Kategori: لەۋھالار

  • بۇ ساۋاپنى مەن قازىناي، بۇ كىشىلەرگە مەن يولباشچى بولاي، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسۇن

    بۇ ساۋاپنى مەن قازىناي، بۇ كىشىلەرگە مەن يولباشچى بولاي، ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلىسۇن

    ئۈستۈنلۈك ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ كۆپلىگى بىلەن ئەمەس، بەلكى ﷲنىڭ رىزاسىنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بولىدۇ. ئۈچىنچى سەۋەب:  ئەھلى ھەقىقەتنىڭ ئىختىلاپلىشىش ھامىيەتسىزلىكتىن ۋە پەسكەشلىكتىن كەلمىگىنىدەك، ئازغۇنلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىشمۇ يۈكسەك ھامىيەتدارلىقتىن (تۆھپىكارلىقتىن) كەلگەن ئەمەس. بەلكى ئەھلى ھىدايەتنىڭ ئىختىلاپى يۈكسەك ھامىيەتدارلىقنىڭ سۇيئىستىمال قىلىنىشىدىن، ئەھلى زالالەتنىڭ ئىتتىپاقى بولسا ھامىيەتسىزلىك نەتىجىسىدىكى ئاجىزلىق ۋە زەئىپلىكتىندۇر. ئەھلى ھىدايەتنى يۈكسەك ھامىيەتدارلىقنى سۇيئىستىمال قىلىشقا، نەتىجىدە ئىختىلاپ ۋە رىقابەتكە ئۈندەيدىغان نەرسە، ئاخىرەت نۇقتىنەزىرىدە […]

  • مەلائىكەلەر(پەرىشتىلەر)گە ئىمان

    مەلائىكەلەر(پەرىشتىلەر)گە ئىمان

    ئون بىرىنچى مەسىلە   «مېۋە»نىڭ ئون بىرىنچى مەسىلىسىنىڭ بېشى، بىر مېۋىسى جەننەت، بىرى ئەبەدىي سائادەت ۋە بىرى رۇيەتۇللاھ (ﷲنى كۆرۈش) بولغان ئىماندىن ئىبارەت مۇقەددەس دەرەخنىڭ چەكسىزلىگەن چوڭ–كىچىك مېۋىلىرىدىن يۈزلەرچە نەمۇنىلىرى رىسالەئى نۇردا بايان ۋە ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپات قىلىنغانلىقتىن، ئىزاھىنى «سىراجۇننۇر»غا ھاۋالە قىلىپ، كۇللىي ئاساسلىرىدىن ئەمەس، بەلكى جۈزئىي ۋە كىچىك ئاساسلىرىنىڭ جۈزئىي (پارچە) ۋە خۇسۇسىي مېۋىلىرىدىن […]

  • رۇھى بىلەن بىللە بەدىنى يەنى جىسمى ۋە ئەزالىرى بىلەن قايتا تىرىلىش

    رۇھى بىلەن بىللە بەدىنى يەنى جىسمى ۋە ئەزالىرى بىلەن قايتا تىرىلىش

      ”تەجەللى قىلىش جەھەتىدىن قارالسا، يەتتە سۇبۇتى سۈپىتى– بولۇپمۇ ھايات سۈپىتى ۋە ھەييۇن ۋە مۇھيى ئىسىملىرى بولسا يۈكسەك بىر ماقامدۇر. جانابى ھەق، ھەشىر تاڭ ساباھىدا، ئۇ ماقامدىن تەجەللى قىلغاندا، زۈرۈرى ھالدا جىسمانىي ھەشىر( رۇھى بىلەن بىللە بەدىنى يەنى جىسمى ۋە ئەزالىرى بىلەن قايتا تىرىلىش) ھەقىقىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مادەمكى كائىناتتىكى ئەسەرلىرىنىڭ شاھىتلىقى بىلەن، بۇ ئالەمدە تەسەررۇپ […]

  • ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن ئۈستۈن قلماڭلار

    ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن ئۈستۈن قلماڭلار

    يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا لَا تَرْفَعُوا أَصْوَاتَكُمْ فَوْقَ صَوْتِ النَّبِيِّ وَلَا تَجْهَرُوا لَهُ بِالْقَوْلِ كَجَهْرِ بَعْضِكُمْ لِبَعْضٍ أَن تَحْبَطَ أَعْمَالُكُمْ وَأَنتُمْ لَا تَشْعُرُونَ﴿٢﴾ (ھۇجۇرات سۈرىسى،49:2)   ئەي مۇئمىنلەر! ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن ئۈستۈن قلماڭلار، رەسۇلۇللاھقا سۆز سۆزلىگەندە بەزىڭلار بەزىڭلارغا سۆزلىگەندەك قاتتىق سۆزلىمەڭلاركى ئەمەللىرىڭلار باتىل بولۇپ قالمىسۇن. قاتتىق سۆزلىگەن تەقدىردە ئەمىلىڭلار باتىل بولىدۇ. ھالبۇكى سىز باتىل بولغانلىقىنى […]

  • سۈرە فەتھنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتنىڭ يەتتە تۈرلۈك غەيبى خەۋەرلىرىگە دائىردۇر

    سۈرە فەتھنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتنىڭ يەتتە تۈرلۈك غەيبى خەۋەرلىرىگە دائىردۇر

    يەتتىنچى لەمئا سۈرە فەتھنىڭ ئاخىرىدىكى ئايەتنىڭ يەتتە تۈرلۈك غەيبى خەۋەرلىرىگە دائىردۇر. بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ ﴿لَقَدْ صَدَقَ اللّٰهُ رَسُولَهُ الرُّؤْيَا بِالْحَقِّ لَتَدْخُلُنَّ الْمَسْجِدَ الْحَرَامَ اِنْ شَاءَ اللّٰهُ آمِنِينَ مُحَلِّقِينَ رُؤُسَكُمْ وَ هُوَ الَّذِى اَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَى وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَ كَفَى بِاللّٰهِ شَهِيدًا مُحَمَّدٌ رَسُولُ اللّٰهِ وَالَّذِينَ مَعَهُ اَشِدَّاءُ عَلَى الْكُفَّارِ رُحَمَاءُ […]

  • ۋەسۋە دىگەن نىمە؟ قۇتۇلۇش يولىنى بىلەمسىز؟

    ۋەسۋە دىگەن نىمە؟ قۇتۇلۇش يولىنى بىلەمسىز؟

    (قەلبنىڭ بەش يارىسىغا بەش مەنىۋى داۋادىن ئىبارەت) بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ﴿رَبِّ اَعُوذُ بِكَ مِنْ هَمَزَاتِ الشَّيَاطِينِ❁ وَاَعُوذُ بِكَ رَبِّ اَنْ يَحْضُرُون﴾   ئەي ۋەسۋەسە كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان! ۋەسۋەسەڭ نېمىگە ئوخشايدۇ بىلەمسەن؟ بالا–مۇسىبەتكە ئوخشايدۇ. ئەھمىيەت بەرگەنسېرى يوغىنايدۇ. ئەھمىيەت بەرمىسەڭ ئۆچىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ دەپ قارىساڭ چوڭىيىدۇ، كىچىك دەپ قارىساڭ كىچىكلەيدۇ. قورقساڭ ئېغىرلىشىدۇ، كېسەل قىلىدۇ، قورقمىساڭ يىنىكلەيدۇ، […]

  • !ئەي بەرداشلىق بېرەلمەيۋەتقان بىمار

    !ئەي بەرداشلىق بېرەلمەيۋەتقان بىمار

    ئۈچىنچى داۋا:   ئەي بەرداشلىق بېرەلمەيۋەتقان بىمار! ئىنسان بۇ دۇنياغا كەيپ سۈرۈش ۋە لەززەت ئېلىش ئۈچۈن كەلمىگەنلىكىگە، داۋاملىق ھالدا كەلگەنلەرنىڭ كېتىشى، ياشلارنىڭ قېرىشى ۋە دائىم ئايرىلىش ۋە يوقىلىشىلارغا دۇچار بولۇپ، قايغۇ–ھەسرەت ئىچىدە قېلىشى ئېنىق دەلىلدۇر. ئىنسان جانلىقلار ئىچىدە ئەڭ مۇكەممەل، ئەڭ ئۈستۈن ۋە تۈزۈلۈش جەھەتتە ئەڭ باي، بەلكى جانلىقلارنىڭ سۇلتانى ھۆكمىدە بولسىمۇ، ئۆتكەن لەززەتلىرىنى ۋە […]

  • سىزنڭ مىسال ئالىمىدىكى سۈرىتىڭىز قانداق؟

    سىزنڭ مىسال ئالىمىدىكى سۈرىتىڭىز قانداق؟

    مىسال ئالىمى دىگەن نىمە؟   مىسال ئالىمى– ھەر نەرسىنىڭ سۈرىتى ۋە ھەقىقىتىنىڭ بېسىپ ئۆتىدىغان ۋە ئەكىس ئېتىدىغان بىر ئالەمدۇر. باشقا تەبىر بىلەن–دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدىكى بىر ئالەمدۇركى بۇ سەۋەپ تۈپەيلى مىسال ئالىمى: بەرزاخ ئالىمى، قەبىر ئالىمى ۋەياكى سۇر ئالىمى دەپمۇ ئاتىلىپ كەلمەكتە.   ئەمدى مىسال ئالىمىنى بىر قانچە مىسال بىلەن زىھىنگە يېقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.   بىرىنچى […]

  • ئاۋازلىق : «ئىنسان ئاجىزدۇر» جۈملىسىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    ئاۋازلىق : «ئىنسان ئاجىزدۇر» جۈملىسىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

    رىسالەئى نۇردا «ئىنسان ئاجىزدۇر» جۈملىسىنى قانداق چۈشىنىمىز؟   (ھەم شۇ كائىنات مالىكى ۋە ھەقىقى تەسەررۇپ قىلغۇچىسى، مەئبۇد ۋە ھەقىقى مەھبۇبى ئۇ زات بولالايدۇكى، كىچە–كۈندۈزنى، قىش ۋە يازنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى بىر كىتاپنىڭ سەھىپىلىرىگە ئوخشاش قولاي ئالماشتۇرىدۇ، يازىدۇ، بۇزىدۇ، ئۆزگەرتەلەيدۇ.)   كىمگە ئىبادەت قىلىمىز؟ كىم بىزنى بۇ ئەھۋاللاردىن– زاۋاللىق تېپىش ۋە ئايرىلىش پىراقلاردىن، ئۆلۈم ۋە پانىيلىقتىن، […]