ئەي ئاياللار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! پەقەتلا مۇشۇنداق قىلىش بىلەن نۇمۇسىڭلارنى ۋە ئىپپىتىڭلارنى مۇھاپىزەت قىلالايسىلەر

ئەي ئاياللار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! پەقەتلا مۇشۇنداق قىلىش بىلەن نۇمۇسىڭلارنى ۋە ئىپپىتىڭلارنى مۇھاپىزەت قىلالايسىلەر

ئەي ئاياللار ئۆيۈڭلارغا قايتىڭلار! پەقەتلا مۇشۇنداق قىلىش بىلەن نۇمۇسىڭلارنى ۋە ئىپپىتىڭلارنى مۇھاپىزەت قىلالايسىلەر!

وَقَرْنَ فِي بُيُوتِكُنَّ وَلَا تَبَرَّجْنَ تَبَرُّجَ الْجَاهِلِيَّةِ الْأُولَى وَأَقِمْنَ الصَّلَاةَ وَآتِينَ الزَّكَاةَ وَأَطِعْنَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ إِنَّمَا يُرِيدُ اللَّهُ لِيُذْهِبَ عَنكُمُ الرِّجْسَ أَهْلَ الْبَيْتِ وَيُطَهِّرَكُمْ تَطْهِيرًا﴿٣٣﴾

  ”ئەي ئاياللار ۋە ئىچىدە ئاياللار بولغان ئۆي ئەھلىساكىنلىرى! ئەگەر نۇمۇسىڭلارغا ۋە ئىپپىتىڭلارغا داغ چۈشىشىنى خالىمىساڭلار، دۇنيا ۋە ئاخىرەت سائادىتىگە نائىل بولىشىنى ئارزۇ قىلساڭلار، ئاللاھنىڭ سىزگە بۇ ئايەتتە(سۇرە ئەھزاب:33) ئەمىر قىلغان ئەدەپ ئۇسۇلىغا رىئايەت قىلىڭلار. ئۆيىڭلاردىن چىقماڭلار، پەقەتلا مۇشۇنداق قىلىشىڭلار بىلەنلا، ئىپپىتىڭلارنى مۇھاپىزەت قىلالايسىلەر. بولمىسا، ئېھتىياج يوق تۇرسىمۇ ۋە ئۆزەڭلارنى بىزەپ كىيىمئەلبىسە بىلەن سىرىتقا چىقساڭلار ۋە ئېرىڭلارمۇ بۇنىڭغا تۇسقۇنلۇق قىلمىسا، سىلەرنىڭ بۇ گۇناھىڭلارغا ئىشتىراك قىلسا، ئارتۇق ئارنۇمۇسىڭلار سىلەردىن كۆتۈرىلىپ كىتىدۇ، ئەخلاقىڭلار چۈكۈش بىلەن بىرگە ھەدىس شەرىپلەرنىڭ ئىپادىسى بىلەن ئەركەكلىرىڭلارمۇ ”دەييۈس‘‘ ئۈنۋانى شەرمەندسىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.

ئايال كىشىنىڭ تەسەتتۈرى ھىجابى« مانتو(ئايالچە پەلتۇ)، پەردەسۈ(پىلاشى) » ئەمەس بەلكى پۈركەنجە چارشاپىدۇر(چارشاپباشتىن تا ئاياققىچە بىر پارچە رەخىت ئۆرتىسى).

ئۇستاد بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى ھەزرەتلىرى،ئەھلى سۈننەت ۋە ئەھلى سۈننەت بولمىغان(مۇئتەزىلەر، شىئە ۋە باشقىلىرىدەك) مەزھەپلەرنىڭمۇ ئىتتىپاق قىلىپ «شەرىئەتكە ئۇيغۇن تەسەتتۈرچارشاپ»نىڭ پەرىز ئىكەنلىكىنى ھېكمەتلىرى بىلەن بىرگە ئەسەرلىرىدە ئىزاھ قىلغان ۋە ئىسپاتلىغان.

«مانتۇ(پەلتۇ) ۋە بېشىنى يۆگەيدىغان ياغلىقباش ئۆرتىسى»نى شەرئى تەسەتتۈر دەپ قوبۇل قىلمىغان ئۇستاد بەدىئۇززامان ھەزرەتلىرى، ئاياللارنىڭ «مانتۇ(پەلتۇكىيىپ، باش ئۆرتىسىياغلىق تاقىشى دەل ئەكىسچە تېخىمۇ ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان بىر ھالەتكە كىلىدىغانلىقىنى، ئەركىشىلەر توپلانغان يىغىلىش ۋە ئولتۇرۇشلارغا، سەمپوزىيۇم(مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە يىغىنى) ۋە كونفىرانىس(مەجىلىس)لەرگە قېتىلىشلىرىغا قەتئىييەن پەتىۋا بەرمىگەن. ھەرەملىك(ئاياللارغا مەخسىۇس ئايرىلغان بۆلۈم) ۋە سالاملىق(ئەرلەرگە مەخسۇس ئايرىلغان بۆلۈم)نى ئەمەلدىن قالدۇرمىغان. ئەكىسچە، ئاياللارنىڭ ئۆيلىرىدە قېلىشىنى، سىرىتقا چىققان ۋاقىتلىرىدا بولسا «شەرئى ھىجاپى بولغان چارشاپىنى كېيىپ ئورىنىشىنى مۇداپىيە قىلغان ۋە قۇرئاننىڭ بۇ پەرىز ھۆكىمىنى ئىسپات قىلغان


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.