ئىقتىران

ئىقتىران

سىرتقى سەۋەبلەرنىڭ قولى بىلەن كەلگەن نىمەتلەرنى ئۇ سەۋەبلەر نامىدىن ئالماسلىق كېرەكتۇر. ئەگەر ئۇ سەۋەب ئىختىيار ئىگىسى بولمىسا، (مەسىلەن: ھايۋان ۋە دەرەخكە ئوخشاش) توغرىدىنتوغرا جانابى ھەق نامىدىن بېرىدۇ. مادەم ئۇ، ئەھۋال تىلى بىلەن «بىسمىللاھ» دەيدۇ، ساڭا بېرىدۇ. سەنمۇ ﷲ نامىدىن «بىسمىللاھ» دە، ئال. ئەگەر ئۇ سەۋەب ئىختىيار ئىگىسى بولسا، ئۇ «بىسمىللاھ» دېيىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇنىڭدىن ئال، بولمىسا ئالما. چۈنكى  ﴿وَلاَ تَاْكُلُوا مِمَّا لَمْ يُذْكَرِ اسْمُ اللّٰهِ عَلَيْهِ﴾(ئەنئام:121)  ئايىتىنىڭ ئوچۇق مەنىسىدىن باشقا بىر ئىشارىي مەنىسى شۇدۇركى: «ھەقىقىي مۇنئىمنى(نىمەت بەرگۈچىنى) ئويلىماستىن ئۇنىڭ نامى بىلەن بېرىلمىگەن نىمەتنى يېمەڭلاردېگەنلىكتۇر. ئۇ ھالدا ھەم بەرگۈچى «بىسمىللاھ» دېيىشى، ھەم ئالغۇچى «بىسمىللاھ» دېيىشى لازىم. ئەگەر ئۇ «بىسمىللاھ» دېمىسە، ئەمما سەنمۇ ئۇنى ئېلىشقا مۇھتاج بولساڭ، سەن «بىسمىللاھ» دە، ئۇ نىمەتنىڭ بېشى ئۈستىدە ﷲنىڭ رەھمىتىنىڭ قولىنى كۆر، شۈكۈر بىلەن سۆي، ئۇنىڭدىن ئال. يەنى نىمەتتىن ئىنئامغا قارا، ئىنئامدىن ھەقىقىي مۇنئىمنى ئويلا. بۇ ئويلاش بىر شۈكۈردۇر. ئاندىن ئۇ سىرتقى ۋاستىغا خالىساڭ دۇئا قىل. چۈنكى ئۇ نىمەت ئۇنىڭ قولى بىلەن ساڭا ئەۋەتىلدى.

زاھىرى سەۋەبلەرگە چوقۇنغانلارنى ئالداۋاتقان نەرسە، ئىككى نەرسىنىڭ تەڭلا كېلىشى ۋەياكى بولىشىدۇركى، «ئىقتىران» تەبىر قىلىنىدۇ، ئىككىسىنى بىربىرىگە ئىللەت(بىردىنبىر سەۋەب) دەپ قاراشلىرىدۇر. ھەم بىر نەرسىنىڭ يوقلۇقى بىر نىمەتنىڭ يوق بولىشىغا ئىللەت بولغانلىقتىن، ئۇ نەرسىنىڭ بار بولىشىمۇ ئۇ نىمەتنىڭ بار بولشىغا ئىللەتتۇر، دەپ قاراپ قالىدۇ. شۈكرىنى، مىننەتدارلىقىنى ئۇ نەرسىگە بېرىدۇ، خاتاغا چۈشىدۇ. چۈنكى ھەر نىمەتنىڭ بار بولىشى، ئۇ نىمەتنىڭ پۈتكۈل مۇقەددىمىلىرىگە ۋە شەرتلىرىگە قارايدۇ. ھالبۇكى ئۇ نىمەتنىڭ يوق بولىشى، يالغۇز بىر شەرتنىڭ يوقلىقى بىلەنمۇ بولىدۇ. مەسىلەن: بىر باغچىغا سۇ كىرىدىغان ئېچىقنىڭ ئاغزىنى ئاچمىغان ئادەم، ئۇ باغچىنىڭ قۇرۇپ كېتىشىگە ۋە ئۇ نىمەتلەرنىڭ يوق بولىشىغا سەۋەب ۋە ئىللەت بولىدۇ. ئەمما ئۇ باغچىنىڭ نىمەتلىرىنىڭ بار بولىشى، ئۇ ئادەمنىڭ خىزمىتىدىن باشقا، يۈزلەرچە شەرتلەرنىڭ بارلىقىغا باغلىق بولۇش بىلەن بىللە، ھەقىقىي ئىللىتى بولغان ﷲنىڭ قۇدرىتى ۋە ئىرادىسى بىلەن ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. مانا بۇ ئالدىنىشنىڭ خاتاسىنىڭ نەقەدەر ئوچۇق ئىكەنلىكىنى چۈشەن ۋە سەۋەبپەرەستلەرنىڭ نەقەدەر خاتا قىلغانلىقىنى بىل!

شۇنداق، ئىقتىران ئايرىمدۇر، ئىللەت ئايرىمدۇر. بىر نىمەت ساڭا كەلدى، ئەمما بىر ئىنساننىڭ ساڭا قارىتا ئىھسان قىلىش نىيىتى ئۇ نىمەتكە مۇقارىن(يېقىن) بولغان، ئەمما ئىللەت بولمىغاندۇر. ئىللەت، ﷲنىڭ رەھمىتىدۇر. شۇنداق، ئۇ ئادەم ئىھسان قىلىشنى نىيەت قىلمىغان بولسا، ئۇ نىمەت ساڭا كەلمەيتتى. نىمەتنىڭ يوق بولىشىغا ئىللەت بولاتتى. ئەمما مەزكۇر قائىدىگە بىنائەن، ئۇ ئىھسان مايىللىقى(نىيىتى)، ئۇ نىمەتكە ئىللەت بولالمايدۇ. پەقەتلا يۈزلەرچە شەرتلەرنىڭ بىر شەرتى بولالايدۇ. مەسىلەن: رىسالەئى نۇرنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە جانابى ھەقنىڭ نىمەتلىرىگە ئىگە بولغان بەزى زاتلار (خۇسرەۋ، رەئفەتكە ئوخشاش)، ئىقتىراننى ئىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ قويۇپ، ئۇستازىغا زىيادە مىننەتدارلىق كۆرسىتەتتى. ھالبۇكى، جانابى ھەق ئۇلارغا قۇرئان دەرسىدە بەرگەن پايدىلىنىش نىمىتى بىلەن، ئۇستازىغا ئىھسان قىلىنغان ئىپادە قىلىش نىمىتىنى بىللە قىلىپ مۇقارىن قىلغاندۇر. ئۇلار دەيدۇكى: «ئەگەر ئۇستازىمىز بۇ يەرگە كەلمىگەن بولسا، بىز بۇ دەسنى ئالالمايتتۇق. ئۇنداق بولسا، ئۇنىڭ ئىپادە قىلىشى پايدىلىنىشىمىزغا ئىللەتتۇرمەن دەيمەنكى: «ئەي قېرىنداشلىرىم! جانابى ھەق بەرگەن نىمەتلەر ماڭىمۇ، سىلەرگىمۇ بىللە كەپتۇ،  ھەر ئىككى نىمەتنىڭ ئىللىتىمۇ ﷲنىڭ رەھمىتىدۇر. مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئىقتىراننى ئىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، بىر چاغلاردا رىسالەئى نۇرنىڭ سىلەرگە ئوخشاش ئالماس قەلەملىك يۈزلەرچە شاگىرتلىرىغا ناھايىتى مىننەتدارلىق ھېس قىلاتتىم ۋە: «بۇلار بولمىغان بولسا، مەندەك يېرىم ساۋاتسىز بىر بىچارە قانداق خىزمەت قىلاتتى؟» دەيتتىم. كېيىن چۈشەندىمكى، سىلەرگە قەلەم ۋاستىسى بىلەن بولغان مۇقەددەس نىمەتتىن كېيىن، ماڭىمۇ بۇ خىزمەتكە مۇۋەپپىقىيەت ئىھسان قىپتۇ. بىربىرىگە ئىقتىران قىپتۇ، بىربىرىنىڭ ئىللىتى بولالمايدۇ. مەن سىلەرگە تەشەككۈر ئېيتىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنى تەبرىكلەيمەن. سىلەرمۇ ماڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ ئورنىغا، دۇئا قىلىڭلار ۋە تەبرىكلەڭلار

بۇ تۆتىنچى مەسىلىدە، غەپلەتنىڭ نەقەدەر دەرىجىلىرى بارلىقى چۈشىنىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.