ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپ

ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرغا خىتاپ

«مېۋە رىسالىسى»دىن

ئالتىنچى مەسىلە

(بۇ دەرس رىسالەئى نۇرنىڭ كۆپ يەرلىرىدە ئىزاھلىرى ۋە ئوچۇق دەلىللىرى بولغان «ﷲقا ئىمان» ئاساسىنىڭ مىڭلارچە ئومۇمىي دەلىللىرىدىن بىر دەلىلىگە قىسقىچە ئىشارەتتۇر.)

  قاستامونۇ شەھرىدە بىر قىسىم ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يېنىمغا كېلىپ: «بىزگە ياراتقۇچىمىز توغرىسىدا دەرس بەرسىڭىز، مۇئەللىملىرىمىز ﷲ ھەققىدە بىر نەرسە سۆزلەپ بەرمەيدۇ» دېيىشتى. مەنمۇ دېدىمكى: سىلەر ئوقۇغان ھەربىر پەن ئۆزىگە مەخسۇس تىللىرى بىلەن داۋاملىق ﷲ ھەققىدە سۆزلەپ، ئۇنى تونۇتىدۇ. مۇئەللىملەرگە ئەمەس، ئۇلارغا قۇلاق سېلىڭلار.

  مەسىلەن: مۇكەممەل بىر دورىخانىدا، تۈرلۈك قۇتىلاردا ئاجايىپ ۋە ئىنچىكە ئۆلچەملەر بىلەن ئېلىنغان دورىلار بار بولسا، بۇ شۈبھىسىز ھالدا، ئىنتايىن ماھارەتلىك ۋە بىلىملىك بىر دورىگەرنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، يەرشارى «دورىخانىسى»دا تۆت يۈز مىڭ تۈرلۈك ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات «قۇتىلىرى»غا قويۇلغان ھاياتدار دورىلار ۋە ئېلمىنىتلار نەزەرگە ئېلىنسا، ھەمدە بۇ چوڭ دورىخانا كوچىدىكى دورىخانىدىن قانچىلىك دەرىجىدە مۇكەممەل ۋە چوڭ بولسا، ئۇ نىسبەتتە، سىلەر ئوقۇغان مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، يەرشارى دورىخانىسىنىڭ مۇقەددەس دورىگىرى بولغان ھەكىمى زۇلجالالنى* ھەتتا كور كۆزلەرگىمۇ كۆرسىتىدۇ، تونىتىدۇ.

  يەنە مەسىلەن: بىر ھەيران قالارلىق فابرىكا بولۇپ، خىلمۇخىل مىڭلارچە رەختلەرنى ئاددى بىر ماددىدىن ئىشلەپچىقىرىدۇ. شۈبھىسىزكى بۇ، ئۇ فابرىكىنىڭ ئىگىسىنى ۋە ماھارەتلىك بىر ئىنژېنېرىنى تونىتىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، يەرشارى دېيىلگەن، يۈزمىڭلارچە بېشى بولغان، ھەر بېشىدا يۈز مىڭلارچە «فابرىكا» بولغان بۇ ھەرىكەتتىكى ئىلاھىي زاۋۇت، ئۇ ئىنسان فابرىكىسىدىن قانچە چوڭ ۋە مۇكەممەل بولسا، سىلەر ئوقۇۋاتقان ئىنژېنېرلىق ئىلمى بويىچە، ئۇ نىسبەتتە يەرشارىنىڭ ئۇستىسى ۋە ئىگىسنى بىلدۈرىدۇ ۋە تونۇتتۇرىدۇ.

  يەنە مەسىلەن: ئىنتايىن مۇكەممەل مىڭلارچە تۈرلۈك رىزىقلار بەكمۇ تەرتىپلىك ھالدا ئىچىدە تىزىلغان ئاشلىق ئامبىرى ياكى ئوزۇقتۈلۈك ماگزىنى بار بولسا، شۈبھىسىزكى ئۇ ئوزۇقتۈلۈكلەرنىڭ مالىكىنى، ئىگىسىنى ۋە خوجايىنىنى كۆرسىتىدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، بىر يىلدا يىگىرمە تۆت مىڭ يىللىق بىر دائىرىدە، پەۋقۇلئاددە تېز ۋە تەرتىپلىك ھالدا ساياھەت قىلغان، ھەمدە يۈز مىڭلارچە باشقاباشقا رىزىققا مۇھتاج تائىپىلەرنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇ ساياھىتى بىلەن پەسىللەرگە ئۇچراپ، باھار پەسلىنى بىر چوڭ ۋاگوندەك مىڭلارچە خىلمۇخىل تاماقلار بىلەن تولدۇرۇپ، قىشتا رىزقى تۈگىگەن بىچارە جانلىقلارغا تارقاتقان شەپقەتلىك ﷲنىڭ يەرشارى دەپ ئاتالغان بۇ رىزىق ئامبىرى ۋە كېمىسى، ھەمدە مىڭ بىر تۈرلۈك ئۈسكۈنىلەر، ماللار ۋە كونسېرۋا قۇتىلىرى ئىچىدە بولغان بۇ ئىسكىلاتى ۋە ماگىزىنى، ئۇ ئىنساننىڭ رىزىق ئامبىرى ۋە ئىسكىلاتلىرىدىن ۋە قانچىلىك دەرىجدە چوڭ ۋە مۇكەممەل بولسا، سىلەر ئوقۇغان ۋە ئوقۇيدىغان تەمىنات ئىلمى نەزىرى بويىچە، ئۇ نىسبەتتە بەكمۇ روشەن ھالدا يەرشارى ئىسكىلاتىنىڭ باشقۇرغۇچىسىنى ۋە ئىگىسىنى بىلدۈرىدۇ، تونۇتىدۇ ۋە سۆيدۈرىدۇ.

  يەنە مەسىلەن: تۆت يۈز مىڭ مىللەت ئىچىدە بولغان بىر ئارمىيە بولسا، ئۇلارنىڭ (ھەر مىللەتنىڭ) خالايدىغان رىزقى باشقا، قوللىنىدىغان قورالى باشقا، كىيگەن كىيىمى باشقا، مەشىق تەلىماتلىرى باشقا، ئەسكەرلىكنى پۈتتۈرۈش ۋاقىتلىرى باشقا بولسا، ئۇ ئارمىيەنىڭ ھەيران قالارلىق بىر قوماندانى ئۆزى يالغۇز ھالدا ئۇ باشقاباشقا مىللەتلەرنىڭ قوراللىرىنى، كىيىملىرىنىھېچبىرىنى ئۇنۇتماستىن، ئاداشماستىن يەتكۈزۈپ تۇرسا، ئەنە شۇنداق بىر ئارمىيە، ئەلۋەتتە ۋە شۈبھىسىز ھالدا، ئۇ قومانداننىڭ ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق كارامەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ ۋە تەقدىر بىلەن سۆيدۈرىدۇ.

  خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، زېمىن يۈزى «ئارمىيە»سىدە، جۈملىدىن ھەر باھاردا يېڭىدىن ئەسكەرلىككە كەلگەن يېڭى بىر ئىلاھىي ئارمىيەدە، تۆت يۈز مىڭ تۈرلۈك ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانات مىللەتلىرىنى، باشقاباشقا كىيىم، رىزىق، قوراللار بىلەن تەمىنلەش، ماھارەت ئۆگىتىش ۋە ۋەزىپىسىنى تاماملىتىش ئىشلىرىدا ئىنتايىن مۇكەممەل ۋە تەرتىپلىك ھالدا، ھېچبىرىنى ئۇنۇتماستىن، ئاداشماستىن ئىجرائىيەت يۈرگۈزگەن يالغۇز ۋە ئۇلۇغ بىر قومانداننىڭ ئەمرى ئاستىدىكى باھار ئارمىيىسى، ئۇ ئىنسانىي ئارمىيەدىن قانچىلىك دەرىجىدە چوڭ ۋە مۇكەممەل بولسا، سىلەر ئوقويدىغان ئەسكەرلىك ئىلمى بويىچە، ئۇ نىسبەتتە، دىققەتلىك ۋە ئەقلى بېشىدا بولغانلارغا يەرشارىنىڭ ھاكىمى، رەببى، باشقۇرغۇچىسى ۋە مۇقەددەس قوماندانىنى ھەيرانلىق ۋە ئالقىشلار بىلەن بىلدۈرىدۇ، ھەمدە ھەمدۇسانالار بىلەن سۆيدۈرىدۇ.

  يەنە مەسىلەن: ئاجايىپ بىر شەھەردە، مىليونلىغان ئېلېكتر چىراقلىرى ھەر يەرنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلسا ۋە يېقىلغۇ ماددىلىرى تۈگىمىسە، ئۇ ئېلېكتر چىراقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەنبەسى بولغان ئىستانسا، شۈبھىسىز ۋە روشەن ھالدا، ئۇ ئېلېكتر سىستېمىلىرىنى باشقۇرغان، ئايلىنىپ تۇرىدىغان چىراقلارنى قۇراشتۇرغان، ئىستانسىنى قۇرۇپ چىققان، ھەمدە يېقىلغۇ ماددىلىرى بىلەن تەمىنلىگەن ھەيران قالارلىق بىر ئۇستىنى ۋە ئىقتىدارى پەۋقۇلئاددە بولغان بىر ئېلېكتر مۇتەخەسسىسىنى ھەيرانلىق ۋە تەبرىكلەر بىلەن تونىتىدۇ، ھۆرمەت بىلەن سۆيدۈرىدۇ.

   دەل شۇنىڭغا ئوخشاش، بۇ ئالەم شەھرىدە، دۇنيا سارىيىنىڭ تورۇسلىرىغا ئېسىلغان يۇلتۇز «چىراقلىرى»نىڭ بىر قىسمى ئاسترونومىيەنىڭ دېگىنى بويىچە، يەر شارىدىن مىڭ ھەسسە چوڭ ۋە زەمبىرەك ئوقىدىن يەتمىش ھەسسە تېز ھەرىكەت قىلسىمۇ، تەرتىپىنى بۇزماستىن بىربىرىگە سوقۇلمايدۇ، ئۆچمەيدۇ، يېقىلغۇ ماددىلىرى تۈگىمەيدۇ. سىلەر ئوقۇغان ئاسترونومىيەنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، يەر شارىدىن بىر مىليون ھەسسىدىن كۆپرەك ياشىغان، ھەمدە بۇ ئىلاھىي مېھمانخانىدا بىر چىراق ۋە مەش ۋەزىپىسىنى كۆرگەن قۇياشنىڭ ئۆچمەي كۆيۈپ تۇرىشى ئۈچۈن، ھەر كۈن يەر شارىنىڭ دېڭىزلىرىچىلىك بېنزىن، تاغلىرىچىلىك كۆمۈر ياكى مىڭ يەر شارىچىلىك ئوتۇن دۆۋىلىرى لازىم بولىدۇ. ئۇنى ۋە ئۇنىڭدەك يوغان يۇلتۇزلارنى بېنزىنسىز، ئوتۇنسىز، كۆمۈرسىز ياققان، ئۆچۈرۈپ قويمىغان، ھەممىسىنى بىللە بەكمۇ تېزلىك بىلەن ئايلاندۇرغان ۋە بىربىرىگە سوقۇشتۇرۇپ قويمىغان چەكسىز بىر قۇدرەتنى ۋە سەلتەنەتنى نۇر بارماقلىرى بىلەن كۆرسەتكەن بۇ ھەشەمەتلىك ئالەم شەھرىدىكى دۇنيا سارىيىنىڭ ئېلېكتر چىراقلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىشىنى كۆر. ھەمدە بۇ، يۇقىرىدىكى مىسالدىن قانچە چوڭ ۋە مۇكەممەل بولسا، سىلەر ئوقۇغان ياكى ئوقۇيدىغان ئېلېكتر ئىلمىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە، شۇ نىسبەت بىلەن، بۇ كائىنات شەھرىنىڭ سۇلتانىنى، نۇرلاندۇرغۇچىسىنى، باشقۇرغۇچىسىنى، ياراتقۇچىسىنى ئۇ نۇرانىي يۇلتۇزلارنى دەلىل كۆرسىتىپ تونۇتىدۇ، مەدھىيىلەش ۋە ئۇلۇغلاشلار بىلەن سۆيدۈرىدۇ.

داۋامى يەنە بىر بەتتىە……

————————————-

*ھەكىمى زۇلجالال: ھەر ئىشىدا چەكسىز ھىكمەت(يەنى دانىشمەنلىك) بولغان ۋە چەكسىز ئۇلۇغلۇق ئىگىسى بولغان ﷲ.-ت


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.