Kategori: لەۋھالار

  • رامىزان روزىسىنىڭ، دۇنياغا ئاخىرەتلىك ھوسۇل ۋە پايدا ئۈچۈن تېرىش جەھەتىگە قارىغان تەرىپى

    رامىزان روزىسىنىڭ، دۇنياغا ئاخىرەتلىك ھوسۇل ۋە پايدا ئۈچۈن تېرىش جەھەتىگە قارىغان تەرىپى

      يەتتىنچى نۇقتا: رامىزان روزىسىنىڭ، دۇنياغا ئاخىرەتلىك ھوسۇل ۋە پايدا ئۈچۈن تېرىش ۋە تىجارەت قىلىشقا كەلگەن ئىنسانلارنىڭ تاپاۋىتىگە قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: رامىزانى شەرىپتە ئەمەللەرنىڭ ساۋابى بىرگە مىڭدۇر. ھەدىسنىڭ ئېنىق ئىپادىسى بويىچە قۇرئانى ھەكىمنىڭ ھەر بىر ھەرپىنىڭ ئون ساۋابى بار، ئون ھەسەنە (ياخشىلىق) يېزىلىدۇ. ئون جەننەت مېۋىسى بېرىدۇ. رامىزانى شەرىپتە بولسا، ھەر […]

  • قېرىنداشلىق ھەققىدە

    قېرىنداشلىق ھەققىدە

    يولۇم ھەق ياكى تېخىمۇ ياخشى دېيىشكە ھەققىڭ بار، لېكىن «ھەق يول مېنىڭلا يولۇمدۇر» دېيىشكە ھەققىڭ يوقتۇر. بِاسْمِهِ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾ (كائىناتتا) ﷲنى مەدھىيىلەپ تەسبىھ ئېيتمايدىغان ھېچ نەرسە يوقتۇر. (سۈرە بەنى ئىسرائىل: 44) يىگىرمە ئىككىنچى مەكتۇپ بۇ مەكتۇپ ئىككى قىسىمدۇر (بىرىنچى قىسىم ئەھلى ئىماننى قېرىنداشلىققا ۋە مۇھەببەتكە دەۋەت قىلىدۇ.) بىرىنچى قىسىم بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ […]

  • “ئەي ئۇيقۇدا تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ئويغاق دەپ قارىغان “مەدىنىي

    “ئەي ئۇيقۇدا تۇرۇپمۇ ئۆزىنى ئويغاق دەپ قارىغان “مەدىنىي

    («مەسنەۋىئى نۇرىيە»دىن)   بىلگىن ئەي ئەزىز قېرىنداش! «كېچىگە ئوخشىغان ياشلىق زامانىمدا كۆزلىرىم ئۇيقىدا ئىدى، قېرىلىق تېڭى بىلەنلا ئويغاندىم.» مەنىسىدە بولغان وَ عَيْنِى قَدْ نَامَتْ بِلَيْلِ شَبِيبَتِى ٭ وَ لَمْ تَنْتَبِهْ اِلاَّ بِصُبْحِ مَشِيبِ شېئىرىنىڭ مەزمۇنىغا مەنمۇ ماس كېلىمەن. چۈنكى ياشلىقىمدا ئەڭ يۈكسەك «ئويغاقلىق» چوققىسىغا چىقتىم دەپ ئويلايتتىم. ئەمدى چۈشەندىمكى، ئۇ ئويغاقلىق، ئويغاقلىق ئەمەسكەن. بەلكى ئۇيقۇنىڭ […]

  • بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم سىرىغا ئائىت

    بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم سىرىغا ئائىت

    ئون تۆتىنچى لەمئانىڭ ئىككىنچى ماقامى بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم نىڭ مىڭلارچە سىرلىرىدىن ئالتە سىرىغا دائىردۇر. ئەسكەرتىش:   «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»نىڭ رەھمەت نۇقتىنەزىرىدىكى پارلاق بىر نۇرى، خۈنۈك ئەقلىمگە ئۇزاقتىن كۆرۈندى. ئۇنى ئۆز نەفسىم ئۈچۈن ئىشارەت سۈرىتىدە يېزىپ قويۇشنى خالىدىم. يىگىرمە–ئوتتۇز سىرلار ئارقىلىق ئۇ نۇرنىڭ ئەتراپىنى بىر دائىرە ئىچىگە ئېلىپ مۇھاسىرە قىلىش ۋە قولغا چۈشۈرۈشنى پىلانلىدىم. بىراق ئەپسۇس، ھازىرچە […]

  • يۇنۇس ئەلەيھىسسلام

    يۇنۇس ئەلەيھىسسلام

    بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ فَنَادَى فِى الظُّلُمَاتِ اَنْ لاَ اِلهَ اِلاَّ اَنْتَ سُبْحَانَكَ اِنِّى كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ ٭ اِذْ نَادَى رَبَّهُ اَنِّى مَسَّنِىَ الضُّرُّ وَاَنْتَ اَرْحَمُ الرَّاحِمِينَ ٭ فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِىَ اللّٰهُ لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ ٭ حَسْبُنَا اللّٰهُ وَنِعْمَ الْوَكِيلُ ٭ لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ اِلاَّ بِاللّٰهِ […]

  • نېمە ئامال!مۆھتەرەم ئۇستازىم- ھەقىقەتكە بىز قىز- ئاياللار تېخمۇ مۇھتاج

    نېمە ئامال!مۆھتەرەم ئۇستازىم- ھەقىقەتكە بىز قىز- ئاياللار تېخمۇ مۇھتاج

    (ھەسەن فەيزى، خەلىل ئىبراھىمدەك نۇرنىڭ قەھرىمانلىرى كەبى، ئىستانبۇلدىكى ئاياللار ئىچىدىن نۇرلارغا ئاجايىپ بىر ئالاقىدارلىق كۆرسەتكەن خانىملارنىڭ مەكتۇبىدۇر.) بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ بەكمۇ مۆھتەرەم، بەكمۇ مۇبارەك، بۈيۈك ئۇستازىمىز ھەزرەتلىرى!   بىز ئاجىز بىچارىلەرنى تالىپلىققا قوبۇل قىلغانلىقىڭىز ئۈچۈن بەكمۇ سۆيۈندۇق. گويا دۇنيالار بىزنىڭ بولدى. كۆزلىرىمىز سۆيۈنچ ياشلىرى بىلەن تولدى. يىغلىدۇق… ۋە يىغلاپ، ئۇلۇغ رەببىمىزگە چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتتۇق. جانابى ھەق بىز پېقىرلەرنى، […]

  • قانداق قىلامىز، بۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىنى ماگىنىتتەك تارتىۋاتقان بۇ جەزبىلىك فىتنىنىڭ ئوتىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؟؟؟

    قانداق قىلامىز، بۇ بىچارىلەر ئۆزلىرىنى ماگىنىتتەك تارتىۋاتقان بۇ جەزبىلىك فىتنىنىڭ ئوتىدىن قۇتقۇزالمايدۇ؟؟؟

      بىر ۋاقىت ئەسكىشەھىر تۈرمىسىنىڭ دەرىزىسى يېنىدا ئولتۇرغان ئىدىم   قارشىسىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چوڭ قىزلىرى قورودا كۈلۈشۈپ ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى. ئۇلارنى بۇ دۇنيا جەننەتلىرىدە جەھەننەم ھۆرلىرى ھۆكمىدە كۆردۈم. بىردىنلا ئەللىك يىل كېيىنكى ھالەتلىرى ماڭا كۆرۈندى. نەزىرىمدە ئۇلارنىڭ بۇ كۈلۈشلىرى ئەلەملىك ھالدا يىغلاش سۈرىتىنى ئالدى ۋە بىردىنلا بۇ ھەقىقەت ئېچىلدى، يەنى: ئەللىك يىل كېيىنكى ھاللىرىنى مەنىۋى […]

  • رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنى تەربىيە قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

    رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنى تەربىيە قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى

      تۆتىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنى تەربىيە قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى: نەفس ئۆزىنىڭ ھۆر ۋە ئەركىن بولىشىنى خالايدۇ ۋە شۇنداق ئويلايدۇ. ھەتتا مەۋھۇم بىر خۇسۇسىي رۇبۇبىيەتنى ۋە خالىغانچە ھەرىكەت قىلىشنى تەبىئى ھالدا ئارزۇ قىلىدۇ. چەكسىز نىئمەتلەر بىلەن بېقىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىنىشنى خالىمايدۇ. بولۇپمۇ دۇنيادا بىر ئاز بايلىق ۋە ئىقتىدارى بولسا، غەپلەتمۇ ياردەم قىلسا، […]

  • رامىزانى مۇبارەكتىكى روزىنىڭ، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان جەھەتىنى بىلەمسىز؟

    رامىزانى مۇبارەكتىكى روزىنىڭ، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان جەھەتىنى بىلەمسىز؟

    ئىككىنچى نۇقتا: رامىزانى مۇبارەكتىكى روزىنىڭ، ﷲنىڭ نىئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىشقا قارىغان جەھەتتىكى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىر ھىكمىتى شۇدۇركى:   بىرىنىچى سۆزدە دېيىلگەندەك، بىر پادىشاھنىڭ شاھانە ئاشخانىسىدىن بىر مۇلازىمەتچى ئېلىپ كەلگەن تائاملار بىر ھەق خالايدۇ. ئۇ مۇلازىمغا مىننەتدارلىق ھەدىيەسى بەرگەن تۇرۇغلۇق، ناھايىتى قىممەتلىك بولغان ئۇ نازۇ–نىئمەتلەرنى قىممەتسىز كۆرۈپ ئىنئام قىلغان پادىشاھنى تونىماسلىق چەكسىز دەرىجىدە بىر ئەخمەقلىق بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، جانابى […]

  • رامىزانى شەرىپ ھەققىدە

    رامىزانى شەرىپ ھەققىدە

    رامىزانى شەرىپ ھەققىدە   بۇ ئىككىنچى قىسىم رامىزانى شەرىپنىڭ ناھايىتى كۆپ ھىكمەتلىرىدىن توققۇز ھىكمەتنى بايان قىلغان «توققۇز نۇقتا»دۇر. بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ ﴿شَهْرُ رَمَضَانَ الَّذِى اُنْزِلَ فِيهِ الْقُرْآنُ هُدًى لِلنَّاسِ وَ بَيِّنَاتٍ مِنَ الْهُدَى وَ الْفُرْقَانِ﴾ (بەقەرە:185)   بىرىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزا، ئىسلامىيەتنىڭ بەش ئاساسىنىڭ ئاۋۋالقىلىرىدىندۇر. ھەمدە ئىسلام شەئائىرلىرىنىڭ چوڭلىرىدىندۇر. رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ كۆپلىگەن […]