ئاۋازلىق : «ئىنسان ئاجىزدۇر» جۈملىسىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

رىسالەئى نۇردا «ئىنسان ئاجىزدۇر» جۈملىسىنى قانداق چۈشىنىمىز؟

  (ھەم شۇ كائىنات مالىكى ۋە ھەقىقى تەسەررۇپ قىلغۇچىسى، مەئبۇد ۋە ھەقىقى مەھبۇبى ئۇ زات بولالايدۇكى، كىچەكۈندۈزنى، قىش ۋە يازنى، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى بىر كىتاپنىڭ سەھىپىلىرىگە ئوخشاش قولاي ئالماشتۇرىدۇ، يازىدۇ، بۇزىدۇ، ئۆزگەرتەلەيدۇ.)

  كىمگە ئىبادەت قىلىمىز؟ كىم بىزنى بۇ ئەھۋاللاردىن زاۋاللىق تېپىش ۋە ئايرىلىش پىراقلاردىن، ئۆلۈم ۋە پانىيلىقتىن، يوقۇلۇش ۋە تۈگەشلەردىن قۇتۇلدۇرالايدۇ. كېچە ۋە كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىدىن؛ ئۆمۈرنىڭ كىتىشىدىن ۋە بۇ كائىناتنىڭ خاراپلىققا ئايلىنىشىدىن بىزنى قۇتۇلدۇرالايدىغان، بۇ دۇنيادىن زاۋال ۋە ئايرىلىشنى كۆتۈرىۋىتىدىغان، مېنى ۋە پۈتۈن مەۋجۇداتنى باقىيلىققا ئىگە قىلالايدىغان شۇنداق بىر زات كىرەككى، ئۇنڭغا ئىلتىجا قىلايلى.

  دېمەك ئۇ زات، شۇ كائىناتنىڭ يەككە يىگانە مالىكى ۋە ھەقىقى تەسسەررۇپ قىلغۇچىسى بولغان ئاللاھۇ تائالادۇر. ئۇ ھەم بىزنىڭ ھەقىقى مەئبۇدىمىزدۇر، يالغۇز ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىمىز. ھەم ئۇ بىزنىڭ ھەقىقى ’مەھبۇب‘ىمىزدۇر. ھەمدە ’ۋەدۇد‘ىمىزدۇر، يەنى ھەم سۆيۈلىدىغان، ھەمدە رىئايە قىلغۇچىلىرىنى سۆيىدىغان بىر زاتتۇر. ئۇنداق بولسا باشقىسى ھەقىقى تۈردە مۇھەببەتكە لايىق ئەمەستۇر. ئۇلارغا پەقەتلا ئىلاھىي ئىسىم سۈپەتلەرگە ئەينەك بولۇشى جەھەتتىن ۋە ئاخىرەتنىڭ بىرەر نەمۇنە-ئۈلگىسى بولۇشى جەھەتىدىنلا مۇھەببەت بېرشكە بولىدۇ. چۈنكى، بۇ فانىي ئالەمدە نىمىنى ياخشى كۆرۈپ قارىساڭ، زاۋالغا مەھكۇمدۇر. كۈندۈزنى سۆيسەن، ئۆلىدۇ؛ يازنى سۆيىسەن، ئۆلىدۇ؛ ياشلىقڭنى، ھاياتىڭنى سۆيىسەن، ئۇمۇ ئۆلىدۇ. دۇنيانى سۆيىسەن، ئۇمۇ قىيامەت كۈنىدە خاراپ بولىدۇ، ئۆلىدۇ. ئۇنداق بولسا، زاۋاللىق ۋە ئايرىلىش، ئۆلۈم ۋە يوقىلىشتىن مۇنەززھ، پاك ۋە مۇقەددەس بولغان بىرسىنى تېپىۋالكى مۇھەببەت ۋە ئىبادەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇنىڭ قۇدرىتىگە نىسبەتەن، كېچەكۈندۈز، قىشياز، ئىنساننىڭ ئۆلۈمى بىلەن ھاياتى، كائىناتنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرىشى بىلەن قىيامەت قوپۇپ ئاخىرەت دىيارىنىڭ ئېچىلىشى ، خۇددى بىر كىتاپنىڭ ساھىپىلىرىنىڭ ئۆرىلىشىدەك ئۆزىگە قولاي بولسۇن.

  (بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان بىر قادىرى مۇتلەق بولغان چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپات قىلىدىغان بىر ۋەزىيەتتۇر.) كېچە ۋە كۈندۈزگە، قىش ۋە يازغا، ھايات ۋە ماماتقا ئىنسان ھۆكىمنى ئۆتكۈزەلەمدۇ؟ قېنى كۈندۈزنى توختات، كەتمىسۇن؛ بۇنىڭغا كۈچۈڭ يەتمىسە يازنى توختات، قىش كەلمىسۇن؛ قېنى بۇنىمۇ قىلالمىدىڭ. ئۇنداق بولسا ئۆمرىڭنى توختىتىپ ئۆلۈمدىن ۋە قەبىرگە كىرىشتىن قۇتۇل. بۇنىمۇ قىلالمىدىڭ، ئۇنداق بولسا دۇنيانى تېرەپ-تۇرغۇز، خاراپ بولمىسۇن. مەيلى كىچىك دائىرىدە مەيلى چوڭ دائىرىدە بولسۇن قىلالايدىغان ھېچقانداق بىر ئىشڭ يوق. چۈنكى، چەكسىز دەرىجىدە ئاجىز ۋە زەئىپسەن. پۈتۈن بۇلارنىڭ ھەممىسى، چەكسىز قۇۋۋەت ۋە قۇدرەت ساھىبى بولغان بىر زاتنىڭ تەسەررۇپى ئاستىدىدۇر. تىزگىنى باشقىسىنىڭ قولىدا، ئۇنىڭ ئەمرى ۋە ئىرادىسى بىلەن، ئىلىم ۋە ھېكمىتى بىلەن ئايلىنىدۇ، كېتىپ بارىدۇ.

   ئىنسان بۇ تۆت دائىرىدە زاۋال ۋە ئايرلىش، ئۆلۈم ۋە يوقىلىشنى بىراقلا ئويلانسا، ئويغىنىدۇ، جىددى ئەستايدىللىق بىلەن دەرھال مەئبۇد ۋە ھەقىقى مەھبۇبى بولغان شۇ ئالەمنىڭ رەببىگە ئىمان ۋە ئىبادەتكە يۈزلىنىدۇ. ئۇنىڭ باقىي بولغان ئىسىملىرى بىلەن ئۇنىڭغا دۇئا ۋە ئىلتىجا قىلنسا؛ ئۇنىڭ باقىي مەملىكىتىنى ئويلانسا، بۇ ئويلىنىش بىلەن چەكسىز مەۋجۇداتنىڭ زاۋاللىقى ۋە ئايرىلىشىدىن، ئۆلۈم ۋە يوقىلىشىدىن ھاسىل بولغان ھەددى ھېساپسىز ئەلەملەردىن قۇتۇلىدۇ.

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir