك گۇناھلارغا قارىتا چەكسىز بىر ئازاپ ۋە چەكسىز بىر جەھەننەم قانداق ئادالەت بولىدۇ؟   جاۋاب: يۇقىرىدىكى ئىشارەتلەردە، بولۇپمۇ بۇ ئىشارەتنىڭ ئالدىدىكى ئون بىرىنچى ئىشارەتتە قەتئىييەن چۈشىنىلدىكى، كۇفۇر ۋە زالالەت جىنايىتى چەكسىز بىر جىنايەتتۇر ۋە چەكسىز بىر ھوقۇققا تاجاۋۇزدۇر.   ئىككىنچى سوئال: […]

  • !كافىرلارنىڭ كۆپلىكىدىن، تەۋرىنىپ قالغان ۋە ئېتىقادىنى بۇزغان بىچارە ئىنسان

    !كافىرلارنىڭ كۆپلىكىدىن، تەۋرىنىپ قالغان ۋە ئېتىقادىنى بۇزغان بىچارە ئىنسان

      ئالتىنچى نوتا: ئەي كافىرلارنىڭ كۆپلىكىدىن ۋە ئۇلارنىڭ بەزى ئىمان ھەقىقەتلىرىنى ئىنكار قىلىشتىكى ئىتتىپاقلىرىدىن ئىككىلىنىۋاتقان ۋە ئېتىقادىنى بۇزغان بىچارە ئىنسان! بىلگىنكى، قىممەت ۋە ئەھمىيەت ساندا ئەمەس ۋە سانىنىڭ كۆپلىكىگە قارىمايدۇ. چۈنكى ئىنسان ئەگەر ئىنسان بولمىسا، شەيتانىي بىر ھايۋانغا ئۆزگىرىدۇ. ئىنسان، بەزى پەرەڭلەر (غەرپلىكلەر) ۋە پەرەڭپەرەستلەرگە ئوخشاش ھايۋانىي ھېسلاردا تەرەققىي قىلغانسېرى تېخىمۇ زىيادە بىر ھايۋان مەرتىۋىسىنى […]

  • !مۆئمىن قېرىندىشىڭغا ئاداۋەت ساقلىما

    !مۆئمىن قېرىندىشىڭغا ئاداۋەت ساقلىما

      ئۈچىنچى نۇقتا: ئىنسانىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى بۇزغان شەيتاننىڭ بىر ھىيلە ـ مېكرى شۇدۇركى، بىر مۆئمىننىڭ بىر گۇناھى بىلەن بارلىق ياخشى ئەمەللىرىنى ياپىدۇ. شەيتاننىڭ بۇ ھىيلە ـ مىكرىگە قۇلاق سالغان ئىنساپسىزلار مۆئمىنگە ئاداۋەت قىلىدۇ . ھالبۇكى، ﷲ ھەشردە چەكسىز ئادالىتى بىلەن چوڭ تارازىدا ئەمەللىرىنى تارتقان ۋاقىتتا ياخشى ئەمەللىرىنىڭ گۇناھلىرىغا نىسبەتەن ئۈستۈن ياكى تۆۋەن كېلىشى نۇقتىسىدىن ھۆكۈم […]

  • ئىنسان نېمىشقا ئۆز قۇسۇرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؟

    ئىنسان نېمىشقا ئۆز قۇسۇرىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ؟

      ئىككىنچى نۇقتا: شەيتاننىڭ مۇھىم بىر ھىيلىسى ئىنسانغا قۇسۇرىنى ئېتىراپ قىلغۇزماسلىقتۇر. مەقسىتى، ئىستىغفار ۋە ئىستىئازە يولىنى تاقاش، ھەم ئىنساننىڭ نەفسىنىڭ مەنمەنچىلىكىنى قوزغاپ، پۈتۈن قۇسۇرلاردىن ئۆزىنى پاكقا چىقىرىشى ئۈچۈن، ئۆزىنى ئادۋۇكاتتەك مۇداپىئە قىلدۇرۇشتۇر. شۇنداق، شەيتاننىڭ گېپىگە كىرگەن بىر نەفىس قۇسۇرىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، كۆرسىمۇ يۈز خىل تەبىر بىلەن ئىزاھلايدۇ. وَ عَيْنُ الرِّضَا عَنْ كُلِّ عَيْبٍ كَلِيلَةٌ سىرى […]

  • ئەي سىڭلىم يۈزىڭىزنى نامەھرەمگە كۆرسەتمەڭ

    ئەي سىڭلىم يۈزىڭىزنى نامەھرەمگە كۆرسەتمەڭ

    ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دائىر ئالىملارنىڭ كۆرۈشلىرى قانداق؟ ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دائىر ئالىملارنىڭ كۆرۈشلىرى:   ئەۋۋەلا: ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزى جانابى ھەقنىڭ «يُدْن۪ينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَاب۪يبِهِنَّۜ » ئايىتىنى شۇنداق تەپسىر قىلغانىكەن: «يەنى باشلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى ياپسۇن، تاكى ھۆر ئىكەنلىكى بىلىنسۇن ۋە تەھلىكلىلەرگە(خەتەر ۋە يامانلىقلارغا) دۇچار بولمىسۇن.»« جىلباپ »تىن مۇرات:- ئىبنى قۇتەيبە دېگەن ئىكەن: […]

  • زۇلمەتلىك يوللار ئىچىدە بىر ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچ زادى نېمە؟

    زۇلمەتلىك يوللار ئىچىدە بىر ھەل قىلغۇچ ئاچقۇچ زادى نېمە؟

     ئۈچىنچى نۇكتە: بۇ پېقىر سائىد، كونا سائىدتىن چىقىشقا تېرىشقان ۋاقىتتا، رەھبەرسىزلىك ۋە نەفسى ئەممارىنىڭ ھاكاۋۇرلىقى تۈپەيلى، غايەت مۇدھىش ۋە مەنىۋى بىر بوران–چاپقۇن ئىچىدە ئەقىل ۋە قەلبىم ھەقىقەتلەر ئارىسىدا دومىلاندى. گاھ سۈرەييادىن سەراغا(يۇلتۇزدىن يەرگە)، گاھ سەرادىن سۈرەيياغا قەدەر چۈشۈش ۋە چىقىشلار بىلەن چايقىلىۋاتاتتى.   ئۇ زامان كۆردۈمكى، سۈننەتى سەنىييەنىڭ مەسىلىلىرىنى، ھەتتا كىچىك ئەدەپلىرىنى، كېمىلەردە يۆنىلىش كۆرسىتىدىغان […]

  • شەيتاندىن پاناھ تىلەش ھەققىدە

    شەيتاندىن پاناھ تىلەش ھەققىدە

    اَعُوذُ بِاللّٰهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجٖيمِ (قوغلاندى قىلىنغان  شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن) بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم (ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن) ﴾وَقُلْ رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ ❀ وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُونِ﴿ (مۇئمىنۇن:97-98) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن پاناھ تىلەيمەن [97]. پەرۋەردىگارىم! ساڭا سېغىنىپ شەيتانلارنىڭ ماڭا ھەمراھ بولۇشىدىن پاناھ تىلەيمەن» [98]   (شەيتاندىن ئىستىئازە* سىرىغا دائىردۇر. «ئون ئۈچ ئىشارەت» يېزىلىدۇ. ئۇ ئىشارەتلەرنىڭ بىر قىسىمى ئايرىم–ئايرىم […]

  • ئايالىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىز قانچىلىك؟ئاتا-ئانا،پەزەنىت، دوسىت مۇھەببىتى

    ئايالىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىز قانچىلىك؟ئاتا-ئانا،پەزەنىت، دوسىت مۇھەببىتى

        ئەگەر مۇھەببەتلەر قۇرئاننىڭ دېگىنى بويىچە، ﷲ نامىدىن، ئۇنى سۆيۈش نامىدىن بولسا، ئۇ چاغدا ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە ئېسىل نەتىجىلىرى بار. ……………………….   ھايات رەپىقەڭگە بولغان مۇھەببىتىڭ، گۈزەل ئەخلاقىغا، شەپقەتلىك خىسلىتىگە، ھەمدە بىر رەھمەت ھەدىيەسى بولغانلىقىغا قاراپ قۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا سەمىمىي مۇھەببەت ۋە مەرھەمەت كۆرسىتىسەن. ئىككىڭلار قېرىغاندىمۇ بۇلار زىيادىلىشىدۇ. بولمىسا،چىراينىڭ گۈزەللىكىگە بولغان نەفسانى مۇھەببەت […]

  • ئازغۇنلارنىڭ بىر قىسمى دەيدۇكى: «كائىناتنى دائىمىي بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇشى لازىم»؟

    ئازغۇنلارنىڭ بىر قىسمى دەيدۇكى: «كائىناتنى دائىمىي بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇشى لازىم»؟

    مۇھىم بىر سوئالغا قەتئىي بىر جاۋاپ:   ئازغۇنلارنىڭ بىر قىسمى دەيدۇكى: «كائىناتنى دائىمىي بىر پائالىيەت بىلەن ئۆزگەرتىپ، ئالماشتۇرۇپ تۇرىدىغان بىر زاتنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭمۇ ئۆزگىرىشچان بولۇشى لازىم»(؟)   جاۋاب: ھاشا! يۈزمىڭ قېتىم ھاشا!… يەردىكى ئەينەكلەرنىڭ ئالمىشىشى، ئاسماندىكى قۇياشنىڭ ئالمىشىدىغانلىقىنى ئەمەس، ئەكىسچە جىلۋىلىرىنىڭ يېڭىلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ھەمدە ئەزەلىي، ئەبەدىي، سەرمەدىي ۋە ھەر جەھەتتە مۇتلەق كامالەت، مۇتلەق ئىستىغنادىكى، ماددىيلىقتىن […]