ئۈچىنچى مىسال: بۇۋات غازىتىدا، يەنە بۇخارى، مۇسلىم باشتا، سەھىھ كىتابلار بايان قىلىدۇكى، ھەزرەتى جابىر شۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «نَادِ بِالْوُضُوءِ يەنى، تاھارەت ئېلىش ئۈچۈن چاقىر» دېدى. «سۇ يوق» دېيىلدى. رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام: «ئازراق سۇ كەلتۈرۈڭلار!» دېدى. ناھايىتى ئاز سۇ كەلتۈردۇق. ئاندىن ئۇ ئاز سۇ ئۈستىگە قولىنى يېپىپ بىر نەرسىلەرنى ئوقۇدى. نېمىلىكىنى بىلمىدىم. ئاندىن: رِدْنَا بِجَفْنَةِ الرَّكْبِ يەنى، «قوشۇننىڭ چوڭ ئىدىشىنى كەلتۈرۈڭلار!» دېدى. ماڭا ئېلىپ كېلىندى، مەن ئۇنى رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئالدىغا قويدۇم. ئۇ قولىنى ئىچىگە تىقىپ بارماقلىرىنى ئاچتى. مەن ئۇ ئاز سۇنى مۇبارەك قولى ئۈستىگە قۇيدۇم. كۆردۈمكى مۇبارەك بارماقلىرىدىن بۇلدۇقلاپ سۇ ئېقىۋاتاتتى. ئىدىش تولغاندىن كېيىن سۇغا مۇھتاج بولغانلارنى چاقىردىم، ھەممىسى كەلدى. ئۇ سۇدىن تاھارەت ئېلىپ، ئىچىشتى. مەن: «ئەمدى ئادەم قالمىدى.» دېدىم. قولىنى چىقاردى. ئۇ ئىدىش لىپمۇلىق پېتى قالدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ ئوچۇق مۆجىزىلىرى مەنەن تەۋاتۇردۇر. چۈنكى ھەزرەتى جابىر ئۇ ئىشتا باشتا بولغانلىقى ئۈچۈن، بىرىنچى سۆز ئۇنىڭ ھەققىدۇر. ئۇ ئومۇمنىڭ نامىدا ئېلان قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ چاغدا خىزمەت قىلغان ئادەم ئۇ زات ئىدى. ئېلان قىلىش، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ ھەققىدۇر. ئىبنى مەسئۇدمۇ ئۆز رىۋايىتىدە ئەينى شۇنىڭدەك دەيدۇكى: «مەن رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ بارماقلىرىدىن سۇنىڭ بۇلاقتەك ئاققانلىقىنى كۆردۈم.» ئەجەبا، سادىق ساھابىلەرنىڭ مەشھۇرلىرىدىن بولغان ئەنەس، جابىر، ئىبنى مەسئۇدتەك بىر جامائەت: «مەن كۆردۈم» دېسە، كۆرمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟ ئەمدى ئۇ ئۈچ مىسالنى بىرلەشتۈر، نەقەدەر ئوچۇق بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى كۆر! شۇ ئۈچ يول بىرلەشسە، ھەقىقىي تەۋاتۇر ھۆكمىدە بارماقلىرىدىن سۇ ئاققانلىقىنى قەتئىي ئىسپات قىلىدۇ.
ھەزرەتى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تاشتىن ئون ئىككى يەردە بۇلاقتەك سۇ چىقىرىشى، رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالامنىڭ ئون بارمىقىدىن ئون جۈمەكتەك سۇ ئېقىشىنىڭ دەرىجىسىگە چىقمايدۇ. چۈنكى تاشتىن سۇ چىقىشى مۇمكىندۇر، ئادىياتتا، يەنى يارىتىلىش قانۇنىيەتلىرى ئىچىدە مىسلى تېپىلىدۇ. ئەمما گۆش ۋە سۆڭەكتىن ئابى كەۋسەردەك سۇنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنىڭ ئوخشىشى ئادىيات ئىچىدە يوقتۇر