ئىماندىكى ھەقىقى لەززەتنىڭ تەمى

ئىماندىكى ھەقىقى لەززەتنىڭ تەمى

ئالى، لەززەتلىك، تاتلىق ۋە گۈزەل ھەقىقەتلەر

سائادەت ۋە خاتىرجەملىك پەقەتلا ئىسلامىيەت ۋە ئىماندىدۇر.

ئىككىنچى سۆز

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ

اَلَّذِينَ يُؤْمِنُونَ بِالْغَيْبِ

(ئۇلار غەيبكە ئىشىنىدۇ.سۇرە بەقەرە:3)

   ئىماندا نەقەدەر بۈيۈك بىر سائادەت ۋە نېمەت، نەقەدەر بۈيۈك بىر لەززەت ۋە راھەت بارلىقىنى چۈشىنىشنى خالىساڭ، شۇ تەمسىلىي ھېكايىگە قارا، ئاڭلابىر ۋاقىت ئىككى ئادەم ھەم ھوزۇرلىنش ھەم تىجارەت ئۈچۈن ساياھەتكە چىقىدۇ. مەنمەنچى، بەختسىز بولغىنى بىر تەرەپكە؛ دىندار، بەختىيار بولغىنى يەنە بىر تەرەپكە ماڭىدۇ.

  مەنمەنچى ئادەم، ھەم ھاكاۋۇر ھەم شەخسىيەتچى ھەم بەتخۇي بولغانلىقتىن، بەتخۇيلۇقنىڭ جازاسى سۈپىتىدە، ئۆز نەزىرىدە بەكمۇ يامان بىر مەملىكەتكە بېرىپ قالىدۇ. قارىسا ھەر يەردە ئاجىز بىچارىلەر زالىم زومىگەر كىشىلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىق ۋە بېسىملىرىدىن پەرياد چېكىشىۋاتقان… بارغان بارلىق يەرلىرىدە ئەنە شۇنىڭدەك قايغۇلۇق ۋە ئەلەملىك بىر ھالەتنى كۆرىدۇ. پۈتۈن مەملىكەت خۇددى بىر ماتەمخانا تۈسىنى ئالغان ئىدى. ئۇ مانا شۇنداق ئەلەملىك ۋە زۇلمەتلىك ھالەتنى ھېس قىلماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى مەست قېلىۋىلىشتىن باشقا چارە تاپالمايدۇ، چۈنكى ھەركىم ئۇنىڭغا دۈشمەن ۋە يات كۆرۈنىدۇ، ھەر يەردە قورقۇنچلۇق ئۆلۈكلەرنى ۋە ئۈمۈدسىزلەرچە يىغلىغان يېتىملارنى كۆرىدۇ، ۋىجدانى ئازاپ ئىچىدە قالىدۇ.

   يەنە بىر دىندار ۋە ھەقىقەتچىل كىشى بولسا، ئېسىل ئەخلاقلىق بولۇپ، ئۆز نەزىرىدە بەكمۇ گۈزەل بىر مەملىكەتكە بارىدۇ. بۇ ياخشى ئادەم بارغان ئۇ مەملىكەتتە ئومۇمىيۈزلۈك خۇشاللىنارلىق بىر ھالەتنى كۆرىدۇ. ھەر تەرەپتە بىر سۆيۈنچ، بىر داغدۇغا، بىر جەزبە، بىر ھاياجان ئىچىدىكى زىكىرخانىلار؛ ھەركىم ئۇنىڭغا دوست ۋە تۇغقاندەك كۆرۈنىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتە «ياشىسۇن، «مىڭ رەھمەتشوئارلىرى ئىچىدىكى ئومۇميۈزلۈك ۋەزىپىدىن بوشىنىش خۇشاللىقلىرى كۆرۈنىدۇ. شۇنداقلا «ئاللاھۇ ئەكبەر» ۋە «لائىلاھە ئىللەللاھ» سادالىرى ئىچىدە، سۆيۈنچلەر بىلەن ئەسكەرلىككە ئېلىنىش تەبرىكى ئۈچۈن دۇمباق ۋە مۇزىكا ناۋالىرى ئاڭلىنىدۇ. ئاۋۋالقى بەختسىز ھەم ئۆزىنىڭ ھەم خەلقنىڭ ئەلىمى بىلەن قايغۇدا قالغان بولسا، شۇ بەختىيار، ھەم ئۆزىنىڭ ھەم ئومۇمىي خەلقنىڭ سۆيۈنچلىرى بىلەن خۇشاللىق ۋە ھوزۇر تاپىدۇ. ھەمدە ناھايىتى مەنپەئەتلىك بىر تىجارەت قىلىۋالىدۇ، اﷲقا شۈكۈر قىلىدۇ. كېيىن ھېلىقى بەختسىز ئادەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالىدۇ، ھالىنى كۆرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا دەيدۇ: «سەن ساراڭ بولۇپسەن! ئىچىڭدىكى يىرگىنچلىك ھال سىرتىڭغا تەپكەن بولسا كېرەك، كۈلكىنى يىغا، ۋەزىپىدىن بوشىنىشنى بۇلاڭتالاڭ قىلىش دەپ ئويلاپ قاپسەن. ئەقلىڭنى بېشىڭغا ئال، قەلبىڭنى پاكلا، شۇندىلا شۇ بالامۇسىبەتلىك پەردە سېنىڭ نەزىرىڭدىن كۆتۈرۈلىدۇ ۋە ھەقىقەتنى كۆرەلەيسەن. چۈنكى چەكسىز دەرىجىدە ئادىل، مەرھەمەتكار، خەلقسۆيەر، ئىقتىدارلىق، ئىنتىزامپەرۋەر ۋە شەپقەتلىك بىر پادىشاھنىڭ مەملىكىتى، شۇنداقلا كۆز ئالدىمىزدا بۇ قەدەر تەرەققىيات ۋە كامالەت ئەسەرلىرى كۆرۈنۈۋاتقان بىر مەملىكەتنىڭ سېنىڭ تەسەۋۋۇرىڭدىكىدەك بولۇشى مۇمكىن ئەمەسشۇنىڭ بىلەن ئۇ بەدبەختنىڭ ئەقلى بېشىغا كېلىدۇ، نادامەت چېكىدۇ. «بەرھەق، مەن مەستلىكتىن ئەقلىمنى يوقىتىپتىكەنمەن، اﷲ سەندىن رازى بولسۇن، مېنى دوزاختەك بىر ھالەتتىن قۇتۇلدۇردۇڭ» دەيدۇ.
  ئەي نەفسىم! بىلگىنكى، ئاۋۋالقى ئادەم كاپىردۇر ياكى غاپىل پاسىقتۇر. بۇ دۇنيا ئۇنىڭ نەزىرىدە ئومۇمىي بىر ماتەمخانىدۇر. پۈتۈن جانلىقلار پىراق ۋە زاۋال كاچاتلىرى دەستىدىن يىغلاۋاتقان يېتىملاردۇر. ھايۋانات ۋە ئىنسانلار بولسا، ئەجەل چاڭگىلىغا چۈشۈپ، تالاپەتكە ئۇچرىغان ئىگىسىز، باشباشتاق ئەسكەرلەردۇر. تاغلار ۋە دېڭىزلاردەك چوڭ مەۋجۇداتلار بولسا روھسىز، مۇدھىش ئۆلۈكلەر ھۆكمىدىدۇر. يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەكمۇ ئەلەملىك، ئېزىدىغان، قورقۇنچلۇق ۋەھىمىلەر ئۇنىڭ كۇپۇر ۋە ئازغۇنلۇقىدىن مەيدانغا چىقىپ ئۇنى مەنىۋى جەھەتتىن ئازاپ ئىچىدە قويىدۇ
  يەنە بىر ئادەم بولسا مۆمىندۇر. جانابى اﷲنى تونۇيدۇ، تەستىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ دۇنيا، مەرھەمەتلىك اﷲ زىكىر قىلىنىپ تۇرىدىغان بىر زىكىرخانە، ئادەم ۋە ھايۋان ئۈچۈن بىر تەلىمتەربىيە ۋە چېنىقىش ماكانى، ھەمدە ئىنسىجىنلارنىڭ ئىمتىھان مەيدانىدۇر. بارچە ھايۋان ۋە ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈملىرى بىر بوشىنىشتۇر. يەنى ھايات ۋەزىپىسىنى تاماملىغانلار، بۇ فانىي ئالەمدىن مەنىۋى جەھەتتىن خوشال ھالداغەۋغاسىز باشقا بىر ئالەمگە كېتىدۇ. شۇ ئارقىلىق يېڭى ۋەزىپىدارلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىشى ئۈچۈن مەيدان ئېچىلىدۇ.جىمى ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشلىرى بولسا، ئەسكەرلىككە ئېلىنىپ، ئەمر ئاستىغا كىرىش ۋە ۋەزىپە بېشىغا كېلىشتۇر. جانلىقلارنىڭ ھەممىسى خۇرسەن ئەسكەرلەر ۋە مەمنۇنىيەت ئىچىدىكى دۇرۇست خىزمەتچىلەردۇر. بارلىق سادالار بولسا، يا ۋەزىپە باشلاشتىكى زىكىر، تەسبىھ، ھەمدە ۋەزىپىدىن بوشىنىشتىكى شۈكۈر، سۆيۈنچتۇر ۋە ياكى خىزمەت ھاياجىنىدىن كەلگەن كۈيلەردۇر. پۈتۈن مەۋجۇدات ئۇ مۆمىننىڭ نەزىرىدە شەپقەتلىك، ساخاۋەتلىك بولغان ئۇلۇغ پادىشاھىنىڭ سادىق بىر خىزمەتكارى، دۇرۇست بىر ۋەزىپىدارى ۋە شېرىن بىر كىتابىدۇر. يەنە بۇنىڭغا ئوخشاش كۆپلىگەن يۈكسەك، لەززەتلىك، تاتلىق ۋە گۈزەل ھەقىقەتلەر ئۇنىڭ ئىمانىدىن جىلۋىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
  دېمەك، ئىماندا جەننەتتىكى تۇبا دەرىخىنىڭ مەنىۋى ئۇرۇقى ساقلانغان. كۇپۇردا بولسا جەھەننەمدىكى زەققۇم دەرىخىنىڭ مەنىۋى ئۇرۇقى ساقلانغان
  خۇلاسە، سائادەت ۋە خاتىرجەملىك پەقەتلا ئىسلامىيەت ۋە ئىماندىدۇر. ئۇنداق بولسا، بىز دائىما

اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ عَلٰى دِينِ الْاِسْلاَمِ وَ كَمَالِ الْاِيمَانِ

(ئىسلام دىنىدا قىلىپ ۋە كامىل بولغان ئىماننى ئاتا قىلغان جانابى اﷲقىلا ئەلھەمدۇلىللاھ)

دېيىشىمىز لازىم.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.