Kategori: سوئال جاۋاپلار

  • ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟

    ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟

    ئۆلۈمنىڭ ھەشىر مەيدانىدا ئۆلتۈرىلىشى قانداق بولىدۇ؟   ياق! پۈتۈن ئالەمنى ئۇ ئۆلتۈرىدۇ. پەقەتلا ھەشىر يەنى قايتا تىرىلىش مەيدانىدا، كائىنات خالىقى تەرىپىدىن ئۇمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنىدۇ. ئۆلۈم، سۇھۇفى ئىبراھىم (ئىبراھى ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان ساھىپىلەر)دە ئارسىلان–شىر سۈرىتىدە تەمسىل قىلىنغان. ھەدىسى نەبەۋىيدە يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە بولسا، قوچقار سۈرىتىدە سۈپەتلەنگەن. ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرىمۇ مىسال ئالىمىدە، ئۆلۈمنى بىر ئارسىلان شەكلىدە […]

  • سوئال: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

    سوئال: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟

      سوئال: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش نېمە دېگەنلىك بولىدۇ؟   جاۋاپ: زاھىردىن ھەقىقەتكە ئۆتۈش تەبىرىنى سوراپسلەر.   زاھىر– سېرىتقى شەكلى ۋە كۆرىنىش سۈرىتى دېگەنلىكتۇركى، كۆرۈنىدۇ.   ھەقىقەت– ئىچ يۈزى، مەنىۋى جەھەتى، كۆز بىلەن كۆرۈنمەيدىغان ئىپادە، مەنىسى بىلەن بىلىنىشى دېگەنلىك بولىدۇ.   نېمەتتىن ئىنئام قىلىشقا، ئىنئام قىلىشتىن مۇنئىم(نىئمەت بەرگۈچى)نى كۆرۈش، ئەسەرلەردىن مۇئەسسىر بولغان(ھەقىقى تەسىر ئىگىسى، سەۋەپلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ھەقىقى تەسىر ساھىبى […]

  • سەن ۋەزىپىسىز بىر ئادەمسەن؟

    سەن ۋەزىپىسىز بىر ئادەمسەن؟

      ئەگەر دېسەڭلار: بۇ ھۆرمەت، مەرتىۋە ۋە يۈزلىنىش، ۋەزىپە بېشىدا بولغان ۋاقىتقا خاستۇر ۋە ۋەزىپىدارلارغا مەخسۇستۇر. سەن ۋەزىپىسىز بىر ئادەمسەن. ۋەزىپىدارلاردەك خەلقنىڭ ھۆرمىتىنى قوبۇل قىلالمايسەن!   جاۋاب: ئەگەر ئىنسان پەقەتلا بىر جەسەتتىن ئىبارەت بولغان بولسا ۋە ئىنسان دۇنيادا ئۆلمەي دائىمىي قالسا ۋە قەبرە ئىشىكى تاقالسا، ئۆلۈم ئۆلتۈرۈلسە، نەتىجىدە ۋەزىپە پەقەتلا ئەسكەرلىك ۋە ئىدارە خىزمەتچىلىرىگە قالسا، […]

  • ھىيلە-مىكىرلىك ئەخمىقانە بىر سوئال

    ھىيلە-مىكىرلىك ئەخمىقانە بىر سوئال

    ئۈچىنچى ئىشارەت: ھىيلە–مىكىرلىك ئەخمىقانە بىر سوئال:   بىر قىسىم ئەھلى ھۆكۈمەت دېيىشىدۇكى: مادەم سەن بۇ مەملىكەتتە تۇرىۋاتىسەن. بۇ مەملىكەتنىڭ جۇمھۇرىيەت قانۇنلىرىغا بويسۇنۇش لازىم تۇرسا، سەن نېمە ئۈچۈن «ئۆزىنى يالغۇزلۇق ئىچىگە تارتىش» پەردىسى ئاستىدا ئۇ قانۇنلاردىن ئۆزۈڭنى قاچۇرىسەن. جۈملىدىن: ھازىرقى ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنى بويىچە ۋەزىپە سىرتىدا بىر پەزىلەت ۋە ئارتۇقچىلىقنى ئۆزىدە كۆرسىتىپ، ئۇ ئارقىلىق بىر قىسىم خەلققە […]

  • تەنقىتكارانە بىر سوئالغا بىر جاۋابتۇر

    تەنقىتكارانە بىر سوئالغا بىر جاۋابتۇر

    ئىككىنچى ئىشارەت: تەنقىتكارانە بىر سوئالغا بىر جاۋابتۇر…   ئەھلى دۇنيا تەرىپىدىن دېيىلىۋاتىدۇكى: سەن نېمىشقا بىزدىن ئاغرىندىڭ؟ بىر قېتىم بولسىمۇ بىزگە مۇراجىئەت قىلماي سۈكۈت قىلىۋاتىسەن، بىزدىن شىددەتلىك شىكايەت قىلىپ «ماڭا زۇلۇم قىلىۋاتىسىلەر» دەۋاتىسەن. ھالبۇكى بىزنىڭ بىر پرىنسىپىمىز بار، بۇ ئەسىرنىڭ تەلىپىگە قارىتا خۇسۇسىي دەستۇرلىرىمىز بار. بۇلارنىڭ ساڭا تەدبىق قىلىنىشىنى سەن قوبۇل قىلمايۋاتىسەن. قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى زالىم […]

  • سەن ئەھلى دۇنيانىڭ دۇنياسىغا ئارىلاشمىغان تۇرساڭ؟

    سەن ئەھلى دۇنيانىڭ دۇنياسىغا ئارىلاشمىغان تۇرساڭ؟

    ئۈچ ئىشارەت بۇ تېما ئون يەتتىنچى لەمئانىڭ ئون يەتتىنچى نوتىسىنىڭ ئۈچىنچى مەسىلىسى ئىدى. سوئاللارنىڭ شىددەتلىك ۋە كەڭرى دائىرىلىك ئىكەنلىكىگە، ھەمدە جاۋابلارنىڭ قۇۋۋەتلىك ۋە پارلاقلىقىغا بىنائەن ئوتتۇز بىرىنچى مەكتۇبنىڭ يىگىرمە ئىككىنچى لەمئاسى بولۇپ لەمئالار ئىچىگە ئارىلاشتى. لەمئالار بۇ لەمئاغا ئورۇن بېرىشى لازىم. مەھرەمدۇر(خۇسۇسىيدۇر). ئەڭ خاس، خالىس ۋە سادىق قېرىنداشلىرىمىزغا مەخسۇستۇر. بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ وَمَنْ يَتَوَكَّلْ […]

  • ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپلىشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئۆز-ئارا ئىختىلاپلىشىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    ئىككىنچى سەۋەب:   ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى ئۇلارنىڭ پەسلىكىدىندۇر، ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئىختىلاپلىشىش ئۇلارنىڭ ئىززىتىدىندۇر. يەنى ئەھلى غەپلەت بولغان ئەھلى دۇنيا ۋە ئەھلى زالالەت ھەق ۋە ھەقىقەتكە تايانمىغانلىقى ئۈچۈن پەس ۋە ئاجىزدۇر. پەس بولغانلىقتىن قۇۋۋەت تېپىشقا مۇھتاجدۇر. بۇ ئېھتىياج تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ۋە ئۇلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىشقا سەمىمى ئىنتىلىدۇ. ھەتتا تۇتقان يولى ئازغۇنلۇق بولسىمۇ ئىتتىپاقلىقنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. گويا ئۇ ھەقسىزلىكتە بىر […]

  • رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟

    رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟

    رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بارمۇ؟ بولسا بۇ دەرىجىلەر قايسى؟   جاۋاپ: شۇنداق، رۇزىنىڭ دەرىجىلىرى بار. بەزى ئىنسانلار پەقەتلا يىيىش ۋە ئىچىشنى تاشلاپ رۇزا تۇتىدۇ. بەزى كىشىلەر يەپ ئىچىشنى تەرك قىلىش بىلەن بىرگە، يامان ئىشلارغا ۋە يىرگىنىشلىك سۆزلەرگە قارشى رۇزا تۇتىدۇ. بۇ خىل شەكىلدە تۇتۇلغان رۇزا، ئالدىنقى رۇزىدىن تېخىمۇ ئۈستۈندۇر.   ناھايتى تاللانغان بىر گۇرۇپمۇ باردۇركى، بۇلار يىمەيدۇ–ئىچمەيدۇ، […]

  • رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسىنى بىلەمسىز؟

    رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسىنى بىلەمسىز؟

    ئون بىرىنچى نۇكتە: «ئۈچ مەسىلە»دۇر.   بىرىنچى مەسىلە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ سۈننەتى سەنىييەسىنىڭ مەنبەسى ئۈچتۇر. يەنى، سۆزلىرى، ھەرىكەتلىرى ۋە ھالەتلىرىدۇر. بۇ ئۈچ قىسىممۇ ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. يەنى: پەرزلەر، نەفىلىلەر ۋە ياخشى ئادەتلىرىدۇر. پەرز ۋە ۋاجىپ قىسىمىدا ئەگىشىشكە مەجبۇرىيەت بار. تەرك قىلىنىشىدا ئازاپ ۋە جازا بار. ئۇنىڭغا ئەگىشىش ھەركىم ئۈچۈن بۇرچتۇر. نەفىلىلەر قىسمىدا، ياخشى كۆرىلىدىغان […]

  • سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ئەگىشىش لازىممۇ؟

    سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ئەگىشىش لازىممۇ؟

      توققۇزىنچى نۇكتە: سۈننەتى سەنىييەنىڭ ھەربىر تۈرىگە تامامەن ھەرىكىتى بىلەن ئەگىشىش پەقەت مۆئمىنلەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈن خاسلىرى مۇيەسسەر بولىدىغان ئىش. ئەمما ھەرىكىتى بىلەن بولمىسىمۇ، نىيىتى بىلەن، مەقسەت قىلىپ، تەرەپدار ھالدا، قوبۇل كۆرگەن ئاساستا ئۇنى قىلىشنى خالاش ھەركىمنىڭ قولىدىن كىلىدۇ. پەرز ۋە ۋاجىپ قىسىملىرىغا ئەگىشىشتە ئەسلىدىنلا مەجبۇرىيەت بار. ۋە ئىبادەتتىكى مۇستەھەب بولغان سۈننەتى سەنىييەلەرنى تەرك قىلىش گۇناھ […]