Kategori: لەۋھالار

  • سۈننەت يولى مۇھەببەت نۇرى

    سۈننەت يولى مۇھەببەت نۇرى

    ئونىنچى نۇكتە:  ﴿قُلْ اِنْ كُنْتُمْ تُحِبُّونَ اللّهَ فَاتَّبِعُونِى يُحْبِبْكُمُ اللّٰهُ﴾ (ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر اﷲ نى دوست تۇتساڭلار، ماڭا ئەگىشىڭلاركى، اﷲ سىلەرنى دوست تۇتىدۇ، (ئۆتكەنكى) گۇناھىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ. اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» [31] ئايىتىدە مۆجىزىلىك بىر بالاغەت باردۇر. چۈنكى، بۇ ئۈچ جۈملىنىڭ ئىچىدە كۆپ جۈملىلەر بار. يەنى، شۇ ئايەت دەيدۇكى: ﷲقا(جەللە […]

  • ياشلارغا خىتاپ

    ياشلارغا خىتاپ

    ئون ئۈچىنچى سۆزنىڭ ئىككىنچى ماقامى (جەلپ قىلارلىق فىتنە ئىچىدە بولغان ۋە تېخى ئەقلىنى يوقاتمىغان بەزى ياشلار بىلەن بولغان سۆھبەت)   ھازىرقى ئالدامچى، جەلپ قىلارلىق كەيپ–ساپا ۋە فىتنىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلگەن بىر قىسىم ياشلار «ئاخىرىتىمىزنى قانداق قۇتقۇزىمىز؟» دەپ، رىسالەئى نۇردىن ياردەم سوراشتى. مەنمۇ رىسالەئى نۇرنىڭ مەنىۋى شەخسى نامىدىن ئۇلارغا دېدىمكى: قەبىر بار. ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ. خالىسىمۇ، […]

  • پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەت يولى

    پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەت يولى

    ئون بىرىنچى لەمئا سۈننەت دەرىجىلىرىنىڭ ئىزاھى ۋە بىدئەت كېسەللىكلىرىنىڭ تىرياقى* بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ ﴿لَقَدْ جَاءَكُمْ رَسُولٌ مِنْ اَنْفُسِكُمْ عَزِيزٌ عَلَيْهِ مَا عَنِتُّمْ حَرِيصٌ عَلَيْكُمْ بِالْمُؤْمِنِينَ رَؤُفٌ رَحِيمٌ﴾ (تەۋبە:128) (ئى ئىنسانلار!) شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئۆزئارا ئاراڭلاردىن پەيغەمبەر كەلدى. سىلەرنىڭ كۈلپەت چېكىشىڭلار ئۇنىڭغا ئېغىر تۇيۇلىدۇ؛ ئۇ سىلەرنىڭ (ھىدايەت تېپىشىڭلارغا) ھېرىستۇر، مۆمىنلەرگە ئامراقتۇر، ناھايىتى كۆيۈمچاندۇر [128] (بۇ ئايەتنىڭ بىرىنچى […]

  • ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپنىڭ داۋامى

    ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپنىڭ داۋامى

      يەنە مەسىلەن: شۇنداق بىر كىتابكى، ھەربىر قۇرى ئۈستىدىمۇ بىر كىتاب كىچىك ھەرىپلەر بىلەن يېزىلغان، ھەربىر سۆزىدە ئىنچىكە ھەرپ بىلەن بىر قۇرئان سۈرىسى يېزىلغان، ھەمدە بەكمۇ مەنىدار ۋە پۈتۈن مەسىلىلىرى بىر–بىرىگە قۇۋۋەت بېرىدىغان، شۇنداقلا يازغۇچىسىنىڭ پەۋقۇلئاددە ماھارەتلىك ۋە ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن شۇنداق بىر ئاجايىپ كىتاب بولسا، شۈبھىسىزكى، كۈندۈزدەك ئوچۇق ھالدا ئاپتورىنى پۈتۈن كامالەتلىرى ۋە ھۈنەرلىرى […]

  • ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپ

    ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپ

    «مېۋە رىسالىسى»دىن ئالتىنچى مەسىلە (بۇ دەرس رىسالەئى نۇرنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئىزاھلىرى ۋە ئوچۇق دەلىللىرى بولغان «ﷲقا ئىمان» ئاساسىنىڭ مىڭلارچە ئومۇمىي دەلىللىرىدىن بىر دەلىلىگە قىسقىچە ئىشارەتتۇر.)   قاستامونۇ شەھرىدە بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىمغا كېلىپ: «بىزگە ياراتقۇچىمىز توغرىسىدا دەرس بەرسىڭىز، مۇئەللىملىرىمىز ﷲ ھەققىدە بىر نەرسە سۆزلەپ بەرمەيدۇ» دېيىشتى. مەنمۇ دېدىمكى: سىلەر ئوقۇغان ھەربىر پەن ئۆزىگە مەخسۇس […]

  • ئەي مۆھتەرەم ياشىنىپ قالغانلار

    ئەي مۆھتەرەم ياشىنىپ قالغانلار

    سەككىزىنچى رىجا   بېشىمغا قېرىلىق ئالامىتى بولغان ئاق چاچلار چۈشكەن زامانلاردا، ياشلىقنىڭ ئېغىر ئۇيقۇسىنى تېخىمۇ زىيادە قېلىنلاشتۇرغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرى، ئەسىرگە چۈشكەن چاغدىكى پاراكەندىچىلىكلەر، شۇنداقلا كېيىن ئىستانبۇلغا كەلگەندىن كېيىنكى ماڭا ئائىت بولغان چوڭ بىر شان–شەرەپ ۋەزىيىتى، ھەتتا خەلىپىدىن، دىنىي رەئىستىن، باش قومانداندىن باشلاپ، مەدرىسە تالىپلىرىغا قەدەر ئۇلارنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن ھەددىمدىن تولىمۇ يۈكسەك بولغان ھۆرمەت–ئىلتىپاتلىرى […]

  • تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل

    تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل

    (تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل ھەققىدە) ئەزىز، سىددىق قېرىنداشلىرىم!   بۇ كۈنلەردە قۇرئانى ھەكىمنىڭ نەزىرىدە ئىماندىن قالسا ئەڭ مۇھىم ئاساس تۇتىلىدىغان تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل ئاساسلىرىنى ئويلاندىم. تەقۋا، چەكلەنگەنلەردىن ۋە گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتماقتۇر. سالىھ ئەمەل بولسا، ئىلاھىي ئەمىر دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلماق ۋە خەير(ساۋاپ) قازانماقتۇر. ھەر زامان يامانلىقنى دەپئى قىلىش پايدا قازىنىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئۈستۈن بولغىنىدەك، بۇ بۇزغۇنچىلىق، […]

  • ھەر كىشىگە پايدىسى بار

    ھەر كىشىگە پايدىسى بار

    27–لەمئادىن: (بۇ پارچىنىڭ ھەر كىشىگە پايدىسى بار.) بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ ﴿اِنَّ النَّفْسَ َلاَمَّارَةٌ بِالسُّوءِ﴾ (سۇرە يۇسۇف:53) مەنىسى: «نەفىس دائىم يامانلىققا باشلايدۇ» ئايىتىنىڭ، ھەمدە «سېنىڭ ئەڭ زىيانلىق دۈشمىنىڭ نەفسىڭدۇر» مەنىسىدىكى اَعْدَى عَدُوِّكَ نَفْسُكَ الَّتِى بَيْنَ جَنْبَيْكَ دېگەن ھەدىسنىڭ بىر سىرىدۇر. تەربىيەلەنمىگەن نەفسى ئەممارىسى بولۇش شەرتى بىلەن ئۆز نەفسىنى ياقتۇرغان ۋە سۆيگەن ئادەم باشقىلارنى سۆيمەيدۇ. ئەگەر […]

  • ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلە-دىققەت لازىم

    ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلە-دىققەت لازىم

    ئون ئۈچىنچى نوتا: ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە سەۋەب بولغان بەش مەسىلىدۇر.   بىرىنچىسى: ھەق يولدا تېرىشقان ۋە كۆرەش قىلغانلار، پەقەت ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئويلاش لازىم تۇرسا، جانابى ھەققە (ﷲقا) ئائىت ۋەزىپىلەرنى ئويلىۋېلىپ، ھەرىكەتلىرىنى ئەشۇ پىكىرگە بىنائەن ئېلىپ بېرىپ خاتالىشىدۇ. «ئەدەبۇددىن ۋەددۇنيا» رىسالىسىدە باردۇركى، بىر چاغدا شەيتان ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئېتىراز قىلىپ دەپتۇكى: «ئەجەل ۋە ھەر ئىش ﷲنىڭ تەقدىرى بىلەن […]

  • !بىلەمسىز-بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر

    !بىلەمسىز-بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر

      ئالتىنچى نۇكتە: رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى: كُلُّ بِدْعَةٍ ضَلاَلَةٌ وَكُلُّ ضَلاَلَةٍ فِى النَّارِ يەنى: ﴿اَلْيَوْمَ اَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ﴾(مائىدە:3) سىرى بىلەن پارلاق شەرىئىتىمىزنىڭ قائىدىلىرى ۋە سۈننەتى سەنىييەنىڭ دەستۇرلىرى تامامەن تولۇق ھالدا ئەڭ كامالەتتە تۇرسىمۇ، يېڭى ئىجادلار بىلەن ئۇ دەستۇرلارنى ياقتۇرماسلىق ۋەياكى ھاشا ۋە كەللا، قۇسۇرلۇق كۆرۈش ھېسسىنى بەرگەن بىدئەتلەرنى پەيدا قىلىش زالالەتتۇر، ئوتتۇر.   […]