-
ھېرىس-ئاچكۆزلۈك
يەتتىنچى نۇقتا: ئىسراپچىلىق ھېرىسنى (ئاچكۆزلۈكنى) نەتىجىلەيدۇ، ھېرىس بولسا ئۈچ نەتىجىنى بېرىدۇ: بىرىنچىسى: قانائەتسىزلىكتۇر. قانائەتسىزلىك بولسا تىرىشىشقا بولغان قىزغىنلىقنى سۇندۇرىدۇ. شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا شىكايەت قىلغۇزىدۇ؛ ھورۇنلۇققا تاشلايدۇ. ۋە مەشرۇ(ھالال)، ئاز مالنى* تاشلاپ، غەيرى مەشرۇ، كۈلپەتسىز مالنى ئىزدەيدۇ. بۇ يولدا ئىززىتىنى، بەلكى شەرىپىنى پىدا قىلىدۇ. ھېرىسنىڭ ئىككىنچى نەتىجىسى: مەھرۇملۇق ۋە ھەسرەتتۇر، مەقسەت قىلغاننى قولدىن قاچۇرۇش […]