Etiket: ئۆلۈم

  • ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىش-سۈننەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىش-سۈننەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

      تۆتىنچى نۇكتە: بىر چاغلار ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىشتىن ۋە ئالەمنىڭ زاۋالى ۋە يوقىلىشىدىن كەلگەن بىر روھىي ھالەتتىن ئۆزۈمنى ئاجايىپ بىر ئالەمدە كۆردۈم. ئۆزۈمنى بىر مۇردا(ئۆلۈك) ھالىتىدە ئۈچ ئالاھىدە چوڭ مىيىتنىڭ بېشىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدىم.   بىرىسى: مېنىڭ ھاياتىم بىلەن ئالاقىدار ۋە ئۆتكەن زامان قەبرىسىگە كىرگەن بارلىق جانلىق مەخلۇقاتنىڭ […]

  • ئۆلۈم دېگەن نىمە؟

    ئۆلۈم دېگەن نىمە؟

    ئۆلۈم دېگەن نىمە؟   ئۆلۈم بىر ئەمرى ئىتىبارىيدۇر. زاھىر جەھەتتىن ۋۇجۇدى كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما ھەقىقەتتە ئەڭ كۈچلۈك ۋۇجۇت ساھىبىدۇر. مەنىۋى ئالەمدە ئۆلۈم، بىر ئارسىلان–شىر ۋەياكى بىر قوچقار شەكلىدىدۇر. پۈتۈن ئىنسانلارنى، پۈتۈن جىنلارنى، پۈتۈن زىھايات(جانلىقلار)نى، ھەتتا پۈتۈن ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى، ئەجىلى كەلگەندە يەرگە يىقىتىپ ئۆلتۈرىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۆلۈم باشتا ئىنسان ئاندىن پۈتۈن زىھاياتلارنى مەغلۇپ قىلىدىغان بىر كۈچتۇر. ھېچ […]

  • ياشلارغا خىتاپ

    ياشلارغا خىتاپ

    ئون ئۈچىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى ماقامى (جەلپ قىلارلىق فىتنە ئىچىدە بولغان ۋە تېخى ئەقلىنى يوقاتمىغان بەزى ياشلار بىلەن بولغان سۆھبەت)   ھازىرقى ئالدامچى، جەلپ قىلارلىق كەيپ–ساپا ۋە فىتنىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن بىر قىسىم ياشلار «ئاخىرىتىمىزنى قانداق قۇتقۇزىمىز؟» دەپ، رىسالەئى نۇردىن ياردەم سوراشتى. مەنمۇ رىسالەئى نۇرنىڭ مەنىۋى شەخسى نامىدىن ئۇلارغا دېدىمكى: قەبىر بار. ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. خالىسىمۇ، […]

  • ئەي مۆھتەرەم ياشىنىپ قالغانلار

    ئەي مۆھتەرەم ياشىنىپ قالغانلار

    سەككىزىنچى رىجا   بېشىمغا قېرىلىق ئالامىتى بولغان ئاق چاچلار چۈشكەن زامانلاردا، ياشلىقنىڭ ئېغىر ئۇيقۇسىنى تېخىمۇ زىيادە قېلىنلاشتۇرغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرى، ئەسىرگە چۈشكەن چاغدىكى پاراكەندىچىلىكلەر، شۇنداقلا كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىنكى ماڭا ئائىت بولغان چوڭ بىر شان–شەرەپ ۋەزىيىتى، ھەتتا خەلىپىدىن، دىنىي رەئىستىن، باش قومانداندىن باشلاپ، مەدرىسە تالىپلىرىغا قەدەر ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ھەددىمدىن تولىمۇ يۈكسەك بولغان ھۆرمەت–ئىلتىپاتلىرى […]

  • ئاۋازلىق : «ئىنسان ئاجىزدۇر» جۈملىسىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    ئاۋازلىق : «ئىنسان ئاجىزدۇر» جۈملىسىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    رىسالەئى نۇردا «ئىنسان ئاجىزدۇر» جۈملىسىنى قانداق چۈشىنىمىز؟   (ھەم شۇ كائىنات مالىكى ۋە ھەقىقى تەسەررۇپ قىلغۇچىسى، مەئبۇد ۋە ھەقىقى مەھبۇبى ئۇ زات بولالايدۇكى، كىچە–كۈندۈزنى، قىش ۋە يازنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى بىر كىتاپنىڭ سەھىپىلىرىگە ئوخشاش قولاي ئالماشتۇرىدۇ، يازىدۇ، بۇزىدۇ، ئۆزگەرتەلەيدۇ.)   كىمگە ئىبادەت قىلىمىز؟ كىم بىزنى بۇ ئەھۋاللاردىن– زاۋاللىق تېپىش ۋە ئايرىلىش پىراقلاردىن، ئۆلۈم ۋە پانىيلىقتىن، […]

  • !كىلىڭلاردوسىتلار بۇرادەرلەر بىرلىكتە تۆۋبە ۋە نادامەتلىرىمىزبىلەن ئاللاھقا يالۋۇرايلى

    !كىلىڭلاردوسىتلار بۇرادەرلەر بىرلىكتە تۆۋبە ۋە نادامەتلىرىمىزبىلەن ئاللاھقا يالۋۇرايلى

    (ئون يەتتىنچى لەمئانىڭ بىر پارچىسىدۇر) ئون ئىككىنچى نوتا   ئەي بۇ نوتىلارنى ئاڭلىغان دوستلىرىم! بىلىڭلاركى، مەن ئادەتلەرگە زىت ھالدا رەببىمگە قارىتا قەلبىمنىڭ يوشۇرۇش لازىم بولغان يالۋۇرۇش، تىلەش ۋە مۇناجاتلىرىنى بەزىدە يازغىنىمنىڭ سەۋەبى، ئۆلۈم تىلىمنى جىمىقتۇرغان زامانلاردا تىلىمغا بەدەل قەلبىمنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ﷲنىڭ رەھمىتىدىن تىلىمەكتۇر.   شۇنداق، قىسقا بىر ئۆمۈردە، چەكسىز گۇناھلىرىمغا كەپپارەت بولۇشى ئۈچۈن […]

  • ئۆلۈم نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

    ئۆلۈم نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

    ئۆلۈم نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟   جانابى ھەق، بىر نەرسىنى يارىتىشنى خالىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا بىر غايە تەيىن قىلىدۇ، ئۇ غايىغا قارىتا بىر شەكىل بېرىدۇ ۋە بىر ماددا مۇقىملاشتۇرىدۇ. فائىل يەنى پىئىل ئىگىسى، ئەسلىدىنلا ئۆزىدۇر. بۇ تۆت ئىللەت بىر يەرگە توپلانغان ھامان، ئۇ نەرسە ئەمدى مەخلۇق بولۇپ قۇدرەت دائىرىسىگە چىقىدۇ. بۇ بارلىققا كەلگەن ۋۇجۇتقا «ۋاجىبۇل ۋۇجۇدى لى […]

  • ھېچبىر گۇناھكار، ئۇنىڭ قەھىر پەنچىسىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ

    ھېچبىر گۇناھكار، ئۇنىڭ قەھىر پەنچىسىدىن ئۆزىنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ

    ئۆلۈم نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟   جانابى ھەق، بىر نەرسىنى يارىتىشنى خالىغان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا بىر غايە تەيىن قىلىدۇ، ئۇ غايىغا قارىتا بىر شەكىل بېرىدۇ ۋە بىر ماددا مۇقىملاشتۇرىدۇ. فائىل يەنى پىئىل ئىگىسى، ئەسلىدىنلا ئۆزىدۇر. بۇ تۆت ئىللەت بىر يەرگە توپلانغان ھامان، ئۇ نەرسە ئەمدى مەخلۇق بولۇپ قۇدرەت دائىرىسىگە چىقىدۇ. بۇ بارلىققا كەلگەن ۋۇجۇتقا «ۋاجىبۇل ۋۇجۇدى لى […]

  • ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟

    ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟

    ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟   ياق! پۈتۈن ئالەمنى ئۇ ئۆلتۈرىدۇ. پەقەتلا ھەشىر يەنى قايتا تىرىلىش مەيدانىدا، كائىنات خالىقى تەرىپىدىن ئۇمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئۆلۈم، سۇھۇفى ئىبراھىم (ئىبراھى ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ساھىپىلەر)دە ئارسىلان–شىر سۈرىتىدە تەمسىل قىلىنغان. ھەدىسى نەبەۋىيدە يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە بولسا، قوچقار سۈرىتىدە سۈپەتلەنگەن. ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىمۇ مىسال ئالىمىدە، ئۆلۈمنى بىر ئارسىلان شەكلىدە […]