-
زالالەتتە شۇنداق دەھشەتلىك بىر ئەلەم ۋە قورقۇنچ باركى، كاپىر ھاياتتىن لەززەت ئېلىش ئەمەس، بەلكى ياشىيالمىسا توغرا بولاتتىغۇ؟
سەككىزىنچى ئىشارەت: سوئال: يۇقۇرىقى ئىشارەتلەردە ئىسپات قىلدىڭىزكى، زالالەت يولى ئاسان، ھەمدە بۇزغۇنچىلىق ۋە تاجاۋۇز بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ يولدا كېتىۋاتىدۇ، ھالبۇكى باشقا رىسالىلەردە بولسا، كۇفۇر ۋە زالالەت يولى ئۇ قەدەر مۈشكىلاتلىق ۋە قىيىنكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا كىرمەسلىك كېرەك ئىدى ۋە ئۇ يولدا مېڭىش ئىمكانسىزدۇر؛ ئىمان ۋە ھىدايەت يولى ئۇ قەدەر ئاسان ۋە راھەتتۇركى ھەممە […]