Yazar: kasgar

  • جۈمە كۈنى قىممەتلىك، مۇبارەك بولسۇن

    جۈمە كۈنى قىممەتلىك، مۇبارەك بولسۇن

    ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «“ئىگەمنىڭ ﷲ، دىنىمنىڭ ئىسلام ۋە پەيغەمبىرىمنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بولغانلىقىدىن ھەقىقەتەن مەمنۇنمەن” دېگەن ھەر قانداق كىشى چوقۇم جەننەتكە كىرىدۇ» [ئەبۇ داۋۇد ، ئىمان، 1529]

  • مائارىپ،مەھكىمەۋەمىدىيا تاراتقۇلاردىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە

    مائارىپ،مەھكىمەۋەمىدىيا تاراتقۇلاردىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە

      مۇناپىقلار، مۇشرىكلەر ۋە ئەھلى كىتاپ بىلەن بولغان ئىختىلاپىمىز ۋە كۆرىشىمىز قىيامەتكە قەدەر داۋام قىلىدۇ. چۈنكى يەريۈزى ئاللاھنىڭدۇر ۋە جانابى ھەق يەر زىمىننى رەسۇلى ئەكرەمنىڭ ھۆرمىتىگە ياراتقاندۇر. ئۇنداق بولسا، پۈتۈن زىمىن رەسۇلۇللاھنىڭ ۋە ئۈممىتىنىڭ ھەققىدۇر. كاپىرلار بولسا شۇ تاپتا يەر زىمىننى بۇلاپ تارتىۋالغان. دېمەك قۇرئان– ئۇ بۇلاڭچىلارنىڭ قولىنى بۇ دۇنيادىن تارتقۇزۇشىمىزنى بىز مۇسۇلمانلارغا ئەمىر قىلغان. […]

  • يېپىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    يېپىشنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دائىر ئالىملارنىڭ كۆرۈشلىرى قانداق؟ ئاياللارنىڭ يۈزىنى يېپىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىگە دائىر ئالىملارنىڭ كۆرۈشلىرى:   ئەۋۋەلا: ئىبنى قەييىم ئەلجەۋزى جانابى ھەقنىڭ «يُدْن۪ينَ عَلَيْهِنَّ مِنْ جَلَاب۪يبِهِنَّۜ » ئايىتىنى شۇنداق تەپسىر قىلغانىكەن: «يەنى باشلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى ياپسۇن، تاكى ھۆر ئىكەنلىكى بىلىنسۇن ۋە تەھلىكلىلەرگە(خەتەر ۋە يامانلىقلارغا) دۇچار بولمىسۇن.»« جىلباپ »تىن مۇرات:- ئىبنى قۇتەيبە دېگەن ئىكەن: […]

  • جەمىيتىمىزدىكى بىر خاتا چۈشەنچىگە رەدىيە

    جەمىيتىمىزدىكى بىر خاتا چۈشەنچىگە رەدىيە

      ئايال كىشىنىڭ تەسەتتۈرى ھىجابى« مانتو(ئايالچە پەلتۇ)، پەردەسۈ(پىلاشى) » ئەمەس بەلكى چارشاپىدۇر(چارشاپ–باشتىن تا ئاياققىچە بىر پارچە رەخىت ياپقۇچتۇر).   ئۇستاد بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى،ئەھلى سۈننەت ۋە ئەھلى سۈننەت بولمىغان(مۇئتەزىلەر، شىئە ۋە باشقىلىرى) مەزھەپلەرنىڭمۇ ئىتتىپاق قىلىپ «شەرىئەتكە ئۇيغۇن تەسەتتۈر–چارشاپ»نىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى ھېكمەتلىرى بىلەن بىرگە ئەسەرلىرىدە ئىزاھ قىلغان ۋە ئىسپاتلىغان.   «مانتۇ(پەلتۇ) ۋە بېشىنى يۆگەيدىغان ياغلىق–باش ئۆرتىسى»نى […]

  • ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇق. ئەمدى ئۆلۈم يوق

    ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇق. ئەمدى ئۆلۈم يوق

    سوئال: ئاخىرەتتە زەررىلەرنىڭ ئۆلمەي باقى قېلىشىنى قانداق ئىزاھ قىلىمىز؟   ئەلجاۋاپ: ئاللاھۇ ئەزىممۇششان، قىيامەتتىن كېيىن ھەشىر مەيدانىدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ھۇزۇرىدا «ئۆلۈم»نى قوچقار سۇرىتىدە ئېلىپ كىلىدۇ ۋە كېسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكى زەررىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئەھلى جەننەتنىڭ ئەڭ خۇشاللىققا چۈمگەن كۈنى، ئەنە شۇ كۈندۇر. چۈنكى، ئەھلى جەننەت، ئۇ پەيىتتە: «ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇق. ئەمدى ئۆلۈم يوق» دېيىشىدۇ. […]

  • ئېسىل پەزىلەتلەر

    ئېسىل پەزىلەتلەر

      ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ۋە ئۇنىڭ سادىق شاگىرتلىرىنىڭ ئەزىمەت (تەقۋالىق) بىلەن ئەمەل قىلىشقا دائىر ئىسل پەزىلەتلىرى.   ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى ۋە ئۇ ئالى–پەزىلەتلىك زاتلار: اِنْ اَجْرِىَ اِلَّا عَلَى اللّهِ (ماڭا ئەجىر بېرىشنى پەقەت ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالغان ) دەپ ھىچ كىمدىن ھەدىيە ئالمىغان؛ -سىياسەتكە ئارلاشمىغان؛ -ئىقتىساتچىللىق بىلەن ياشاپ، زۆرۇرىيەت مىقدارىدا يىگەن ۋە ئىچكەن؛ -تەھەججۈد نامىزىنى […]

  • ھېچبىر گۇناھكار، ئۇنىڭ قەھىر پەنچىسىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ

    ھېچبىر گۇناھكار، ئۇنىڭ قەھىر پەنچىسىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ

    ئۆلۈم نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟   جانابى ھەق، بىر نەرسىنى يارىتىشنى خالىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا بىر غايە تەيىن قىلىدۇ، ئۇ غايىغا قارىتا بىر شەكىل بېرىدۇ ۋە بىر ماددا مۇقىملاشتۇرىدۇ. فائىل يەنى پىئىل ئىگىسى، ئەسلىدىنلا ئۆزىدۇر. بۇ تۆت ئىللەت بىر يەرگە توپلانغان ھامان، ئۇ نەرسە ئەمدى مەخلۇق بولۇپ قۇدرەت دائىرىسىگە چىقىدۇ. بۇ بارلىققا كەلگەن ۋۇجۇتقا «ۋاجىبۇل ۋۇجۇدى لى […]

  • خۇراپاتلىقىدىن ۋە تومپايلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

    خۇراپاتلىقىدىن ۋە تومپايلىقتىن قۇتۇلۇش يولى

    ئەقلىنى«ھاھامنىڭ ۋە پاپازلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان» كىشى ۋەھشىي ياۋايى(تومپاي) ھېساپلىنامدۇ؟ ۋەياكى مەدىنىي دېيىلەمدۇ؟ «مەدىنىي كىمدۇر؟»   سوئالىنىڭ جاۋابى: «مەدىنىي ئىنسان»-ئۆزىگە ئىسلام تەبلىغ قىلىنغاندا قوبۇل قىلغان، يەنى ئىنسانىيەتنىڭ سەزگۈر بىر قۇرالى بولغان ئەقلىنى قوللىنىپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلىنغان ئىسلامىيەتنىڭ داۋاسىنى قوبۇل قىىلغان، مۇتەئەسسىپلىق قىلمىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان مەدىنىيىتىنىڭ تەربىيىسى […]

  • وَلاَ الضَّالِّينَ كەلىمىسىنىڭ ئىزاھى

    وَلاَ الضَّالِّينَ  كەلىمىسىنىڭ ئىزاھى

    وَلاَ الضَّالِّينَ كەلىمىسىنىڭ ئىزاھى   رىسالەئى نۇر مەجمۇئاسىدا بار بولغان ۋە ئەسلى نۇسخسى ئەرەپچە بولغان ئەسەرلەرنىڭ تۈركچىگە تەرجىمىسىدە بەزى خاتالىقلار تېپىلماقتا. بۇ خاتالىقلار– ناھايتى دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك خاتا ئۇقۇملارغا ۋە مەنە قېيىپ كىتىشىگە سەۋەپ بولماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئىزاھلىرى يېزىلغاندا ئەرەپچە ئەسلى نۇسخىسىغا قاراش زۈرۈرىيتى تۇغۇلماقتا. مەسىلەن: بۇ تۈرلۈك ئەھمىيەت بىرىشكە ئەرزىيدىغان بىر خاتالىق”ئىشاراتۇل […]

  • ئۇخۇۋۋەتى ئىسلامىيە(ئسلامى قېرىنداشلىق)قانداق ئورنىتىلىدۇ؟

    ئۇخۇۋۋەتى ئىسلامىيە(ئسلامى قېرىنداشلىق)قانداق ئورنىتىلىدۇ؟

    ئۇخۇۋۋەتى ئىسلامىيە(ئسلامى قېرىنداشلىق)قانداق ئورنىتىلىدۇ؟   دەسلەپتە ئوسمانلى خەلىپىلىگى ھېچبىر زامان ئىرقچىلىق قىلمىغان. مۇسۇلمانلارمۇ ئوسمانلى خەلقىنى تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيمىگەن، بەلكى ئىسلامىيەتكە خىزمەت قىلغانلىقى تۈپەيلى سۆيگەن ۋە تەقدىرلىگەن. ئوسمانلى ئىدار قىلغۇچىلىرىمۇ ئىرقچىلىق قىلمىغان ۋە ھەتتا مۇنداق ئېيىتقان:   ’’بۇ ئىدارە قىلىش بىزنىڭ ھەققمىز ئەمەستۇر. قۇرەيىشلەرنىڭ ھەققىدۇر. بىز بۇ ھەقنى زۇلۇم بىلەن تارتىۋالدۇق. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا-ئۇ يۇشۇرۇن ئەجنەبى كومىتىسىگە […]