Etiket: ئىنسان

  • پەيغەمرىمىز ھەققىدە 19 – مەكتۇپ

    پەيغەمرىمىز ھەققىدە 19 – مەكتۇپ

    (مۇئجىزاتى ئەھمەدىيە* (ئە.س.ۋ) (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ هُوَ الَّذِى اَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَى وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَ كَفَى بِاللّٰهِ شَهِيدًا مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللّٰهِ …ئاخىرىغىچە (فەتىھ48 :28-29) اﷲ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد […]

  • تەۋەككۇل قىلىش

    تەۋەككۇل قىلىش

    ئۈچىنچى نۇقتا:   ئىمان ھەم نۇردۇر، ھەم قۇۋۋەتتۇر. شۇنداق، ھەقىقىي ئىماننى قولىغا ئالالىغان كىشى كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە قارشى چىقالايدۇ ۋە ئىماننىڭ قۇۋۋىتىگە قارىتا ھادىسىلەرنىڭ بېسىملىرىدىن قۇتۇلالايدۇ. «تەۋەككەلتۇ ئەلاللاھ» (ﷲغا تەۋەككۇل قىلدىم) دەپ ھايات كېمىسىدە مۇستەھكەم ئىشەنچ بىلەن ھادىسىلەرنىڭ تاغدەك دولقۇنلىرى ئىچىدە سەيلە قىلىدۇ. بارلىق ئېغىرلىقلىرىنى چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ قۇدرەت قولىغا ئامانەت قىلىدۇ. راھەت […]

  • ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى بار، بىلەمسىز؟

    ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى بار، بىلەمسىز؟

    ئىنساننىڭ ئۈچ مۇھىم ۋەزىپىسى:   بىرىنچىسى: كائىناتتا يېيىلغان پۈتۈن نىمەت تۈرلىرىنى ئىنسان ئارقىلىق تەرتىپكە قويۇپ، ئىنساننىڭ مەنپەئەتلىنىش يىپى بىلەن تەسبىھ دانىلىرىدەك ئىنتىزامغا سالىدۇ، نىمەتلەرنىڭ يىپلىرىنىڭ ئۇچلىرىنى ئىنساننىڭ بېشىغا باغلايدۇ، رەھمەت خەزىنىلىرىنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىگە ئىنساننى بىر تىزىملىك ھۆكمىگە كەلتۈرگەندۇر.   ئىككىنچى ۋەزىپىسى: ھەييۇل قەييۇم بولغان زاتنىڭ خىتابلىرىغا مۇجەسسەملىك خۇسۇسىيىتى بىلەن ئەڭ مۇكەممەل مۇخاتاب (خىتاپ قىلىنغۇچى) بولۇش، […]

  • ئىنساننىڭ سائادىتى ۋە ھالاكىتى

    ئىنساننىڭ سائادىتى ۋە ھالاكىتى

    ئىككىنچى قىسىم ﴿لَقَدْ خَلَقْنَا اْلاِنْسَانَ فِى اَحْسَنِ تَقْوِيمٍ ٭ ثُمَّ رَدَدْنَاهُ اَسْفَلَ سَافِلِينَ ٭ اِلاَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ﴾ بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق[4].ئاندىن ئۇنى(چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن)دوزاخقا قايتۇردۇق[5].پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا.بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ[6] (سۇرە تىن:4-6) (ئىنساننىڭ سائادىتى ۋە ھالاكىتىنى چۈشەندۈرگەن «بەش […]

  • ئىنساندىكى ئىككى تەرەپ- ھەم ياخشى ھەم يامان

    ئىنساندىكى ئىككى تەرەپ- ھەم ياخشى ھەم يامان

       بىرىنچى نۇكتە: ئىنسان مەۋجۇداتلار ئالىمىنىڭ كۆپلىگەن تۈرلىرىگە مۇھتاج ۋە ئۇلار بىلەن ئالاقىداردۇر. ئېھتىياجلىرى ئالەمنىڭ ھەر تەرىپىگە تارالغان، ئارزۇلىرى ئەبەدكە قەدەر ئۇزارغان. بىر گۈلنى خالىغىنىدەك بىر باھارنىمۇ خالايدۇ. بىر باغچىنى ئارزۇ قىلغاندەك، ئەبەدىي جەننەتنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. بىر دوستىنى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغاندەك، چەكسىز گۈزەللىك ۋە ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولغان ﷲنىمۇ كۆرۈشكە ئىنتىزاردۇر. باشقا بىر يەردىكى سۆيگىنىنى زىيارەت […]

  • ئىنسان

    ئىنسان

    يىگىرمە ئۈچىنچى سۆز (شۇ سۆز ئىككى قىسىمدۇر) ﴿لَقَدْ خَلَقْنَا اْلاِنْسَانَ فِى اَحْسَنِ تَقْوِيمٍ ٭ ثُمَّ رَدَدْنَاهُ اَسْفَلَ سَافِلِينَ ٭ اِلاَّ الَّذِينَ آمَنُوا وَ عَمِلُوا الصَّالِحَاتِ﴾ بىز ئىنساننى شەك ـ شۈبھىسىز ئەڭ چىرايلىق شەكىلدە ياراتتۇق[4].ئاندىن ئۇنى(چىرايلىق ياراتقانلىق نېمىتىمىزگە شۈكۈر قىلماي ئاسىيلىق قىلغانلىقتىن)دوزاخقا قايتۇردۇق[5].پەقەت ئىمان ئېيتقان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بۇلارغا ئۈزۈلمەس ساۋاب بېرىلىدۇ[6] (سۇرە تىن:4-6) بىرىنچى […]

  • ئەي ئىنسان! ھەزەر قىل، دىققەت بىلەن يۈر، چۆكۈشتىن قورىققىن

    ئەي ئىنسان! ھەزەر قىل، دىققەت بىلەن يۈر، چۆكۈشتىن قورىققىن

    ئۈچىنچى ئىشارەت:    ئەي ئىنسان! چەكسىز ھىكمەت ئىگىسى بولغان ياراتقۇچىنىڭ سېنىڭ ماھىيتىڭگە قويغان ئەڭ ئاجايىپ بىر ھالەت شۇدۇركى، بەزىدە دۇنياغا سىغمايسەن. زىنداندا كانىيى سىقىلغان ئادەمدەك «ئوف…ئوف» دەپ دۇنيادىن تېخىمۇ كەڭرى بىر يەر خالايسەن–يۇ، بەزىدە زەررىچىلىك بىر ئىش، بىر خاتىرە، بىر مىنۇت ئىچىگە كىرىپ يەرلىشىسەن. چوڭ دۇنياغا سىغمىغان قەلب ۋە پىكرىڭ ئۇ كىچىككىنە زەررىگە سىغىدۇ، ئەڭ […]