Etiket: زۇلۇم

  • قېرىنداشلىق ھەققىدە

    قېرىنداشلىق ھەققىدە

    يولۇم ھەق ياكى تېخىمۇ ياخشى دېيىشكە ھەققىڭ بار، لېكىن «ھەق يول مېنىڭلا يولۇمدۇر» دېيىشكە ھەققىڭ يوقتۇر. بِاسْمِهِ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾ (كائىناتتا) ﷲنى مەدھىيىلەپ تەسبىھ ئېيتمايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. (سۈرە بەنى ئىسرائىل: 44) يىگىرمە ئىككىنچى مەكتۇپ بۇ مەكتۇپ ئىككى قىسىمدۇر (بىرىنچى قىسىم ئەھلى ئىماننى قېرىنداشلىققا ۋە مۇھەببەتكە دەۋەت قىلىدۇ.) بىرىنچى قىسىم بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ […]

  • نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىنسانلارنىڭ ئەھمىيەتسىز ئەمەللىرى ۋە شەخسىي گۇناھلىرى كائىناتنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ؟

    نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئەھمىيەتسىز ئىنسانلارنىڭ ئەھمىيەتسىز ئەمەللىرى ۋە شەخسىي گۇناھلىرى كائىناتنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ؟

      ئون بىرىنچى ئىشارەت: قۇرئانى ھەكىم ئەھلى زالالەتنىڭ شەررىدىن كائىناتنىڭ ئاچچىقلىنىدىغانلىقىنى ۋە پۈتكۈل ئۇنسۇرلارنىڭ(ماددى ئامىللارنىڭ) غەزەپكە كېلىدىغانلىقىنى، ھەمدە ئومۇم مەۋجۇداتنىڭ ئۇلارغا قارشى غەلىيان كۆتىرىدىغانلىقىنى مۆجىزانە ئىپادە قىلىدۇ. يەنى، نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىنىڭ بېشىغا كەلگەن توپان بىلەن ساماۋات ۋە زېمىننىڭ ھۇجۇمىنى، سەمۇد ۋە ئاد قەۋمىنىڭ ئىنكارىدىن ھاۋا ئۇنسۇرىنىڭ غەزىپىنى ۋە فىرئەۋىن قەۋمىگە قارشى سۇ ئۇنسۇرىنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ […]

  • …جانابى ﷲ، سېنىڭ ئىبادىتىڭگىلا ئەمەس، بەلكى ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر

    …جانابى ﷲ، سېنىڭ ئىبادىتىڭگىلا ئەمەس، بەلكى ھېچبىر نەرسىگە مۇھتاج ئەمەستۇر

      تەبىئەتپەرەستلىككە ئائىت كۇفۇر پىكىرلىرىنى تاشلاپ ئىمانغا كەلگەن زات مۇنداق دەيدۇ: ئەلھەمدۇلىللاھ، مېنىڭ شۈبھىلىرىم قالمىدى. بىراق قىزىقىۋاتقان بىر نەچچە سوئالىم بار:   بىرىنچى سوئال: كۆپلىگەن ھورۇنلارنىڭ ۋە نامازنى تەرك قىلغانلارنىڭ مۇنداق دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمىز: جانابى ﷲنىڭ بىزنىڭ ئىبادىتىمىزگە نېمە ئېھتىياجى باركى، قۇرئاندا ناھايىتى شىددەتلىك ۋە تەكرار–تەكرار ھالدا ئىبادەتنى تەرك قىلغانلارنى جەھەننەمدەك دەھشەتلىك بىر جازا بىلەن […]