Yazar: kasgar

  • قۇسۇرلۇق، ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىق

    قۇسۇرلۇق، ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىق

      قۇل ئۆز نەفسىدىكى– قۇسۇرلۇق، ئاجىزلىق ۋە پېقىرلىق سۈپىتىگە قارىتا قانداق قىلىشى كېرەك؟   بىرىنچىسى: ئۆز قۇسۇرىنى كۆرەلەيدىغان بولىشى– ئىتىراپ قىلىشى بولۇپ، قۇسۇرىنى كۆرەلىسە سبحان الله دەپ مۇقەددەس كەلىمىسى بىلەن ئاللاھنىڭ مۇقەددەس زاتىنىڭ ھەرتۈرلۈك قۇسۇردىن پاك ۋە پاكىز ئىكەنلىكىنى ئىلان قىلىدۇ.   ئىككىنچىسى: ئاجىزلىقىنى كۆرەلەيدىغان بولىشى– ئىتىراپ قىلىشى بولۇپ، كېسەللىك ۋە مۇسىبەتلەرگە، زاۋاللىق تېپىش ۋە […]

  • ئىلاھىي پىئىل دىگەن نېمە؟

    ئىلاھىي پىئىل دىگەن نېمە؟

    ئىلاھىي پىئىل دىگەن نېمە؟   سەرىف ۋە نەھىۋ ئىلىملىرىگە قارىتا، ئۆتمۈش زامان(مازىي)، ھازىرقى زامان(ھال) ۋە كىلەچەك زامانلار(ئىستىقبال)دا قىلىنغان ئىش ۋە ھەرىكەتلەرگە ”پىئىل“ دېيىلىدۇ.   كەلام ئىلمى ئىستىلاھىي ئاتالغۇسىغا قارىتا، مۇقەددەس بولغان ئىلاھىي زاتىنىڭ زۈرۈرىي لازىمى بولمىغان، مەخلۇقاتلارنى ياراتقان ۋە ئىدارە قىلغان(باشقۇرغان)ۋاقىتتا كۆرۈنگەن ۋە ئۆزىگە نىسبەت قىلىنغان، سەلبىي سۈپەتلەر ۋە سۇبۇتىي سۈپەتلەرنىڭ خارىجىدىكى پۈتۈن سۈپەتلەرگە ۋە ماستارلارغا ”ئىلاھىي […]

  • كىچىك يېشىدا ئىلىم ئېلىش

    كىچىك يېشىدا ئىلىم ئېلىش

    كىچىك يېشىدا ئىلىم ئېلىش ئۇنى تاشنىڭ ئۈستىگە نەقىش قىلغاندەك. قېرىغىنىدا ئىلىم ئېلىش ئۇنى سۇ ئۈستىگە يازغاندەك. ئەبۇ دەردا زەۋائىد

  • ھاجىلار ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا

    ھاجىلار ئۈچۈن قىلىنغان دۇئا

    رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھاجىلار ئۈچۈن شۇنداق دۇئا قىلغان: (اللَّهُمَّ اغْفِرْ لِلْحَاجِّ وَلِمَنِ اسْتَغْفَرَ لَهُ الْحَاجُّ ) رواه البيهقي ئاللاھىم ھاجىلانىڭ گۇناھلىرىنى ئەپۇ قىل، ئۇلارغا مەغفىرەت قىل! ھاجىلارنىڭ باشقىلار ئۈچۈن قىلغان ئىستىغفار ۋە دۇئالىرىنى قوبۇل قىل! (ھەدىسنى بەيھاقى رىۋايەت قىلغان)

  • ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟

    ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟

    ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟   ياق! پۈتۈن ئالەمنى ئۇ ئۆلتۈرىدۇ. پەقەتلا ھەشىر يەنى قايتا تىرىلىش مەيدانىدا، كائىنات خالىقى تەرىپىدىن ئۇمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئۆلۈم، سۇھۇفى ئىبراھىم (ئىبراھى ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ساھىپىلەر)دە ئارسىلان–شىر سۈرىتىدە تەمسىل قىلىنغان. ھەدىسى نەبەۋىيدە يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە بولسا، قوچقار سۈرىتىدە سۈپەتلەنگەن. ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىمۇ مىسال ئالىمىدە، ئۆلۈمنى بىر ئارسىلان شەكلىدە […]

  • بىر ھەدىس

    بىر ھەدىس

    عن أنس بن مالك –رضي الله عنه– قال رسول الله –صلى الله عليه وسلم-: ( إنَّ من الناس ناساً مفاتيح للخير مغاليق للشر، وإنَّ من الناس ناساً مفاتيح للشر مغاليق للخير، فطوبى لمن جعل الله مفاتيح الخير على يديه، وويل لمن جعل الله مفاتيح الشر على يديه )   ئەنەس بىن مالىك(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)دىن رىۋايەت قىلىنشچە، […]

  • .بۇ دۇئانىمۇ ئۈگىنىۋېلىڭ

    .بۇ دۇئانىمۇ ئۈگىنىۋېلىڭ

     اَللّهُمَّ اجْعَلْنَا مِنْ اَهْلِ السَّعَادَةِ وَ السَّلاَمَةِ وَ الْقُرْآنِ وَ اْلاِيمَانِ آمِينْ ——————————————————— *ئىلاھىم، بىزنى سائادەت، سالامەت، قۇرئان ۋە ئىمان ئەھلىدىن قىلغىن. –ت

  • سوئال: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

    سوئال: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

      سوئال: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟   جاۋاپ: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش تەبىرىنى سوراپسلەر.   زاھىر– سېرىتقى شەكلى ۋە كۆرىنىش سۈرىتى دېگەنلىكتۇركى، كۆرۈنىدۇ.   ھەقىقەت– ئىچ يۈزى، مەنىۋى جەھەتى، كۆز بىلەن كۆرۈنمەيدىغان ئىپادە، مەنىسى بىلەن بىلىنىشى دېگەنلىك بولىدۇ.   نېمەتتىن ئىنئام قىلىشقا، ئىنئام قىلىشتىن مۇنئىم(نىئمەت بەرگۈچى)نى كۆرۈش، ئەسەرلەردىن مۇئەسسىر بولغان(ھەقىقى تەسىر ئىگىسى، سەۋەپلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقى تەسىر ساھىبى […]

  • كىمكى بۇ فانى ھاياتنى ئاساسى مەقسەت قىلسا

    كىمكى بۇ فانى ھاياتنى ئاساسى مەقسەت قىلسا

      خۇلاسە: كىمكى بۇ فانى ھاياتنى ئاساسى مەقسەت قىلسا، كۆرىنىشتە بىر جەننەتتىكىدەك بولسىمۇ مەنىۋى جەھەتتىن جەھەننەمدىدۇر. كىمكى باقى ھاياتقا ئەستايىدىل يۈزلەنسە، ھەر ئىككى دۇنيا سائادىتىگە ئېرىشىدۇ. دۇنيالىق ھاياتى قانچىلىك يامان ۋە قىيىن بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ دۇنيانى جەننەتنىڭ بىر كۈتۈش زالى ھۆكمىدە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن يامان كۆرمەيدۇ، بەرداشلىق بېرىدۇ، سەبر ئىچىدە شۈكۈر قىلىدۇ… اَللّهُمَّ اجْعَلْنَا مِنْ اَهْلِ السَّعَادَةِ وَ السَّلاَمَةِ […]

  • !ھەر ئىش ئاللاھ ئۈچۈن تولىمۇ قولاي-وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

    !ھەر ئىش ئاللاھ ئۈچۈن تولىمۇ قولاي-وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ

      ئىككىنچى سوئال: تەبىئەتتىن ۋاز كەچكەن ۋە ئىمانغا كەلگەن زات دەيدۇكى:   ھەر مەۋجۇداتنىڭ ھەر جەھەتتە، ھەر ئىشىدا، ھەمدە ھەر نەرسىسىدە ۋە ھەر ھالىتىدە ئىلاھىي ئىرادە ۋە رەببانىي قۇدرەتكە بويسۇنۇشى بەكمۇ بۈيۈك ھەقىقەتتۇر. ئۇلۇغلىقى جەھەتتە تار زىھىنلىرىمىزگە سىغمايدۇ. ھالبۇكى، بىز بۇ ئالەمدە كۆرىۋاتقان بۇ چەكسىز دەرىجىدىكى كۆپلۈك ۋە بۇ شەيئىلەرنىڭ يارىتىلىشىدىكى چەكسىز ئوڭايلىق، ھەمدە يۇقۇرىقىدەك […]