ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىش-سۈننەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىش-سۈننەت يولى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

  تۆتىنچى نۇكتە: بىر چاغلار ئۆلۈم بىلەن باغلىنىشتىن ۋە ﴿اَلْمَوْتُ حَقٌّ﴾(ئۆلۈم ھەق) ھۆكۈمىنى تەستىق قىلىشتىن ۋە ئالەمنىڭ زاۋالى ۋە يوقىلىشىدىن كەلگەن بىر روھىي ھالەتتىن ئۆزۈمنى ئاجايىپ بىر ئالەمدە كۆردۈم. ئۆزۈمنى بىر مۇردا(ئۆلۈك) ھالىتىدە ئۈچ ئالاھىدە چوڭ مىيىتنىڭ بېشىدا تۇرغاندەك ھېس قىلدىم.

  بىرىسى: مېنىڭ ھاياتىم بىلەن ئالاقىدار ۋە ئۆتكەن زامان قەبرىسىگە كىرگەن بارلىق جانلىق مەخلۇقاتنىڭ مەنىۋى مۇردىسى بېشىدا بىر مازار تېشى ھۆكمىدە ئىكەنمەن.

  ئىككىنچىسى: يەر شارى مازارىستانىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتى بىلەن ئالاقىدار پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆتكەن زامان مازارىغا دەپنە قىلىنغان چوڭ مۇردىسىنىڭ بېشىدا مازار تېشى ھۆكمىدىكى بۇ ئەسىرنىڭ يۈزىدە تېزلا ئۆچۈپ كېتىدىغان بىر چېكىت ۋە تېزلا ئۆلۈپ كېتىدىغان بىر چۆمۈلە ئىكەنمەن.

  ئۈچىنچىسى: شۇ كائىناتنىڭ قىيامەت ۋاقتىدا ئۆلىشى، چوقۇم يۈز بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، نەزىرىمدە يۈز بېرىپ بولغاندەك كۆرۈندى. ئۇ چوڭ مۇردىنىڭ سەكراتىدىن، دەھشەتلىك ۋاپاتىدىن ھەيرانلىق ۋە ئالاقىزادىلىك ئىچىدە ئۆزۈمنى كۆرۈش بىلەن بىللە، كەلگۈسىدە چوقۇم بولىدىغان ۋاپاتىم دەل ئۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىۋاتقاندەك كۆرۈندى ۋە ﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا﴾ (ئاخىرىغىچە)… سىرى بىلەن: پۈتۈن مەۋجۇدات، پۈتۈن مەھبۇبات(سۆيۈلگۈچىلەر)، مېنىڭ ۋاپاتىم بىلەن مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مېنى يالغۇز تاشلاپ كەتتى. چەكسىز بىر دېڭىز سۈرىتىنى ئالغان ئەبەد تەرىپىدىكى كەلگۈسىگە روھىم ھەيدىلىۋاتاتتى. ئۇ دېڭىزغا مەن خالاي، خالىماي بەرىبىر تاشلىنىشقا دۇچ كىلىۋاتاتتىم.

  بەك ئاجايىپ ۋە غەمگە پاتۇرىدىغان ئۇ ھالەتتە، ئىمان ۋە قۇرئاندىن كەلگەن بىر مەدەت بىلەن

  ﴿فَاِنْ تَوَلَّوْا فَقُلْ حَسْبِىَ اللّٰهُ لاَ اِلهَ اِلاَّ هُوَ عَلَيْهِ تَوَكَّلْتُ وَهُوَ رَبُّ الْعَرْشِ الْعَظِيمِ﴾

ئايىتى ياردەمگە كەلدى ۋە ئىنتايىن خاتىرجەم ۋە ساغلام بىر كېمە ھۆكمىگە ئۆتتى. روھ پۈتۈنلەي ئەمىن ۋە خۇشال ھالەتتە ئۇ ئايەتنىڭ ئىچىگە كىردى. چۈشەندىمكى، ئايەتنىڭ ئوچۇق مەنىسىدىن باشقا بىر ئىشارىي مەنىسى ماڭا تەسەللى بەردىكى، قەلبىمگە راھەت بېغىشلىدى، خاتىرجەملىككە ئىرىشتىم. ئوچۇق مەنىسى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامغا دەيدۇ: «ئەگەر ئەھلى زالالەت سېنىڭ شەرىئەت ۋە سۈننىتىڭدىن يۈز ئۆرۈپ قۇرئاننى تېڭشىمىسا غەم قىلما! ۋە دېگىنكى: جانابى ﷲماڭا يېتەرلىكتۇر. ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىلىمەن. ئۇ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئەگىشىدىغانلارنى يىتىشتۈرۈپ بىرىدۇ. ھەر نەرسە ئۇنىڭ سەلتەنىتى ئاستىدىدۇر. ئاسىيلارمۇ سەلتەنەت چېگرىسىدىن قاچالمايدۇ، ياردەم خالىغانلارمۇ مەدەتسىز قالمايدۇ». ئىشارىي مەنىسى بىلەن دەيدۇكى: «ئەي ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ رەئىسى ۋە مۇرشىدى! ئەگەر پۈتۈن مەۋجۇدات سېنى تاشلاپ يوقلۇق يولىدا ھالاكەتكە كەتسە، ئەگەر جانلىقلار سەندىن ئايرىلىپ ئۆلۈم يولىغا يۈگۈرسە، ئەگەر ئىنسانلار سېنى تەرك ئېتىپ مازارىستانغا كىرسە، ئەگەر ئەھلى غەپلەت ۋە ئازغۇنلار سېنى تېڭشىماي زۇلمەتكە چۈشسە، غەم قىلما! دېگىنكى: جانابى ﷲ ماڭا يېتەرلىكتۇر. ئۇ بار، ئۇنداقتا ھەر نەرسە بار. ئۇ ھالدا، ئۇ كەتكەنلەر يوقلۇققا كەتمىدى، ئۇنىڭ باشقا مەملىكىتىگە كېتىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىلىگە ئۇ ئەرشى ئەئزەم ساھىبى، ھېساپسىز ئەسكەرلىرىدىن باشقىلىرىنى ئەۋەتىدۇ. مازارىستانغا كەتكەنلەر ھالاك بولۇشمىدى، باشقا ئالەمگە كېتىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بەدىلىگە باشقا ۋەزىپىدارلارنى ئەۋەتىدۇ. ئازغۇنلۇققا چۈشكەنلەرگە بەدەل، ھەق يولىغا ئەگەشكەن دىندار قۇللارنى ئەۋەتەلەيدۇ. ئۇنداق بولغانىكەن، ئۇ ھەر نەرسىگە بەدەلدۇر. پۈتۈن شەيئىلەر ئۇنىڭ بىر ئىلتىپاتىغا بەدەل بولالمايدۇدەيدۇ.

  دېمەك، شۇ ئىشارىي مەنە ۋاستىسى بىلەن، ماڭا دەھشەت بەرگەن ئۈچ قورقۇنچلۇق مۇردا باشقا شەكىل ئالدى. يەنى، ھەم ھەكىم، ھەم رەھىيم، ھەم ئادىل، ھەم قادىر بىر زاتى زۇلجالالنىڭ باشقۇرۇشى ۋە رۇبۇبىيىتى ئاستىدا، ھېكمەت ۋە رەھمىتى ئىچىدە، ھېكمەتلىك بىر سەيران(كېزىش)، ئىبرەتلىك بىر جەۋلان، ۋەزىپىدار بىر ساياھەت سۈرىتىدە بىر سەيلىساياھەتتۇر. بىر بوشىتىش ۋە ۋەزىپىلەندۈرۈشتۇركى، ئالەم شۇنداق دولقۇنلىنىۋاتىدۇ، كېلىۋاتىدۇ، كېتىۋاتىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.