-
روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى
بەشىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى شۇدۇركى: ئىنساننىڭ نەفسى غەپلەت بىلەن ئۆزىنى ئۇنۇتىدۇ. ماھىيىتىدىكى چەكسىز ئاجىزلىقىنى، چەكسىز پېقىرلىقىنى ۋە چەكسىز دەرىجىدىكى قۇسۇرىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ھەمدە ئىنتايىن زەئىپ، زاۋال تېپىشقا تەييار ۋە بالا–مۇسىبەتلەرگە دۇچار ئىكەنلىكىنى، تېز بۇزۇلۇپ چىرىيدىغان گۆش ۋە سۆڭەكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى […]