Yazar: kasgar

  • ھەقىقىي ساغلاملىق ۋە ئاخىرەتلىك ئوزۇق

    ھەقىقىي ساغلاملىق ۋە ئاخىرەتلىك ئوزۇق

    يەتتىنچى سۆز شۇ كائىناتنىڭ سىرلىق تىلسىمىنى يەشكەن آمَنْتُ بِاللّهِ وَ بِالْيَوْمِ اْلآخِرِ  (ﷲقا ۋە ئاخىرەتكە ئىمان) ئىنسان روھى ئۈچۈن سائادەت ئىشىكىنى ئاچىدىغان نەقەدەر قىممەتدار تىلسىملىق ئىككى ئاچقۇچ بولىدىغانلىقىنى؛ ھەمدە سەبىر بىلەن ياراتقۇچىسىغا تەۋەككۈل ۋە ئىلتىجا قىلىشنىڭ، شۈكۈر بىلەن رەززاقىغا (رىزىق بەرگۈچىسىگە) دۇئا–تىلەكتە بولۇشنىڭ نەقەدەر پايدىلىق تىرياقتەك ئىككى دورا بولىدىغانلىقىنى؛ شۇنداقلا قۇرئان ئاڭلىماق، ھۆكۈمىگە بويسۇنماق، نامازنى […]

  • غەيۋەت ھەققىدە

    غەيۋەت ھەققىدە

    خاتىمە غەيۋەت ھەققىدە بِاسْمِهِ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾   يىگىرمە بەشىنچى سۆزنىڭ بىرىنچى «شولىسى»نىڭ بىرىنچى «شۇئاسى»نىڭ بەشىنچى نۇقتىسىدا «ئەيىبلەش ۋە چەكلەش» تېمىسىغا كەلتۈرۈلگەن مىساللاردىن بولغان بىرلا ئايەتنىڭ مۆجىزىلىك تۈردە ئالتە شەكىلدە غەيۋەتتىن نەپرەت قىلدۇرىشى، قۇرئان نۇقتىئىنەزىرىدە غەيۋەتنىڭ قانچىلىك يىرگىنچلىك نەرسە ئىكەنلىكىنى تامامەن كۆرسەتكەنلىكىدىن باشقا بايانغا ئېھتىياج قالمىغاندۇر. شۇنداق، قۇرئان بايانىدىن كېيىن بايان بولالماس، ئېھتىياجمۇ […]

  • ناماز ھەققىدە

    ناماز ھەققىدە

    تۆتىنچى سۆز بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ اَلصَّلاَةُ عِمَادُ الدِّينِ (رەھمان ۋە رەھىم بولغان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن* ناماز دىننىڭ تۈۋرۈكى–ھەدىس تىرمىزى)    نامازنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ۋە مۇھىم ئىكەنلىكىنى، نەقەدەر يەڭگىل ۋە ئاز بىر دەسمايە بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقىنى، ھەم نامازسىز ئادەمنىڭ نەقەدەر ئەقىلسىزلىق ۋە تولىمۇ چوڭ يوقىتىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئىككى كەرە ئىككى تۆت بولۇش دەرىجىسىدە ئېنىق […]

  • !ئىبلىسنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ھىيلىسى-دىققەت قىلىڭ

    !ئىبلىسنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ھىيلىسى-دىققەت قىلىڭ

      ئونىنچى ئىشارەت: ئىبلىسنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ھىيلىسى: ئۆزىنى، ئۆزىگە ئەگەشكەنلەرگە ئىنكار قىلغۇزۇشتۇر. شۇ زاماندا، خۇسۇسەن ماتېرىيالىستلىك پەلسەپىسى بىلەن ئەقلى بۇلغانغانلار بۇ ئېنىق مەسىلىدە ئىككىلەنگەنلىكلىرى ئۈچۈن، شەيتاننىڭ بۇ ھىيلىسىگە قارشى بىر–ئىككى ئېغىز سۆز سۆزلەيمىز.   ئىنسانلاردا شەيتان ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان جەسەتلىك يامان روھلار كۆرىۋاتقىنىمىزدەك بولغىنىغا ئوخشاش، جىنلاردىنمۇ جەسەتسىز يامان روھلارنىڭ بار ئىكەنلىكى ئاشۇ قەتئىيلىكتىدۇر. ئەگەر ئۇلار […]

  • ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال! ئەھلى زالالەت ۋەكىلىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما!

    ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال! ئەھلى زالالەت ۋەكىلىنىڭ گېپىگە قۇلاق سالما!

    (ئوتتۇز ئىككىنچى سۆزنىڭ ئۈچىنچى بۆلىكىدىن) ئىككىنچى نۇقتىنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئەھلى زالالەتنىڭ (ئازغۇنلارنىڭ) ۋەكىلى تايىنىدىغان ھېچبىر يەر ۋە زالالىتىنى ئۈستىگە بىنا قىلىدىغان ھېچبىر نەرسە تاپالماي مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن دېدىكى:  «مەن دۇنيادىكى بەخت-سائادەتنى، ھاياتتىكى لەززەتنى، مەدەنىي تەرەققىياتنى، پەن-تېخنىكىنىڭ كامالىتىنى ئۆزۈمچە ئاخىرەتنى ئويلىماسلىقتا، ﷲنى تونۇماسلىقتا، دۇنيانى سۆيۈشتە، ئەركىن بولۇشتا ۋە ئۆزىگىلا ئىشىنىشتە دەپ بىلگەنلىكىم ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمىنى […]

  • ! شەيتاننىڭ ئەڭ خەتەرلىك بىر ھىيلىسى- دىققەت قىلىڭ

    ! شەيتاننىڭ ئەڭ خەتەرلىك بىر ھىيلىسى- دىققەت قىلىڭ

       ئالتىنچى ئىشارەت: شەيتاننىڭ ئەڭ خەتەرلىك بىر ھىيلىسى شۇدۇركى، بەزى سەزگۈر ۋە قەلبى ساپ ئىنسانلارغا كۇفۇرنى(كاپىرلىقنى) خىيال قىلىشنى كۇفۇرنى تەستىق قىلىش قاتارىدا كۆرسىتىپ قايمۇقتۇرىدۇ. زالالەتنى تەسەۋۋۇر قىلىشنى زالالەتنى تەستىق قىلىش سۈرىتىدە كۆرسىتىدۇ. ھەمدە مۇقەددەس زاتلار ۋە پاك نەرسىلەر ھەققىدە غايەت چىركىن ئەسلىمىلەرنى خىيالىغا سۇنىدۇ. شۇنداقلا زاتىي (خاس) ئىمكاننى ئەقلىي ئىمكان شەكلىدە كۆرسىتىپ ئىماندىكى شەكسىز ئېتىقادىغا […]

  • نىمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر كۆپ قېتىم ئەھلى زالالەتكە قارشى مەغلۇپ بولغان؟؟؟

    نىمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر كۆپ قېتىم ئەھلى زالالەتكە قارشى مەغلۇپ بولغان؟؟؟

      توققۇزىنچى ئىشارەت: سوئال: ھىزبۇللاھ(ﷲ يولىدىكىلەر) بولغان ئەھلى ھىدايەت، باشتا پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ بېشىدا پەخرى ئالەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ﷲنىڭ ئۇ قەدەر ئىنايەت ۋە رەھمەت؛ ۋە ياردىمىگە ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ھىزبۇششەيتان بولغان ئەھلى زالالەتكە كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان؟ ھەم خاتەمۇل ئەنبىيا بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇياشتەك پارلاق پەيغەمبەرلىك ۋە رىسالىتىنى، ھەمدە قۇرئاننىڭ مۆجىزىسى بىلەن قىلغان تەسىرى بەكمۇ […]

  • پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارغا مۇھەببەت

    پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارغا مۇھەببەت

    سوئال: پەيغەمبەر ۋە ئەۋلىيالارغا قارىتا بولغان مۇھەببەت قانداق پايدىسىز قالىدۇ؟   جاۋاب: خرىستىئانلارنىڭ ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا، رافىزىيلەرنىڭ ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا بولغان مۇھەببەتلىرى پايدىسىز قالغاندەك…    ئەگەر مۇھەببەتلەر قۇرئاننىڭ دېگىنى بويىچە، ﷲ نامىدىن، ئۇنى سۆيۈش نامىدىن بولسا، ئۇ چاغدا ھەم دۇنيادا، ھەم ئاخىرەتتە ئېسىل نەتىجىلىرى بار.    دۇنيادا بولسا، مېزىلىك تاماقلارغا، لەززەتلىك مېۋىلەرگە بولغان مۇھەببىتىڭ، ئەلەمسىز […]

  • «كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ۋە سوئاللىرىنى قوزغىغان «تۆت كىچىك مەسىلە

    «كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ۋە سوئاللىرىنى قوزغىغان «تۆت كىچىك مەسىلە

    ئون ئالتىنچى لەمئا بِاسْمِهِ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾ اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّٰهِ وَ بَرَكَاتُهُ   ئەزىز، سىددىق قېرىنداشلىرىم خوجا سابرى، ھافىز ئەلى، مەسئۇد، مۇستافالار، خۇسرەۋ، رەئفەت، بەكىر ئەپەندى، رۈشدۈ، لۈتفۈلەر، ھافىز ئەھمەد، شەيخ مۇستافا ۋە باشقىلار… سىلەرگە كۆپ كىشىلەرنىڭ قىزىقىشىنى ۋە سوئاللىرىنى قوزغىغان «تۆت كىچىك مەسىلە»نى مەلۇمات شەكلىدە، قىسقىچە بىر سۈرەتتە بايان […]

  • ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىم بولغان ئاياللار سەمىگە

    ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىم بولغان ئاياللار سەمىگە

    بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ئەھلى ئىمان ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىم بولغان ئاياللار قاتلىمى بىلەن بىر سۆھبەت   بەزى ۋىلايەتلەردە ئاياللار قاتلىمىنىڭ سەمىمىي ۋە ھارارەتلىك بىر شەكىلدە نۇرلار بىلەن ئالاقىدارلىقلىرىنى كۆرگەن ۋە مېنى لاياقىتىمدىن كۆپ ئۈستۈن كۆرۈپ، ئىشەنچ بىلەن نۇرلارغا ئائىت دەرسلىرىمگە بېرىلگەنلىكلىرىدىن خەۋەردار بولغان ۋاقىتلىرىمدا، مۇبارەك ئىسپارتاغا ۋە مەنىۋى مەدرەسەتۇززەھراغا* ئۈچىنچى قېتىم كەلگىنىمدە ئاڭلىدىمكى ئۇ مۇبارەك ئاخىرەتلىك ھەمشىرىلىرىم بولغان […]