Kategori: رىسالەئى نۇر ھەققىدە

  • ئىقتىسادچىل بولغان، تىرىكچىلىكتە ئائىلە بالاسىنى تارتمايدۇ، توغرىمۇ؟

    ئىقتىسادچىل بولغان، تىرىكچىلىكتە ئائىلە بالاسىنى تارتمايدۇ، توغرىمۇ؟

      تۆتىنچى نۇقتا: «ئىقتىسادچىل بولغان، تىرىكچىلىكتە ئائىلە بالاسىنى تارتمايدۇ.» مەنىسىدىكى لاَ يَعُولُ مَنِ اقْتَصَدَ ھەدىسى شەرىپىنىڭ سىرى بىلەن، ئىقتىسادچىل بولغان تىرىكچىلكتە ئائىلىسىنىڭ زەخمەت ۋە مۇشەققىتىنى كۆپ تارتمايدۇ. شۇنداق، ئىقتىسادچىللىقنىڭ بەرىكەتكە ۋە تىرىكچىلىكنىڭ ياخشى بولۇشىغا قەتئىي بىر سەۋەب ئىكەنلىكىگە ئۇ قەدەر قەتئىي دەلىللەر باركى، ھەددى–ھېسابى يوق.   مەسىلەن: مەن ئۆز شەخسىمدە كۆرگەن ۋە ماڭا خىزمەت قىلغان ۋە ماڭا يولداش […]

  • تەۋەككۇل قىلىش

    تەۋەككۇل قىلىش

    ئۈچىنچى نۇقتا:   ئىمان ھەم نۇردۇر، ھەم قۇۋۋەتتۇر. شۇنداق، ھەقىقىي ئىماننى قولىغا ئالالىغان كىشى كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە قارشى چىقالايدۇ ۋە ئىماننىڭ قۇۋۋىتىگە قارىتا ھادىسىلەرنىڭ بېسىملىرىدىن قۇتۇلالايدۇ. «تەۋەككەلتۇ ئەلاللاھ» (ﷲغا تەۋەككۇل قىلدىم) دەپ ھايات كېمىسىدە مۇستەھكەم ئىشەنچ بىلەن ھادىسىلەرنىڭ تاغدەك دولقۇنلىرى ئىچىدە سەيلە قىلىدۇ. بارلىق ئېغىرلىقلىرىنى چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ قۇدرەت قولىغا ئامانەت قىلىدۇ. راھەت […]

  • !ئەزىز، مەسۇم ئەۋلادلىرىم

    !ئەزىز، مەسۇم ئەۋلادلىرىم

    ئەزىز، مەسۇم ئەۋلادلىرىم!   قۇرئاننى ئۆگىنىش ئۈچۈن دەرس ئېلىۋېتىپسىلەر. سىلەر بىلىدىغان يېڭى ھەرپلەردە يېتەرسىزلىكلەر بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇمكىن بولۇشىچە يېڭى ھەرپتىن ئوقۇماسلىق كېرەك.   ھەم، قۇرئان ئوقۇشنىڭ پايدىسى پەقەتلا قارىي بولۇش، دۇنيادا ئۇنىڭ بىلەن مەرتىۋە قازىنىش ۋە مائاش ئېلىش ئەمەس، بەلكى ھەربىر ھەرپىنىڭ ھېچ بولمىسا ئوندىن تارتىپ تا يۈزگىچە، تا مىڭلارغا قەدەر جەننەت مېۋىلىرىنى ۋە ئاخىرەتلىك […]

  • سۈننەتى سەنىييە -گۈزەل ئەخلاقتۇر، سىز قانداق قارايسىز؟

    سۈننەتى سەنىييە -گۈزەل ئەخلاقتۇر، سىز قانداق قارايسىز؟

      يەتتىنچى نۇكتە: سۈننەتى سەنىييە گۈزەل ئەخلاقتۇر. ئاستىدا بىر نۇر، بىر گۈزەل ئەخلاق بولمىغان ھېچبىر مەسىلىسى يوق! رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام دېگەنكى:   اَدَّبَنِى رَبِّى فَاَحْسَنَ تَاْدِيبِى  يەنى، رەببىم ماڭا گۈزەل ئەخلاقنى، گۈزەل بىر سۈرەتتە ئىھسان قىلدى، ئەدەبلەندۈردى. پەيغەمبىرىمىزنى چۈشەندۈرىدىغان كىتابلارغا دىققەت قىلغان ۋە سۈننەتى سەنىييەنى بىلىدىغان ئادەم قەتئىييەن چۈشىنىدۇكى، گۈزەل ئەخلاقنىڭ ھەممىسىنى جانابى ھەق […]

  • قارا ئۈژمىنىڭ بىر مېۋىسى

    قارا ئۈژمىنىڭ بىر مېۋىسى

    قارا ئۈژمىنىڭ بىر مېۋىسى (ئۇ مۇبارەك ئۈژمە دەرىخى بېشىدا كونا سەئىد، يېڭى سەئىد تىلى بىلەن سۆزلىگەندۇر) بۇ خىتابىم زىيا پاشاغا ئەمەس، ياۋرۇپاغا مەپتۇن بولغانلارغا، سۆزلەۋاتقىنى نەفسىم ئەمەس، قەلبىمدۇر قۇرئان شاگىرتى نامىغا. *** بۇ سۆزلەر ھەقىقەتتۇر، غەلىتە كۆرمە، ھەددىڭدىن ئاشما، ئەجنەبى پىكرىگە پاتما، ئازغۇنلۇقتۇر تىڭشىما، بېرىدۇ نادامەت ساڭا. *** نەزەر سالساڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاقىلىغا، ئەقىلدە بايراقدارىغا، […]

  • «ھاۋا زەررىسىدىكى تەۋھىد دەلىلى«ھۇۋە

    «ھاۋا زەررىسىدىكى تەۋھىد دەلىلى«ھۇۋە

    «ھۇۋە» ھەققىدە بِاسْمِهِ سُبْحَانَهُ ﴿وَاِنْ مِنْ شَيْءٍ اِلاَّ يُسَبِّحُ بِحَمْدِهِ﴾ اَلسَّلاَمُ عَلَيْكُمْ وَ رَحْمَةُ اللّهِ وَ بَرَكَاتُهُ اَبَدًا دَائِمًا بەكمۇ ئەزىز ۋە سىددىق قېرىنداشلىرىم!   ﴿لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ﴾ ۋە ﴿قُلْ هُوَ اللّهُ﴾ دىكى هُوَ (ھۇۋە) نىڭ تەلەپپۇزىدا، تەپەككۇرىمدىكى بىر خىيالى ساياھەتتە، ھاۋا بېتى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، پەقەت ماددى جەھەتتە، بىردىنلا كۆرۈنگەن ئىنچىكە بىر […]

  • بىر قانچە مەيۈسلەنگەن ياشلارغا ئاگاھ

    بىر قانچە مەيۈسلەنگەن ياشلارغا ئاگاھ

    بىر قانچە مەيۈس ياشقا بېرىلگەن بىر ئاگاھ، بىر دەرس، بىر ئەسكەرتىشتۇر    بىر كۈنى بىر قانچە ياش بالىلار كېلىشتى. ھايات، ياشلىق ۋە ھەۋەسلەردىن كەلگەن خەتەرلىك ئەھۋاللاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تەسىرلىك بىر دەرس ئېلىشنى خالىغان ئۇ ياشلارغا مەنمۇ بۇرۇن رىسالەئى نۇردىن ياردەم سورىغان ياشلارغا دېگىنىمدەك دېدىمكى:    سىلەردىكى ياشلىق قەتئىييەن كېتىدۇ. ئەگەر سىلەر ھالال دائىرە ئىچىدە بولمىساڭلار، […]

  • روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى

    روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى

      بەشىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى شۇدۇركى: ئىنساننىڭ نەفسى غەپلەت بىلەن ئۆزىنى ئۇنۇتىدۇ. ماھىيىتىدىكى چەكسىز ئاجىزلىقىنى، چەكسىز پېقىرلىقىنى ۋە چەكسىز دەرىجىدىكى قۇسۇرىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ھەمدە ئىنتايىن زەئىپ، زاۋال تېپىشقا تەييار ۋە بالا–مۇسىبەتلەرگە دۇچار ئىكەنلىكىنى، تېز بۇزۇلۇپ چىرىيدىغان گۆش ۋە سۆڭەكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى […]

  • ياپراق

    ياپراق

    وَعِنْدَهُ مَفَاتِحُ الْغَيْبِ لَا يَعْلَمُهَٓا اِلَّا هُوَۜ وَيَعْلَمُ مَا فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِۜ وَمَا تَسْقُطُ مِنْ وَرَقَةٍ اِلَّا يَعْلَمُهَا وَلَا حَبَّةٍ ف۪ي ظُلُمَاتِ الْاَرْضِ وَلَا رَطْبٍ وَ لَا يَابِسٍ اِلَّا ف۪ي كِتَابٍ مُب۪ينٍ غەيبنىڭ خەزىنىلىرى اﷲ نىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا اﷲ بىلىدۇ، قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى اﷲ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن اﷲ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق، مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (اﷲ قا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر ئەنئام سۈرىسى 59-ئايەت  .دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ﷲ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق) […]

  • ھەشىر رىسالىسى قۇشۇمچىسى

    ھەشىر رىسالىسى قۇشۇمچىسى

    ئونىنچى سۆزنىڭ مۇھىم بىر زەيلى (قوشۇمچىسى) ۋە ئىلاۋىسىنىڭ بىرىنچى پارچىسى بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ﴿ فَسُبْحَانَ اللّهِ حِينَ تُمْسُونَ وَحِينَ تُصْبِحُونَ ٭وَلَهُ الْحَمْدُ فِى السَّموَاتِ وَاْلاَرْضِ وَعَشِيًّا وَحِينَ تُظْهِرُونَ ٭ يُخْرِجُ الْحَىَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيِّتَ مِنَ الْحَىِّ وَيُحْيِى اْلاَرْضَ بَعْدَ مَوْتِهَا وَكَذلِكَ تُخْرَجُونَ ٭ وَمِنْ آيَاتِهِ اَنْ خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ اِذَا اَنْتُمْ بَشَرٌ […]