Yazar: kasgar

  • ئىخلاسنى بۇزىدىغان ۋە رىياكارلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر

    ئىخلاسنى بۇزىدىغان ۋە رىياكارلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر

      ئەمدى ئىخلاسنى بۇزىدىغان ۋە رىياكارلىققا ئۈندەيدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەردىن ئىككى–ئۈچىنى قىسقىچە بايان قىلىمىز:   بىرىنچىسى: ماددى مەنپەئەت جەھەتتىن كەلگەن رىقابەت ئاستا–ئاستا ئىخلاسنى بۇزىدۇ ۋە خىزمەت نەتىجىسىنىمۇ زېدىلەيدۇ، ھەمدە ئۇ ماددى مەنپەئەتنىمۇ قاچۇرىدۇ. شۇنداق، ھەقىقەت ۋە ئاخىرەت يولىدا تىرىشقانلارغا قارىتا بۇ خەلق دائىما بىر خىل ھۆرمەت ۋە ياردەم قىلىش پىكرىدە بولۇشقاندۇر. شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ […]

  • …ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىشىدۇ

    …ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىشىدۇ

    بەشىنچى سەۋەب:   ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپ ۋە ئىتتىپاقسىزلىقى ئۇلارنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولمىغىنىدەك، ئازغۇنلارنىڭ قۇۋۋەتلىك ئىتتىپاقلىقىمۇ ئۇلارنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن كەلگەن ئەمەستۇر. بەلكى ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقى كامىل ئىماندىن كەلگەن تايانچ كۈچتىن ۋە ئۇ تايانچ كۈچتىن كېلىپ چىققان قۇۋۋەتتىن كەلگەنلىكىدەك؛ ئەھلى غەپلەت ۋە ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقلىرى قەلبتە تايانچ نۇقتا تاپالماسلىق نەتىجىسىدىكى زەئىپلىك ۋە ئاجىزلىقلىرىدىن كەلگەندۇر. چۈنكى ئاجىزلار ئىتتىپاققا مۇھتاج بولغانلىقى ئۈچۈن قۇۋۋەتلىك […]

  • ئەلھۇببۇ فىللاھ-(ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش) سىرى

    ئەلھۇببۇ فىللاھ-(ﷲ ئۈچۈن ياخشى كۆرۈش) سىرى

    تۆتىنچى سەۋەب:   ئەھلى ھىدايەتنىڭ رىقابەتكارانە ئىختىلاپلىشىشى، ئاقىۋەتنى ئويلىماسلىقتىن ۋە نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقىدىن بولمىغىنىغا ئوخشاش، ئازغۇنلارنىڭ سەمىمى ئىتتىپاقلىشىشىمۇ ئاقىۋەتنى ئويلىغانلىقتىن ۋە نەزەرلىرىنىڭ يۈكسەكلىكىدىن ئەمەستۇر.   بەلكى ئەھلى ھىدايەت ھەق ۋە ھەقىقەتنىڭ تەسىرى بىلەن نەفسنىڭ كور ھېسسىياتىغا باغلىنىپ قالماي، قەلىپ ۋە ئەقىلنىڭ يىراقنى كۆرىدىغان مايىللىقلىرىغا ئەگىشىش بىلەن بىللە، ئىستىقامەتنى ۋە ئىخلاسنى ساقلىيالمىغانلىقتىن ئۇ يۈكسەك مەرتىۋىنى مۇھاپىزەت قىلالماي ئىختىلاپقا […]

  • ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپلىشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپلىشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    ئىككىنچى سەۋەب:   ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ئۇلارنىڭ پەسلىكىدىندۇر، ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئىختىلاپلىشىش ئۇلارنىڭ ئىززىتىدىندۇر. يەنى ئەھلى غەپلەت بولغان ئەھلى دۇنيا ۋە ئەھلى زالالەت ھەق ۋە ھەقىقەتكە تايانمىغانلىقى ئۈچۈن پەس ۋە ئاجىزدۇر. پەس بولغانلىقتىن قۇۋۋەت تېپىشقا مۇھتاجدۇر. بۇ ئېھتىياج تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا سەمىمى ئىنتىلىدۇ. ھەتتا تۇتقان يولى ئازغۇنلۇق بولسىمۇ ئىتتىپاقلىقنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. گويا ئۇ ھەقسىزلىكتە بىر […]

  • ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپى نامەرتلىك ۋە ھامىيەتسىزلىكلىرىدىن ئەمەس

    ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپى نامەرتلىك ۋە ھامىيەتسىزلىكلىرىدىن ئەمەس

    ئالتىنچى سەۋەب:   ھەقىقەت ئەھلىنىڭ ئىختىلاپى نامەرتلىك ۋە ھامىيەتسىزلىكلىرىدىن بولمىغىنىدەك، غاپىل ئەھلى دۇنيا ۋە ئەھلى زالالەتنىڭ دۇنياۋى ھاياتقا ئائىت ئىشلاردا سەمىمى ئىتتىپاقلىشىشىمۇ ئۇلارنىڭ مەرتلىكىدىن، غەيرەتلىك ۋە ھامىيەتلىك بولغىنىدىن ئەمەستۇر. بەلكى ئەھلى ھەق كۆپىنچە ئاخىرەتكە ئائىت بولغان مەنپەئەتلەرنى ئويلاش بىلەن ئۇلارنىڭ ئۇ ئەھمىيەتلىك ۋە كۆپ مەسىلىلەرگە بولغان ھامىيىتى ۋە مەرتلىكى بۆلىنىپ كېتىدۇ. ھەقىقىي دەسمايە بولغان ۋاقتىنى بىر مەسىلىگە […]

  • پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ھادىسىدىكى مۆجىزىسى

    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ھادىسىدىكى مۆجىزىسى

      ئۈچىنچى مىسال: ھەزرەتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ «يەدى بەيزا»(پارلاق قول) ۋە «ھاسا» مۆجىزىسىگە ئوخشىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈچ ھادىسىدىكى مۆجىزىسى:   بىرىنچىسى: ھەزرەتى ئىمامى ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل، ئەبى سەئىدىل خۇدرىدىن تەخرىج ۋە تەسھىھ قىلىدۇكى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قەتادە ئىبنى نۇئمانغا قاراڭغۇ، يامغۇرلۇق بىر كېچىدە بىر تاياق بەرگەن ۋە: «بۇ ساڭا لامپىدەك ھەر تەرەپكە ئون گەزدەك كەڭلىكتە […]

  • رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟

    رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟

    رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟   جاۋاپ: شۇنداق، رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بار. بەزى ئىنسانلار پەقەتلا يىيىش ۋە ئىچىشنى تاشلاپ رۇزا تۇتىدۇ. بەزى كىشىلەر يەپ ئىچىشنى تەرك قىلىش بىلەن بىرگە، يامان ئىشلارغا ۋە يىرگىنىشلىك سۆزلەرگە قارشى رۇزا تۇتىدۇ. بۇ خىل شەكىلدە تۇتۇلغان رۇزا، ئالدىنقى رۇزىدىن تېخىمۇ ئۈستۈندۇر.   ناھايتى تاللانغان بىر گۇرۇپمۇ باردۇركى، بۇلار يىمەيدۇ–ئىچمەيدۇ، […]

  • رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسىنى بىلەمسىز؟

    رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسىنى بىلەمسىز؟

    ئون بىرىنچى نۇكتە: «ئۈچ مەسىلە»دۇر.   بىرىنچى مەسىلە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسى ئۈچتۇر. يەنى، سۆزلىرى، ھەرىكەتلىرى ۋە ھالەتلىرىدۇر. بۇ ئۈچ قىسىممۇ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. يەنى: پەرزلەر، نەفىلىلەر ۋە ياخشى ئادەتلىرىدۇر. پەرز ۋە ۋاجىپ قىسىمىدا ئەگىشىشكە مەجبۇرىيەت بار. تەرك قىلىنىشىدا ئازاپ ۋە جازا بار. ئۇنىڭغا ئەگىشىش ھەركىم ئۈچۈن بۇرچتۇر. نەفىلىلەر قىسمىدا، ياخشى كۆرىلىدىغان […]

  • سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ئەگىشىش لازىممۇ؟

    سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ئەگىشىش لازىممۇ؟

      توققۇزىنچى نۇكتە: سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ھەرىكىتى بىلەن ئەگىشىش پەقەت مۆئمىنلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن خاسلىرى مۇيەسسەر بولىدىغان ئىش. ئەمما ھەرىكىتى بىلەن بولمىسىمۇ، نىيىتى بىلەن، مەقسەت قىلىپ، تەرەپدار ھالدا، قوبۇل كۆرگەن ئاساستا ئۇنى قىلىشنى خالاش ھەركىمنىڭ قولىدىن كىلىدۇ. پەرز ۋە ۋاجىپ قىسىملىرىغا ئەگىشىشتە ئەسلىدىنلا مەجبۇرىيەت بار. ۋە ئىبادەتتىكى مۇستەھەب بولغان سۈننەتى سەنىييەلەرنى تەرك قىلىش گۇناھ […]

  • سۇرە فاتىھە

    سۇرە فاتىھە

    كائىنات بۈيۈك مەسجىدىدە قۇرئان كائىناتنى ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇنى ئاڭلايلى، ئۇ نۇر بىلەن نۇرلىنايلى، ھىدايىتى بىلەن ئەمەل قىلايلى ۋە ئۇنىڭ دۇئا–تىلاۋىتى بىلەن كۆپلەپ مەشغۇل بولايلى. شۇنداق، ھەقىقىي سۆز ئۇدۇر ۋە ئۇنى دېسە بولىدۇ. ھەق بولۇپ، ھەقتىن كېلىپ، ھەق دېگەن ۋە ھەقىقەتنى كۆرسەتكەن ۋە نۇرانىي ھىكمەتنى تارقاتقان ئۇدۇر. سُورَةُ الْفَاتِحَة اَعُوذُ بِاللّٰهِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّج۪يمِ بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ […]