ئەڭ ياخشى ياش ۋە ئەڭ ئەسكى قېرى

ئەڭ ياخشى ياش ۋە ئەڭ ئەسكى قېرى

يەتتىنچى سوئالىڭىز:

خَيْرُ شَبَابِكُمْ مَنْ تَشَبَّهَ بِكُهُولِكُمْ وَشَرُّ كُهُولِكُمْ مَنْ تَشَبَّهَ بِشَبَابِكُمْ

ھەدىسمىدۇر؟ بۇنىڭدىكى مەقسەت نېمىدۇر؟

  جاۋاب: ھەدىس دەپ ئاڭلىغانمەن. مەقسەت شۇدۇركى، «ئەڭ ياخشى ياش شۇدۇركى، ياشانغان كىشىلەردەك ئۆلۈمىنى ئويلىنىپ، ئاخىرىتى ئۈچۈن تىرىشىپ ياشلىق ھەۋەسلىرىگە ئەسىر بولماي، غەپلەتتە قالمىغان ياشتۇر. قېرىلارنىڭ ئەڭ ئەسكىسى شۇدۇركى، غەپلەت ۋە ھەۋەسلەردە ياشلارغا ئوخشىشىشنى خالاپ كىچىك بالىدەك ھاۋايى نەفىسلىرىگە ئەگەشكەندۇر

  سېنىڭ لەۋھەڭدە كۆرگەن ئىككىنچى پارچىنىڭ توغرا شەكلى تۆۋەندىكىچە بولۇپ، مەن كارۋىتىمنىڭ ئۈستىدە ئۇنى بىر ھىكمەت لەۋھەسى تەرزىدە ئېسىپ قويدۇم. ھەر ئەتىگەن ۋە ئاخشام ئۇنىڭغا قارايمەن، دەرسىمنى ئالىمەن:

   دوست خالىساڭ ﷲ يېتەر. شۇنداق، ئۇ دوست بولسا ھەممە نەرسە دوستتۇر.

   ھەمراھ خالىساڭ قۇرئان يېتەر. شۇنداق، ئۇنىڭدىكى پەيغەمبەرلەر ۋە پەرىشتىلەر بىلەن خىيالى جەھەتتىن كۆرۈشىدۇ ۋە ۋەقەلىرىنى كۆزىتىپ، ھوزۇر تاپىدۇ.

  مال خالىساڭ قانائەت يېتەر. شۇنداق، قانائەت قىلغان، ئىقتىسادچىل بولىدۇ. ئىقتىسادچىل بولغان بەرىكەت تاپىدۇ.

   دۈشمەن خالىساڭ نەفىس يېتەر. شۇنداق، نەفسىنى (ئۆزىنى) سۆيگەن بالايىئاپەت تېپىۋالىدۇ، زەخمەتكە چۈشىدۇ. نەفسىنى سۆيمىگەن راھەت تاپىدۇ، رەھمەتكە ئېرىشىدۇ.

   نەسىھەت خالىساڭ ئۆلۈم يېتەر. شۇنداق، ئۆلۈمنى ئويلانغان دۇنيا سۆيگۈسىدىن قۇتۇلىدۇ ۋە ئاخىرىتى ئۈچۈن ئەستايىدىل تىرىشىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.