ئىمان دېگەن نېمە؟

ئىمان دېگەن نېمە؟

  ئىمانسادى تەپتەزانىنىڭ تەپسىرىگە كۆرە: «جانابى ھەقنىڭ خالىغان قۇلىنىڭ قەلبىگە جۈزئى ئىختىيارىنىڭ سەرىپ قىلنىشى يەنى ئۆزى تاللىغاندىن كېيىن ئىلقا قىلغان يەنى قويغان بىر نۇردۇردېيىلگەندۇر. ئۇنداق بولسا ئىمان، ئەزەلى شەمىس بولغان ئاللاھنىڭ ئىنساننىڭ ۋىجدانىغا ئېھسان قىلغان بىر نۇر ۋە بىر شۇئا يەنى يۇرۇقلۇقتۇركى، ۋىجداننىڭ ئىچ يۈزىنى تامامەن نۇرلاندۇرىدۇ. ۋە بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن كائىنات بىلەن بىر ئۈنسىيەتدوسىتلۇق، بىر ئەمنىيەتئامانلىق ۋە خاتىرجەملىك پەيدا بولىدۇ. ھەم ھەممە نەرسىلەر بىلەن كەسبى مۇئارىپە يەنى ئىختىساسلىق شەكىلدە تۇنۇشىدۇ. ھەم ئىنساننىڭ قەلبىدە شۇنداق بىر مەنىۋى قۇۋۋەت ھاسىل بولىدۇكى، ئىنسان ئۇ قۇۋۋەت ئارقىلىق ھەرقانداق مۇسىبەتكە، ھەرقانداق ھادىسىگە قارشى بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ھەم شۇنداق بىر ۋۇسئەتكەڭ كۇشادىلىك ۋە ئازادىلىك بىرىدۇكى، ئىنسان ئۇ ئازادىلىك بىلەن ئۆتكەن زامان ۋە كىلەچەك زامانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدۇ يەنى يۇتىېۋىتىدۇ.

  ئىمان، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ تەبلىغ قىلغان دىنى زۈرۈرەتلەرنى تەپسىلاتلىق ھالدە، زۈرۈرىيەتنىڭ غەيرىسىنى يەنى سىرتىدىكىلىرىنى يىغىنچاق تەستىق قىلىشتىن ھاسىل بولغان بىر نۇردۇر. ئىشارەتۇل ئىجاز،(41) ؛

  ئىمان ئىنساننى سانىي زۇلجەلالىغا نىسبەت يەنى باغلايدۇ.ئىمان بىرئىنتىساپتۇر يەنى بىر باغلىنىشتۇر.

  ئىمان شۇنداق بىر نۇردۇركى، ئىنساننى نۇرلاندۇرىدۇ. ئۈستىدە يېزىلغان پۈتۈن ئىلاھىي خەتلەرنى ئوقۇتىدۇ. شۇنداقلا ئالەمنىمۇ نۇرلاندۇرىدۇ. ئۆتكەن ۋە كېلەچەك زاماننى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرىدۇ.

  ئىمان ھەم نۇردۇر، ھەم قۇۋۋەتتۇر. شۇنداق، ھەقىقىي ئىماننى قولىغا ئالالىغان كىشى كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە قارشى چىقالايدۇ ۋە ئىماننىڭ قۇۋۋىتىگە قارىتا ھادىسىلەرنىڭ بېسىملىرىدىن قۇتۇلالايدۇ. «تەۋەككەلتۇ ئەلاللاھ» (ﷲغا تەۋەككۇل قىلدىم) دەپ ھايات كېمىسىدە مۇستەھكەم ئىشەنچ بىلەن ھادىسىلەرنىڭ تاغدەك دولقۇنلىرى ئىچىدە سەيلە قىلىدۇ. بارلىق ئېغىرلىقلىرىنى چەكسىز قۇدرەت ئىگىسى بولغان ﷲنىڭ قۇدرەت قولىغا ئامانەت قىلىدۇ. راھەت بىلەن دۇنيادىن ئۆتىدۇ. قەبىر ئالىمىدە ئارام ئالىدۇ. كېيىن ئەبەدىي سائادەتكە كىرىش ئۈچۈن جەننەتكە ئۇچالايدۇ.

  دېمەك ئىمان تەۋھىدنى، تەۋھىد تەسلىمنى، تەسلىم تەۋەككۈلنى، تەۋەككۈل ئىككى دۇنيا سائادىتىنى نەتىجە بېرىدۇ.

  ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىدۇ، ھەتتا ئىنساننى سۇلتان قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئىنساننىڭ ھەقىقىي ۋەزىپىسى ئىمان ۋە دۇئادۇر.

  دېمەك، ئىنسان بۇ ئالەمگە ئىلىم ۋە دۇئا ۋاستىسى ئارقىلىق مۇكەممەللىشىش ئۈچۈن كەلگەندۇر. ماھىيەت ۋە قابىلىيەت ئېتىبارى بويىچە ھەر نەرسە ئىلىمگە باغلىق بولۇپ، بارلىق ھەقىقىي ئىلىملەرنىڭ ئاساسى، بۇلىقى، نۇرى ۋە روھى مەرىفەتۇللاھتۇر.(ﷲنىڭ ئىسىمسۈپەتلىرىنى بىلىشتۇر.) ئۇنىڭمۇ ئاساسى ئۇلى ﷲقا ئىماندۇر.

  ئىمان دۇئانى ئۆزىگە قەتئىي بىر ۋاستە سۈپىتىدە تەلەپ قىلىدىغانلىقى ۋە ئىنساننىڭ يارىتىلىشى دۇئانى شىددەت بىلەن خالىغىنىدەك، جانابى ھەقمۇ «دۇئايىڭلار بولمىسا نېمە ئەھمىيىتىڭلار بار؟» مەنىسىدە ﴿قُلْ مَا يَعْبَؤُا بِكُمْ رَبِّى لَوْلاَ دُعَاؤُكُمْ(فۇرقان:77) دەپ پەرمان قىلىدۇ. ھەم ﴿اُدْعُونِى اَسْتَجِبْ لَكُمْ (مۇئمىن:60) دەپ ئەمىر قىلىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.