بىسمىللاھ ھەققىدە ئاۋازلىق ئەسەر

بىسمىللاھ ھەققىدە ئاۋازلىق ئەسەر

ئەي بۇرادەر! مەندىن بىر قانچە نەسىھەت خالىدىڭ. سەن بىر ئەسكەر بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ئەسكەرلىككە ئائىت تەمسىللەر بايان قىلىنغان سەككىز كىچىك ھىكايە ئارقىلىق چۈشۈندۈرۈلگەن بىر قانچە ھەقىقەتنى نەفسىم بىلەن بىللە ئاڭلا. چۈنكى مەن نەفسىمنى ھەر كىمدىن زىيادە نەسىھەتكە مۇھتاج كۆرىمەن. ئۆز ۋاقتىدا مەن سەككىز ئايەتتىن پايدىلىنىپ چىقارغان «سەككىز سۆز»نى ئۇزۇنراق قىلىپ نەفسىمگە دىگەن ئىدىم، ھازىر ئىخچام شەكىلدە ۋە ئاۋام تىلى بىلەن نەفسىمگە دەيمەن، كىم خالىسا نەفسىم بىلەن بىللە ئاڭلىسۇن.

بِسْمِ اللّٰهِ الرَّحْمٰنِ الرَّحِيمِ
وَ بِهِ نَسْتَعِينُ
اَلْحَمْدُ لِلّٰهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ وَالصَّلاَةُ وَالسَّلاَمُ عَلٰى سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ وَ عَلٰى اٰلِهِ وَ صَحْبِهِ اَجْمَعِينَ

بىرىنچى سۆز

   بىسمىللاھ ھەر خەيىرنىڭ بېشىدۇر، بىزمۇ باشتا ئۇنىڭ بىلەن باشلايمىز. بىل ئەي نەفسىم! شۇ مۇبارەك كەلىمە ئىسلامنىڭ ئالامەتلىرىدىن بولغىنىدەك، پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ئەھۋال تىللىرى بىلەن قىلىپ تۇرىدىغان زىكرىدۇر. «بىسمىللاھ»نىڭ نە قەدەر تۈگىمەس بىر قۇۋۋەت، نە قەدەر پۈتمەس بىر بەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلىشنى خالىساڭ، شۇ مىسالىي كىچىك ھىكايىگە قارا، ئاڭلا:

  بەدەۋى ئەرەپ چۆللىرىگە ساياھەتكە چىققان كىشى قاراقچىلارنىڭ زىيان سېلىشىدىن قۇتۇلۇپ، ھاجەتلىرىنى تەمىنلىيەلىشى ئۈچۈن بىر قەبىلە رەئىسىنىڭ ئىسمىنى ئېلىشى ۋە ھىمايىسى ئاستىغا كىرىشى كېرەك، بولمىسا ئۆزى يالغۇز چەكسىز دۈشمەن ۋە ئىھتىياجلىرىغا مۇقابىل پەرىشان ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر ساياھەت ئۈچۈن ئىككى كىشى چۆلگە چىقىدۇ، ئۇلاردىن بىرى كىچىك پېئىل ئىدى، يەنە بىرى بولسا تەكەببۇر… كىچىك پېئىل بولغىنى بىر رەئىسنىڭ ئىسمىنى ئالدى، تەكەببۇر بولغىنى ئالمىدى… ئالغىنى ھەر يەرنى ساقسالامەت كەزدى. يولكېسەرگە دۇچ كەلسە «مەن پالانى رەئىسنىڭ ئىسمى بىلەن كېتىپبارىمەن» دەيدۇ. قاراقچى چېقىلالماي ئۇزاقلىشىدۇ، بىر چېدىرغا كىرسە شۇ نام بىلەن ھۆرمەتلىنىدۇ. ھېلىقى تەكەببۇر بولغىنى بولسا، پۈتۈن ساياھىتىدە تەرىپ قىلغۇسىز بالالارنى چېكىدۇكى، دائىم تىترەيدۇ، دائىم تىلەمچىلىك قىلىدۇ. ھەم خور ھەم رەزىل بولىدۇ.

   شۇنداق، ئەي تەكەببۇر نەفسىم! سەن شۇ ساياھەتچىسەن، شۇ دۇنيا بولسا بىر چۆلدۇر. ئاجىزلىقىڭ ۋە موھتاجلىقىڭ چەكسىزدۇر ۋە تۈگىمەس دۈشمىنىڭ ۋە ھاجەتلىرىڭ بار. شۇڭلاشقا پۈتۈن كائىناتتىكى ھەممە نەرسىگە تىلەمچى بولۇپ قالماسلىقىڭ ۋە ھەر ھادىسىنىڭ قارشىسىدا تىترەشتىن قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن، شۇ چۆلنىڭ ئەبەدى مالىكى ۋە ئەزەلى ھاكىمى بولغان اﷲنىڭ ئىسمىنى ئېلىپ يۈر.

  دۇرست، بۇ كەلىمە شۇنداق بىر مۇبارەك خەزىنىدۇركى، سېنڭ (اﷲ ئالدىدا ھېس قىلغان) چەكسىز ئاجىزلىقىڭ ۋە موھتاجلىقىڭ، سېنى چەكسىز قۇدرەتكە ۋە رەھمەتكە باغلاپ، قادىرى رەھىم بولغان اﷲنىڭ دەرگاھىدا ئاجىزلىقنى، موھتاجلىقنى ئەڭ مەقبۇل شاپائەتچى قىلىدۇ. شۇنداق، ئۇ كەلىمە بىلەن ھەرىكەت قىلغان ئادەم، ئەسكەرلىككە ئېلىنغان كىشىگە ئوخشاش بولۇپ، دۆلەت نامىدىن ھەرىكەت قىلىدۇ، ھىچكىمگە پەرۋا قىلمايدۇ. «قانۇن نامىدىن، دۆلەت نامىدىن» دەيدۇ ۋە ھەر ئىشنى قىلىدۇ، ھەر قانداق ئىشقا تاقابىل تۇرالايدۇ.

   باشتا پۈتۈن مەۋجۇدات ئەھۋال تىلى بىلەن «بىسمىللاھ» دەيدۇ دىگەنىدۇق، شۇنداقمۇ؟
شۇنداق، مىسال، بىر كىشى كېلىپ، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنى مەجبۇرى ھالدا بىر يەرگە ھەيدەپ ئولارنى ئىشقا سالسا، سەن ناھايىتى ئوچۇق ھالدا چۈشىنىسەنكى ئۇ كىشى ئۆز نامىدىن ۋە ئۆز قۇۋۋىتى بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتمايدۇ، بەلكى ئۇ بىر ئەسكەر بولۇپ، دۆلەت نامىدىن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ ۋە بىر پادىشاھنىڭ قۇۋۋىتىگە تايىنىۋاتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ھەر قانداق شەيئى جانابى اﷲ نامىدىن ھەرىكەت قىلىدۇ، زەررىچىلىك ئۇرۇقلار باشلىرىدا يوغان دەرەخلەرنى، تاغدەك يۈكلەرنى كۆتۈرىدۇ. ھەر بىر دەرەخ «بىسمىللاھ» دەيدۇ ۋە رەھمەت خەزىنىسىنىڭ مېۋىلىرىدىن قوللىرىنى تولدۇرۇپ، بىزلەرگە باققاللىق قىلىدۇ. ھەر بىر باغ «بىسمىللاھ» دەيدۇ، گويا اﷲنىڭ قۇدرەت ئاشخانىسىدىكى بىر قازان بولۇپ، ئىچىدە خىلمۇخىل لەززەتلىك تائاملار بىللە پىشىرىلىدۇ. ھەر بىر كالا، تۆگە، قوي، ۋە ئۆچكىدەك مۇبارەك ھايۋانلار «بىسمىللاھ» دەيدۇ، اﷲنىڭ رەھمەت فەيزىدىن بىر سۈت بۇلىقى بولۇپ بىزلەرگە رەززاق نامىدىن ئەڭ ئېسىل ۋە پاك، ئابى ھاياتتەك بىر غىزانى تەقدىم قىلىشىدۇ. ھەر بىر ئۆسۈملۈك، دەرەخ، ۋە ئوتچۆپلەرنىڭ يىپەكتەك يۇمۇران يىلتىزلىرى «بىسمىللاھ» دەيدۇ، قاتتىق تاش ۋە تۇپراقلارنى تىشىپ ئۆتىدۇ. «اﷲ نامى بىلەن، رەھمان نامى بىلەن» دەيدۇ، ھەر نەرسە ئۇنىڭغا باش ئىگىدۇ. شۇنداق، شاخلارنىڭ ھاۋادا يىيىلىپ ئۆسۈشى ۋە مېۋە بېرىشىگە ئوخشاش، ئۇ قاتتىق تاش ۋە تۇپراقتىمۇ يىلتىزلارنىڭ ئىنتايىن ئوڭايلىق بىلەن يېيىلىشى ۋە يەر ئاستىدا مېۋە بېرىشى… ھەم ناھايىتى ئىسسىق ۋاقىتلاردىمۇ نازۇك، يېشىل يۇپۇرماقلارنىڭ ئايلارچە ھۆل پېتى قىلىشى، تەبىئەتچىلەرنىڭ ئاغزىغا شىددەتلىك كاچات ئۇرىدۇ. كور كۆزلىرىگە بارماقلىرىنى تىقىدۇ ۋە دەيدۇ: سەن ئەڭ ئىشەنگەن قاتتىقلىق ۋە ئىسسىقلىقمۇ ئەمىر ئاستىدا ھەرىكەت قىلىدۇكى، ئۇ يىپەكتەك يۇمشاق يىلتىزلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاسىسىدەك

فَقُلْنَا اضْرِبْ بِعَصَاكَ الْحَجَرَ

ئەمرىگە بويسۇنۇپ تاشلارنى پارچىلايدۇ.تاماكا قەغىزىدەك نىپىز، نازۇك يۇپۇرماقلار خۇددى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزالىرىدەك ئوت چاچقان ئىسسىقلىققا قارشى

يَا نَارُ كُونِى بَرْدًا وَ سَلاَمًا

ئايىتىنى ئوقۇيدۇ.

   دېمەك، ھەر نەرسە مەنىۋى جەھەتتىن «بىسمىللاھ» دەيدۇ. اﷲ نامى بىلەن اﷲنىڭ نىمەتلىرىنى ئېلىپ كىلىپ بىزگە بېرىدۇ. بىزمۇ «بىسمىللاھ» دەپ اﷲ نامىدىن بېرىشىمىز، اﷲ نامىدىن ئېلىشىمىز لازىم. ئۇنداقتا، اﷲ نامى بىلەن بەرمىگەن غاپىل ئىنسانلاردىن ئالماسلىقىمىز لازىم.

   سۇئال: باققال ھۆكمىدىكى ئىنسانلارغا بىز بىر ھەق بېرىمىز، ئەجىبا مالنىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان اﷲ بىزدىن قانداق ھەق تەلەپ قىلىدۇ؟
   جاۋاپ: شۇنداق، ئۇ ھەقىقى نىئمەت بەرگۈچى بولغان اﷲ، ئۇ قىممەتلىك نىئمەتلەر ۋە ماللار ئۈچۈن بىزدىن تەلەپ قىلىدىغان ھەق بولسا ئۈچ نەرسىدۇر. بىرى زىكىر، بىرى شۈكۈر، بىرى پىكىر. باشتا «بىسمىللاھ» زىكىردۇر. ئاخىرىدا «ئەلھەمدۇلىللاھ»شۈكۈردۇر. ئوتتۇرىدا، ئۇ قىممەتلىك ۋە ھەيران قالارلىق سەنئەت ئەسەرلىرى بولغان نىئمەتلەر، ئەھەدى سەمەد بولغان اﷲنىڭ قۇدرەت مۆجىزىسى ۋە رەھمەت ھەدىيەسى ئىكەنلىگىنى ئويلاش ۋە چۈشىنىش پىكىردۇر. بىر پادىشاھنىڭ قىممەتلىك ھەدىيەسىنى ساڭا ئېلىپ كەلگەن بىر مىسكىن ئادەمنىڭ پۇتىنى سۆيۈپ، ھەدىيە ئىگىسى بولغان پادىشاھنى تونىماسلىق نەقەدەر ئەخمەقلىق بولسا، شۇنىڭغا ئوخشاشلا كۆرىنىشتىكى نىئمەت بەرگۈچىلەرنى سۆيۈپ، ھەقىقى نىئمەت بەرگۈچى بولغان اﷲنى ئۇنۇتۇش ئۇنىڭدىن مىڭ ھەسسە ئارتۇق بىر ئەخمەقلىقتۇر.

   ئەي نەفسىم! شۇنىڭدەك ئەخمەق بولۇشنى خالىمىساڭ، اﷲ نامى بىلەن بەر، اﷲ نامى بىلەن ئال، اﷲ نامى بىلەن باشلا، اﷲ نامى بىلەن ئىشلە.

ۋەسسالام


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.