Etiket: گۆش

  • نىمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر كۆپ قېتىم ئەھلى زالالەتكە قارشى مەغلۇپ بولغان؟؟؟

    نىمە ئۈچۈن پەيغەمبەرلەر كۆپ قېتىم ئەھلى زالالەتكە قارشى مەغلۇپ بولغان؟؟؟

      توققۇزىنچى ئىشارەت: سوئال: ھىزبۇللاھ(ﷲ يولىدىكىلەر) بولغان ئەھلى ھىدايەت، باشتا پەيغەمبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ بېشىدا پەخرى ئالەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ﷲنىڭ ئۇ قەدەر ئىنايەت ۋە رەھمەت؛ ۋە ياردىمىگە ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق، نېمىشقا ھىزبۇششەيتان بولغان ئەھلى زالالەتكە كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولغان؟ ھەم خاتەمۇل ئەنبىيا بولغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ قۇياشتەك پارلاق پەيغەمبەرلىك ۋە رىسالىتىنى، ھەمدە قۇرئاننىڭ مۆجىزىسى بىلەن قىلغان تەسىرى بەكمۇ […]

  • بارماقلىرىدىن سۇنىڭ بۇلاقتەك ئاققانلىقىنى كۆردۈم

    بارماقلىرىدىن سۇنىڭ بۇلاقتەك ئاققانلىقىنى كۆردۈم

    ئۈچىنچى مىسال: بۇۋات غازىتىدا، يەنە بۇخارى، مۇسلىم باشتا، سەھىھ كىتابلار بايان قىلىدۇكى، ھەزرەتى جابىر شۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «نَادِ بِالْوُضُوءِ  يەنى، تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن چاقىر» دېدى. «سۇ يوق» دېيىلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئازراق سۇ كەلتۈرۈڭلار!» دېدى. ناھايىتى ئاز سۇ كەلتۈردۇق. ئاندىن ئۇ ئاز سۇ ئۈستىگە قولىنى يېپىپ بىر نەرسىلەرنى ئوقۇدى. نېمىلىكىنى بىلمىدىم. […]

  • بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سۈيقەسىت قىلىشى

    بىر يەھۇدىي ئايالنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە سۈيقەسىت قىلىشى

      ئىككىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار خەۋەر بېرىدۇكى، خەيبەر غازىتىدا بىر يەھۇدىي ئايال بىر ئۆچكىنى كاۋاپ قىلىپ، ناھايىتى تەسىرلىك بىر زەھەر بىلەن زەھەرلەپ رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا ئەۋەتتى. ساھابىلەر يېيىشكە باشلىدى. بىردىنلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دېدى: «اِرْفَعُوا اَيْدِيَكُمْ اِنَّهَا اَخْبَرَتْنِى اَنَّهَا مَسْمُومَةٌ يەنى: پىشۇرۇلغان ئۆچكە ماڭا ‹مەن زەھەرلىكمەن› دېدى.» شۇنىڭ بىلەن ھەممەيلەن قولىنى تارتتى. […]