-
شۇ بۈيۈك مىئراج نېمە ئۈچۈن مۇھەممەدى ئەرەبى ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا مەخسۇستۇر
… ئۇلۇھىيەت (ئىلاھلىق)، ھىكمەتنىڭ ئىقتىزاسى بويىچە كۆرۈنۈشنى خالىشىغا جاۋابەن، زاتى ئەھمەدىيە (س.ئە.ۋ) دىنىدىكى يۈكسەك ئىبادىتى ئارقىلىق ئەڭ پارلاق بىر دەرىجىدە كۆرسەتكەندۇر. ھەم ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىنىڭ چەكسىز كامالەتتىكى گۈزەللىكىنى بىر ۋاستە ئارقىلىق، ھىكمەت ۋە ھەقىقەتنىڭ ئىقتىزاسى بويىچە كۆرسىتىشنى خالىشىغا جاۋابەن، ئەڭ گۈزەل بىر سۈرەتتە كۆرسەتكۈچى ۋە تەرىپ قىلغۇچى بىلبەداھە (ئېنىقكى) يەنە ئۇ زاتتۇر. ھەم ئالەمنىڭ سەنئەتكارىنىڭ چەكسىز […]
-
بارماقلىرىدىن سۇنىڭ بۇلاقتەك ئاققانلىقىنى كۆردۈم
ئۈچىنچى مىسال: بۇۋات غازىتىدا، يەنە بۇخارى، مۇسلىم باشتا، سەھىھ كىتابلار بايان قىلىدۇكى، ھەزرەتى جابىر شۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «نَادِ بِالْوُضُوءِ يەنى، تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن چاقىر» دېدى. «سۇ يوق» دېيىلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئازراق سۇ كەلتۈرۈڭلار!» دېدى. ناھايىتى ئاز سۇ كەلتۈردۇق. ئاندىن ئۇ ئاز سۇ ئۈستىگە قولىنى يېپىپ بىر نەرسىلەرنى ئوقۇدى. نېمىلىكىنى بىلمىدىم. […]
-
«قانچە كىشى ئىدىڭلار؟»
ئىككىنچى مىسال: باشتا بۇخارى، مۇسلىم، سەھىھ كىتابلار سەھىھ نەقىل بىلەن خەۋەر بېرىدۇكى، ھەزرەتى جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەنسارى بايان قىلىدۇ: «بىز مىڭ بەشيۈز كىشى، ھۇدەيبىيە غازىتىدا ئۇسساپ كەتتۇق. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام قىربا دېيىلىدىغان تېرىدىن قىلىنغان بىر تۇلۇم سۇدىن تاھارەت ئالدى، ئاندىن قولىنى ئىچىگە تىقتى. كۆردۈمكى بارماقلىرىدىن بۇلاقتەك سۇ ئېقىۋاتاتتى. مىڭ بەشيۈز ئادەم ئىچىپ، تۇلۇملىرىنى ئۇ […]
-
ھېچكىم ئەمىلى بىلەن جەننەتكە كىرەلمەيدۇ
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم: «توغرىنى كۆزلەڭلار ۋە ئۇنىڭغا يېقىنلىشىڭلار. خۇش بىشارەت ئېلىڭلار، چۈنكى ھېچكىمنىڭ قىلغان ئەمىلى ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ» دېگەندە، ساھابىلار: ئۆزلىرىنىمۇ شۇنداقمۇ ئى رەسۇلۇللاھ! دېيىشىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، مېنىمۇ شۇنداق، پەقەتلا ئاللاھ مېنى ئۆز مەغپىرىتى بىلەن پەزلى – مەرھەمىتىگە ئورىسىلا ئاندىن كىرەلەيمەن» دېگەن ([1]) بۇ ھەدىسنىڭ يەنە بىر ۋاريانتىدا […]
-
پەيغەمبىرمىزنىڭ سۇ مۆجىزىسى
سەككىزىنچى ئىشارەت: «سۇ» ھەققىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قىسىم مۆجىزىلەرنى بايان قىلىدۇ. مۇقەددىمە: مەلۇمدۇركى، جامائەتلەر ئىچىدە مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەر ئاھادىي* شەكىلدە نەقىل قىلىنغان بولسا، يالغانغا چىقىرىلمىسىلا، ئۇنىڭ توغرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئىنساننىڭ فىترەتىدە (تەبىئىتىدە) يالغانغا يالغاندۇر دېيىشكە يارىتىلىش جەھەتتىنلا بىر مايىللىق بار. ھەر قەۋمدىن زىيادە يالغانغا قارشى سۈكۈت قىلمايدىغان ساھابىلەر بولسا تېخىمۇ شۇنداق. بولۇپمۇ ئۇ ھادىسىلەر، رەسۇلى […]
-
ئەلەملىك ۋە دەھشەتلىك بىر بالا
خاتىمە )ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر مۆجىزە نۇكتەسىگە دائىر بىردىنلا، ئىختىيارسىز، شامدىن كېيىن ئەسكەرتىلگەن ۋە ﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ ﴾ نىڭ زاھىر بولغان بىر غەيبىي مۆجىزىسىنى كۆرسەتكەن ئۇزۇن بىر ھەقىقەتكە قىسقا بىر ئىشارەتتۇر. ( بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيم ﴿قُلْ اَعُوذُ بِرَبِّ الْفَلَقِ ❀ مِنْ شَرِّ مَا خَلَقَ ❀ وَمِنْ شَرِّ غَاسِقٍ اِذَا وَقَبَ ❀ وَمِنْ شَرِّ النَّفَّاثَاتِ […]
-
مۇھتەشەم بىر دۇئا
يَا سَيِّدَ السَّادَاتِ ❶ يَا مُج۪يبَ الدَّعَوَاتِ!❷ يَا وَلِىَّ الْحَسَنَاتِ ❸ يَا رَف۪يعَ الدَّرَجَاتِ ❹ يَا عَظ۪يمَ الْبَرَكَاتِ ❺ يَا غَافِرَ الْخَط۪ٓيئَاتِ ❻ يَا دَافِعَ الْبَلِيَّاتِ ❼ يَا سَامِعَ اْلاَصْوَاتِ ❽ يَا مُعْطِىَ الْمَسْئوُلاَتِ ❾ يَا عَالِمَ السِّرِّ وَ الْخَفِيَّاتِ❿ سُبْحَانَكَ لآَ اِلٰهَ اِلآَّ اَنْتَ اْلاَمَانُ اْلاَمَانُ خَلِّصْنَا مِنَ النَّارِ﴿2﴾ ئەي سەييىدلەرنىڭ (كاتتا زاتلارنىڭ) كاتتىسى […]
-
ئىخلاس ھەققىدە
يىگىرمە بىرىنچى لەمئا ئىخلاس ھەققىدە (ئون يەتتىنچى لەمئانىڭ ئون يەتتىنچى نوتىسىنىڭ يەتتە مەسىلىسىدىن تۆتىنچى مەسىلىسى بولۇپ، ئخىلاس مۇناسىۋىتى بىلەن يىگىرمىنچى لەمئانىڭ ئىككىنچى نوقتىسى بولدى.نۇرانىيىتىگە بىنائەن يىگىرمە بىرىنچى لەمئا بولۇپ لەمئالار مەجمۇئەسىگە كىردى.) [بۇ لەمئا ئاز دېگەندە ھەر ئون بەش كۈندە بىر قېتىم ئوقۇلۇشى كېرەك.] بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ وَلاَ تَنَازَعُوا فَتَفْشَلُوا وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ(ئەنفال: 46) […]
-
نېمىشقا ئىسلام خەلىپىلىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئالى بەيتىدە داۋاملاشمىدى؟
بىر مۇھىم سوئال: «ھەزرەتى ئەلى ئۇ دەرىجىدە خەلىپىلىككە لايىق بولغان، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا يېقىنلىقى، ھەمدە ھەيران قالارلىق جاسارەت ۋە ئىلىم ئىگىسى تۇرۇقلۇق، نېمىشقا خەلىپىلىككە ئاۋۋال ئۆتمىدى ۋە نېمىشقا ئۇنىڭ خەلىپىلىكى زامانىدا ئىسلام نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلارغا دۇچار بولدى؟…» دېيىلىۋاتىدۇ. جاۋاب: ئالى بەيتتىن بىر قۇتبى ئەئزەم دېگەنكى: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام ھەزرەتى ئەلىنىڭ(ر.ئە) خەلىپىلىكىنى ئارزۇ قىلغان، ئەمما غەيىپتىن […]
-
ئىقتىران
سىرتقى سەۋەبلەرنىڭ قولى بىلەن كەلگەن نىمەتلەرنى ئۇ سەۋەبلەر نامىدىن ئالماسلىق كېرەكتۇر. ئەگەر ئۇ سەۋەب ئىختىيار ئىگىسى بولمىسا، (مەسىلەن: ھايۋان ۋە دەرەخكە ئوخشاش) توغرىدىن–توغرا جانابى ھەق نامىدىن بېرىدۇ. مادەم ئۇ، ئەھۋال تىلى بىلەن «بىسمىللاھ» دەيدۇ، ساڭا بېرىدۇ. سەنمۇ ﷲ نامىدىن «بىسمىللاھ» دە، ئال. ئەگەر ئۇ سەۋەب ئىختىيار ئىگىسى بولسا، ئۇ «بىسمىللاھ» دېيىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇنىڭدىن ئال، […]