Kategori: سوئال جاۋاپلار

  • ئايال كىشىنىڭ تەسەتتۈرى-ھىجاپلىنىشى زادى قانداق بولىدۇ؟

    ئايال كىشىنىڭ تەسەتتۈرى-ھىجاپلىنىشى زادى قانداق بولىدۇ؟

    ئايال كىشىنىڭ تەسەتتۈرى ھىجابى« مانتو(ئايالچە پەلتۇ)، پەردەسۈ(پىلاشى) » ئەمەس بەلكى پۈركەنجە چارشاپىدۇر(چارشاپ–باشتىن تا ئاياققىچە بىر پارچە رەخىت ئۆرتىسى).   ئۇستاد بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى، ئەھلى سۈننەت ۋە ئەھلى سۈننەت بولمىغان(مۇئتەزىلەر، شىئە ۋە باشقىلىرىدەك) مەزھەپلەرنىڭمۇ ئىتتىپاق قىلىپ «شەرىئەتكە ئۇيغۇن تەسەتتۈر–چارشاپ»نىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى ھېكمەتلىرى بىلەن بىرگە ئەسەرلىرىدە ئىزاھ قىلغان ۋە ئىسپاتلىغان.   «مانتۇ(پەلتۇ) ۋە بېشىنى يۆگەيدىغان ياغلىق–باش […]

  • چوڭ گۇناھلارنى ئىشلىگەن كاپىر بولامدۇ؟چوڭ گۇناھنى قىلغان ئادەم قانداق مۆئمىن قالىدۇ؟؟

    چوڭ گۇناھلارنى ئىشلىگەن كاپىر بولامدۇ؟چوڭ گۇناھنى قىلغان ئادەم قانداق مۆئمىن قالىدۇ؟؟

      يەتتىنچى ئىشارەت: سوئال: مۇئتەزىلە ئىماملىرى، شەرنىڭ(يامانلىقنىڭ) يارىتىلىشىنى شەر دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن، كۇفۇر ۋە زالالەتنىڭ يارىتىلىشىنى ﷲتىن دەپ قارىمايدۇ. ئۆزلىرىچە بۇ ئارقىلىق ﷲنى مۇقەددەسكە چىقارغان بولىدۇ. «ئىنسان ئۆز پېئىلىنىڭ (ھەرىكىتىنىڭ) ياراتقۇچىسىدۇر» دەپ زالالەتكە كېتىشىدۇ، ھەمدە دېيىشىدۇكى: «بىر چوڭ گۇناھنى قىلغان مۆئمىننىڭ ئىمانى كېتىدۇ، چۈنكى، جانابى ھەققە ئېتىقاد قىلىش ۋە جەھەننەمنى تەستىق قىلىش ئۇنداق گۇناھنى قىلىشنى […]

  • ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەم بىر خىزمەتچى ھەم بىر مېھمانمۇ؟سىزنىڭچە قانداق؟

    ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەم بىر خىزمەتچى ھەم بىر مېھمانمۇ؟سىزنىڭچە قانداق؟

       بەشىنچى نۇكتە: ئىنسان شۇ دۇنياغا بىر خىزمەتچى ۋە مېھمان قىلىنىپ ئەۋەتىلگەن. كۆپلىگەن مۇھىم قابىلىيەتلەر ئۇنىڭغا بېرىلگەن. قابىلىيىتىگە قارىتا مۇھىم ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن. ئىنسانغا ئۇ غايە ۋە ئۇ ۋەزىپىلەرنى ئادا قىلدۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تەشۋىقلەر (قىزىقتۇرۇشلار) ۋە دەھشەتلىك تەھدىتلەر قىلىنغان. «ئەھسەنە تەقۋىم» سىرىنىڭ چۈشىنىلىشى ئۈچۈن، بىز باشقا يەردە ئىزاھ قىلغان ئىنسانىيەت ۋەزىپىسىنىڭ ۋە ئىبادەتنىڭ ئاساسلىرىنى بۇ يەردە […]

  • زالالەتتە شۇنداق دەھشەتلىك بىر ئەلەم ۋە قورقۇنچ باركى، كاپىر ھاياتتىن لەززەت ئېلىش ئەمەس، بەلكى ياشىيالمىسا توغرا بولاتتىغۇ؟

    زالالەتتە شۇنداق دەھشەتلىك بىر ئەلەم ۋە قورقۇنچ باركى، كاپىر ھاياتتىن لەززەت ئېلىش ئەمەس، بەلكى ياشىيالمىسا توغرا بولاتتىغۇ؟

       سەككىزىنچى ئىشارەت: سوئال: يۇقۇرىقى ئىشارەتلەردە ئىسپات قىلدىڭىزكى، زالالەت يولى ئاسان، ھەمدە بۇزغۇنچىلىق ۋە تاجاۋۇز بولغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەملەر ئۇ يولدا كېتىۋاتىدۇ، ھالبۇكى باشقا رىسالىلەردە بولسا، كۇفۇر ۋە زالالەت يولى ئۇ قەدەر مۈشكىلاتلىق ۋە قىيىنكى، ھېچكىم ئۇنىڭغا كىرمەسلىك كېرەك ئىدى ۋە ئۇ يولدا مېڭىش ئىمكانسىزدۇر؛ ئىمان ۋە ھىدايەت يولى ئۇ قەدەر ئاسان ۋە راھەتتۇركى ھەممە […]

  • ئوھۇد غازىتىنىڭ ئاخىرىدا ۋە ھۈنەين غازىتىنىڭ بېشىدا ساھابىلەر نىمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ؟

    ئوھۇد غازىتىنىڭ ئاخىرىدا ۋە ھۈنەين غازىتىنىڭ بېشىدا ساھابىلەر نىمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ؟

      ئەگەر دېيىلسە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام مادەم ھەبىبى رەببىلئالەمىيندۇر. ھەم قولىدىكىسى ھەق، تىلىدىكىسى ھەقىقەتتۇر ۋە قوشۇنىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ بىر قىسمى مالائىكىلەردۇر. ھەم بىر ئوچۇم سۇ بىلەن بىر قوشۇننى تەمىنلەيدۇ، تۆت چاڭگال بۇغداي ۋە بىر ئوغلاقنىڭ گۆشى بىلەن مىڭ ئادەمنى تويغۇزىدىغان زىياپەت بېرىدۇ. ھەمدە كۇففار قوشۇنىنىڭ كۆزلىرىگە بىر چاڭگال توپا چېچىش بىلەن، ئۇ بىر چاڭگال توپىدىن […]

  • ئەقلىنى«ھاھامنىڭ ۋە پاپازلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان» كىشى ۋەھشىي ياۋايى ھېساپلىنامدۇ؟ ۋەياكى مەدىنىي دېيىلەمدۇ؟

    ئەقلىنى«ھاھامنىڭ ۋە پاپازلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرالمىغان» كىشى ۋەھشىي ياۋايى ھېساپلىنامدۇ؟ ۋەياكى مەدىنىي دېيىلەمدۇ؟

    «مەدىنىي كىمدۇر؟»   سوئالىنىڭ جاۋابى: «مەدىنىي ئىنسان»-ئۆزىگە ئىسلام تەبلىغ قىلىنغاندا قوبۇل قىلغان، يەنى ئىنسانىيەتنىڭ سەزگۈر بىر قۇرالى بولغان ئەقلىنى قوللىنىپ، قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ۋە قايىل قىلارلىق دەلىللەر بىلەن ئىسپات قىلىنغان ئىسلامىيەتنىڭ داۋاسىنى قوبۇل قىىلغان، مۇتەئەسسىپلىق قىلمىغان ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە قۇرئان مەدىنىيىتىنىڭ تەربىيىسى ئاستىغا كىرگەن كىشىدۇر. باشقا بىر تەبىر بىلەن «مەدىنىي»ئىنسان-«ھاھام(يەھۇدى دىن ئادىمى)ۋە پاپالارنىڭ(خىرىستىيان پوپى)ھۇجۇمىنىڭ […]

  • جەھەننەمنىڭ يەتتە تەبىقىسىنى بىلەمسىز؟

    جەھەننەمنىڭ يەتتە تەبىقىسىنى بىلەمسىز؟

    جەھەننەم(دۇزاق)   جەھەننەم: جانابى ھەقنىڭ جالالى(جالالىغا ئائىت بولغان) ئىسىملىرى ئەڭ ئۈستۈن مەرتۋىدە جىلۋىلىنىپ مۇشرىك، مۇناپىق ۋە كاپىرلار ئەبەدى قالىدىغان، گۇناھى ساۋابىدىن كۆپ بولغان مۇئمىنلەرنى ۋاقىتلىق جازاغا تارتىدىغان شىددەتلىك ئازاپ ۋە ئىشكەنجە دىيارى بولۇپ، يەتتە تەبىقە ۋەياكى قىسىمدىن ئىبارەتتۇر. 1.جەھەننەم: مۇئمىنلەردىن كەچۈرۈم قىلىشقا توشمىغانلارنىڭ گۇناھلىرى مىقدارىچىلىك كۈيىدىغان قىسىم. 2.لەزا: خىرىستىيانلارنىڭ ئەبىدى قالىدىغان يېرى. 3.خۇتامە: يەھۇدىلەرنىڭ يەرلىشىدىغان […]

  • سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟

    سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟

    سۇئال: ئىنسان نىمە ئۈچۈن بالالار، مۇسىبەتلەر ۋە ھادىسىلەرگە ئۇچىرايدۇ؟   ئىمانسىزلار-ھۆررىيەتى ۋىجدان* دەستۇرىدىن پايدىلىنپ كېتىۋاتىدۇ. شەيتاندىن دەرىس ئېلىپ داۋاملىق تۈردە ئىمان ئەھلىگە ھېچ ئارام بەرمەيۋاتىدۇ. ئىنشائاللاھ، ئىدارە قىلغۇچىلارنىڭ زور كۆلەملىك قارار بىرىشى ۋە كۆپچىلىك مىللەتنىڭ ئارزۇسى، ئەھلى ئىماننىڭ تېنچ ئامانلىقىغا ۋەسىلە بولىدۇ. بىر نۇرنىڭ، بىر ھەقىقەتنىڭ ھامىسى، قوغدىغۇچىسى ۋە مۇھاپىزەتچىسى اللە دەپ ئېتىقات قىلىنغان تەقدىردە، ئۇنىڭدىن يەنە نىمىنى […]

  • ۋەسۋە دىگەن نىمە؟ قۇتۇلۇش يولىنى بىلەمسىز؟

    ۋەسۋە دىگەن نىمە؟ قۇتۇلۇش يولىنى بىلەمسىز؟

    (قەلبنىڭ بەش يارىسىغا بەش مەنىۋى داۋادىن ئىبارەت) بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ﴿رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ❁ وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُون﴾   ئەي ۋەسۋەسە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان! ۋەسۋەسەڭ نېمىگە ئوخشايدۇ بىلەمسەن؟ بالا–مۇسىبەتكە ئوخشايدۇ. ئەھمىيەت بەرگەنسېرى يوغىنايدۇ. ئەھمىيەت بەرمىسەڭ ئۆچىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ دەپ قارىساڭ چوڭىيىدۇ، كىچىك دەپ قارىساڭ كىچىكلەيدۇ. قورقساڭ ئېغىرلىشىدۇ، كېسەل قىلىدۇ، قورقمىساڭ يىنىكلەيدۇ، […]

  • سىزنڭ مىسال ئالىمىدىكى سۈرىتىڭىز قانداق؟

    سىزنڭ مىسال ئالىمىدىكى سۈرىتىڭىز قانداق؟

    مىسال ئالىمى دىگەن نىمە؟   مىسال ئالىمى– ھەر نەرسىنىڭ سۈرىتى ۋە ھەقىقىتىنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان ۋە ئەكىس ئېتىدىغان بىر ئالەمدۇر. باشقا تەبىر بىلەن–دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى بىر ئالەمدۇركى بۇ سەۋەپ تۈپەيلى مىسال ئالىمى: بەرزاخ ئالىمى، قەبىر ئالىمى ۋەياكى سۇر ئالىمى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە.   ئەمدى مىسال ئالىمىنى بىر قانچە مىسال بىلەن زىھىنگە يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.   بىرىنچى […]