Kategori: سوئال جاۋاپلار

  • «سېنى ئىسكەنجىگە ئالغان بۇ بىدئەتچى ۋە قىسمەن مۇناپىق بولغان باشتىكى ئىنسانلار تۇتقان سىياسەتكە قانداق قاراۋاتىسەنكى، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمايۋاتىدۇ؟»

    «سېنى ئىسكەنجىگە ئالغان بۇ بىدئەتچى ۋە قىسمەن مۇناپىق بولغان باشتىكى ئىنسانلار تۇتقان سىياسەتكە قانداق قاراۋاتىسەنكى، ئۇنىڭ بىلەن كارىڭ بولمايۋاتىدۇ؟»

      قىزىقتۇرىدىغان ئىككىنچى سوئال: بۇ ئىككى ئايدىن بېرى ھاياجانلىق بىر سىياسىي ۋەزىيەت قارشىسىدا، قۇۋۋەتلىك بىر ئېھتىمال بىلەن ماڭا ھەم ئالاقىدار بولغان كۆپلىگەن قېرىنداشلىرىمغا سۆيۈنچ بېرىدىغان بىر تەشەببۇستا بولىشىم لازىم تۇرسىمۇ، ئۇ ۋەزىيەتكە ھېچ ئەھمىيەت بەرمەستىن، ئەكسىچە مېنى ئەزگەن ئەھلى دۇنيانىڭ تەرىپىدە تۇرىدىغان بىر پىكىردە بولدۇم. بەزى زاتلار بەكمۇ چوڭ ھەيرانلىق ئىچىدە قېلىشتى. دېيىشتىكى: «سېنى ئىسكەنجىگە […]

  • نېمىشقا دوستلىرىڭغا ئېھتىياتنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بەكمۇ نۇرلۇق رىسالىلەرنىڭ خەلقلەرگە كۆرسىتىلىشىنى توسىسەن؟

    نېمىشقا دوستلىرىڭغا ئېھتىياتنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بەكمۇ نۇرلۇق رىسالىلەرنىڭ خەلقلەرگە كۆرسىتىلىشىنى توسىسەن؟

      قىزىقتۇرىدىغان تۆتىنچى سوئال: دېيىلىۋاتىدۇكى: مادەم سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىكى نۇردۇر، توقماق ئەمەس؛ نۇرغا قارشى چىقىلمايدۇ، نۇردىن قېچىلمايدۇ ۋە نۇرنىڭ كۆرسىتىلىشىدىن زىيان كەلمەيدۇ. نېمىشقا دوستلىرىڭغا ئېھتىياتنى تەۋسىيە قىلىسەن؟ بەكمۇ نۇرلۇق رىسالىلەرنىڭ خەلقلەرگە كۆرسىتىلىشىنى توسىسەن؟   بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنىڭ قىسقىچە خۇلاسىسى شۇدۇركى: باش تەرەپتىكى باشلارنىڭ كۆپىنچىسى مەست، ئوقۇمايدۇ. ئوقىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. خاتا مەنە بېرىپ بىزگە چېقىلىدۇ. چېقىلماسلىقى ئۈچۈن ئەقلى […]

  • ئۈممىتىم ئىچىدە فىتنە-پاسات يامرىغان ۋاقىتتا، كىم مېنىڭ سۈننىتىمگەچىڭ ئېسلىسا، يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى، ساۋابىنى تاپىدۇ»، قانداق چۈشىنىمىز؟»

    ئۈممىتىم ئىچىدە فىتنە-پاسات يامرىغان ۋاقىتتا، كىم مېنىڭ سۈننىتىمگەچىڭ ئېسلىسا، يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى، ساۋابىنى تاپىدۇ»، قانداق چۈشىنىمىز؟»

      بىرىنچى نۇكتە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى: مَنْ تَمَسَّكَ بِسُنَّتِى عِنْدَ فَسَادِ اُمَّتِى فَلَهُ اَجْرُ مِاَةِ شَهِيدٍ يەنى: «ئۈممىتىم ئىچىدە فىتنە–پاسات يامرىغان ۋاقىتتا، كىم مېنىڭ سۈننىتىمگەچىڭ ئېسلىسا، يۈز شېھىدنىڭ ئەجرىنى، ساۋابىنى تاپىدۇ.» سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش شۈبھىسىزكى غايەت ئەھمىيەتلىكتۇر. خۇسۇسەن، بىدئەتلەرنىڭ ئىستېلاسى زامانىدا سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش تېخىمۇ مۇھىمدۇر. خۇسۇسەن، فەسادى(بۇزغۇنچىلىق) ئۈممەت زامانىدا سۈننەتى سەنىييەنىڭ كىچىك […]

  • ئەڭ پارلاق، ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك بولغىنى سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش بولامدۇ؟

    ئەڭ پارلاق، ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك بولغىنى سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىش بولامدۇ؟

      ئىككىنچى نۇكتە: ئىمامى رەببانى ئەھمەدى فارۇقى(ر.ئە) دېگەنكى: «مەن رۇھانى ساياھىتىمدە مەرتىبىلەر بۆسۈۋاتقاندا، ئەۋلىيالار تەبىقىسى ئىچىدە ئەڭ پارلاق، ئەڭ ھەشەمەتلىك، ئەڭ لاتاپەتلىك، ئەڭ ئىشەنچلىك بولغىنى سۈننەتى سەنىييەگە ئەگىشىشنى ئۆزىنىڭ تەرىقەت ئاساسى قىلغانلار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ھەتتا ئۇ تەبىقىنىڭ ئەڭ ئاددى ئەۋلىيالىرى باشقا تەبىقىنىڭ ئەڭ خاس ئەۋلىيالىرىدىنمۇ بەكرەك ھەيۋەتلىك كۆرۈندى». مۇجەددىدى ئەلفىسانى ئىمامى رەببانى(ر.ئە) ھەق سۆزلەيدۇ، سۈننەتى […]

  • ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىش-سۈننەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىش-سۈننەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

      تۆتىنچى نۇكتە: بىر چاغلار ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىشتىن ۋە ئالەمنىڭ زاۋالى ۋە يوقىلىشىدىن كەلگەن بىر روھىي ھالەتتىن ئۆزۈمنى ئاجايىپ بىر ئالەمدە كۆردۈم. ئۆزۈمنى بىر مۇردا(ئۆلۈك) ھالىتىدە ئۈچ ئالاھىدە چوڭ مىيىتنىڭ بېشىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدىم.   بىرىسى: مېنىڭ ھاياتىم بىلەن ئالاقىدار ۋە ئۆتكەن زامان قەبرىسىگە كىرگەن بارلىق جانلىق مەخلۇقاتنىڭ […]

  • سۈننەت يولى- شەپقەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    سۈننەت يولى- شەپقەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

      سەككىزىنچى نۇكتە: ﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِىَ اللّٰهُ﴾ دىن ئاۋۋالقى بولغان ﴿لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ﴾ (ئاخىرىغىچە) ئايىتى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئۈممىتىگە قارىتا يۈكسەك شەپقەت ۋە ئالى ھېسداشلىقىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، شۇ ﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا﴾ ئايىتى بىلەن دەيدۇكى: «ئەي ئىنسانلار! ئەي مۇسۇلمانلار! مۇشۇنداق ھېسابسىز شەپقىتى بىلەن سىلەرنى ئىرشاد قىلغان، سىلەرنىڭ مەنپەئەتىڭلار ئۈچۈن پۈتۈن قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلغان ۋە مەنىۋى […]

  • ئۆلۈم دېگەن نىمە؟

    ئۆلۈم دېگەن نىمە؟

    ئۆلۈم دېگەن نىمە؟   ئۆلۈم بىر ئەمرى ئىتىبارىيدۇر. زاھىر جەھەتتىن ۋۇجۇدى كۆرۈنمەيدۇ، ئەمما ھەقىقەتتە ئەڭ كۈچلۈك ۋۇجۇت ساھىبىدۇر. مەنىۋى ئالەمدە ئۆلۈم، بىر ئارسىلان–شىر ۋەياكى بىر قوچقار شەكلىدىدۇر. پۈتۈن ئىنسانلارنى، پۈتۈن جىنلارنى، پۈتۈن زىھايات(جانلىقلار)نى، ھەتتا پۈتۈن ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى، ئەجىلى كەلگەندە يەرگە يىقىتىپ ئۆلتۈرىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۆلۈم باشتا ئىنسان ئاندىن پۈتۈن زىھاياتلارنى مەغلۇپ قىلىدىغان بىر كۈچتۇر. ھېچ […]

  • سۇئال: ئاخىرەتتە زەررىلەرنىڭ ئۆلمەي باقى قېلىشىنى قانداق ئىزاھ قىلىمىز؟

    سۇئال: ئاخىرەتتە زەررىلەرنىڭ ئۆلمەي باقى قېلىشىنى قانداق ئىزاھ قىلىمىز؟

    سۇئال: ئاخىرەتتە زەررىلەرنىڭ ئۆلمەي باقى قېلىشىنى قانداق ئىزاھ قىلىمىز؟   ئەلجاۋاپ: ئاللاھۇ ئەزىممۇششان، قىيامەتتىن كېيىن ھەشىر مەيدانىدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ھۇزۇرىدا «ئۆلۈم»نى قوچقار سۇرىتىدە ئېلىپ كىلىدۇ ۋە كېسىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئالەمدىكى زەررىلەرنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرىدۇ. ئەھلى جەننەتنىڭ ئەڭ خۇشاللىققا چۈمگەن كۈنى، ئەنە شۇ كۈندۇر. چۈنكى، ئەھلى جەننەت، ئۇ پەيىتتە: «ئەلھەمدۇلىللاھ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇق. ئەمدى ئۆلۈم يوق» دېيىشىدۇ. […]

  • دۇئارىڭىز بولمىسا نىمە ئەھمىيىتىڭىز بار؟

    دۇئارىڭىز بولمىسا نىمە ئەھمىيىتىڭىز بار؟

    بەشىنچى نۇقتا:   ئىماننىڭ دۇئانى ئۆزىگە قەتئىي بىر ۋاستە سۈپىتىدە تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشى دۇئانى شىددەت بىلەن خالىغىنىدەك، جانابى ھەقمۇ «دۇئايىڭلار بولمىسا نېمە ئەھمىيىتىڭلار بار؟» مەنىسىدە ﴿قُلْ مَا يَعْبَؤُا بِكُمْ رَبِّى لَوْلاَ دُعَاؤُكُمْ﴾(فۇرقان:77) دەپ پەرمان قىلىدۇ. ھەم ﴿اُدْعُونِى اَسْتَجِبْ لَكُمْ ﴾(مۇئمىن:60) دەپ ئەمىر قىلىدۇ.   ئەگەر دېسەڭ: كۆپ قېتىملاپ دۇئا قىلىمىز. قوبۇل بولمايۋاتىدۇ. ھالبۇكى […]

  • ئىنسان كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ، سىزچە توغرىمۇ؟

    ئىنسان كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ، سىزچە توغرىمۇ؟

       تۆتىنچى نۇكتە: ئىنسان شۇ كائىنات ئىچىدە ناھايىتى نازۇك، نازدار بىر كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ. كۈچسىزلىكىدە چوڭ بىر قۇۋۋەت، ئاجىزلىقىدا چوڭ بىر قۇدرەت باردۇر. چۈنكى، ئۇ كۈچسىزلىكنىڭ قۇۋۋىتى ۋە ئاجىزلىقنىڭ قۇدرىتى نەتىجىسىدە شۇ مەۋجۇداتلار ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان. ئەگەر ئىنسان كۈچسىزلىكىنى چۈشىنىپ، تىلى، ئەھۋالى ۋە ھەرىكىتى ئارقىلىق دۇئا قىلسا، ھەمدە ئاجىزلىقىنى بىلىپ ياردەم تىلىسە، بويسۇندۇرۇلغان نەرسىلەر ئۈچۈن شۈكۈر […]