بۇ كائىنات فابرىكىسىغا قارىغان زات ئىنتايىن ياخشى قارايدۇ

بۇ كائىنات فابرىكىسىغا قارىغان زات ئىنتايىن ياخشى قارايدۇ

«قۇددۇس» (پاكئىسمىنىڭ بىر نۇكتەسىگە دائىردۇر.

بِسْمِ اللّهِ الرَّحْمنِ الرَّحِيمِ

﴿وَاْلاَرْضَ فَرَشْنَاهَا فَنِعْمَ الْمَاهِدُونَ (زارىيات :48)

ئايىتىنىڭ بىر نۇكتەسى ۋە بىر ئىسمى ئەزەم ياكى ئىسمى ئەزەمنىڭ ئالتە نۇرىدىن بىر نۇر بولغان «قۇددۇس» ئىسمىنىڭ بىر جىلۋىسى شابانى شەرىف ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئەسكىشەھىر تۈرمىسىدە ماڭا كۆرۈندى. ھەم ﷲنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى غايەت ئاشكارا ھەم ﷲنىڭ بىرلىكىنى غايەت ئوچۇق ھالدا كۆرسەتتى. كۆردۈمكى:

بۇ كائىنات ۋە بۇ يەرشارى دائىم ئىشلەيدىغان چوڭ بىر فابرىكا ۋە ھەر ۋاقىت تولۇپ بوشىلىدىغان بىر ئۆتەڭ، بىر مېھمانخانىدۇر. ھالبۇكى بۇنداق توختىماس فابرىكىلار، ئۆتەڭلەر ۋە مېھمانخانىلار ئەخلەتلەر، مەينەتچىلىك ۋە داشقاللار بىلەن كۆپ كىرلىنىدۇ، بۇلغىنىدۇ. سېسىق ماددىلار ھەر تەرەپتە يىغىلىپ قالىدۇ. ئەگەر ناھايىتى دىققەت بىلەن قارالمىسا، تازىلانمىسا، سۈپۈرۈپ پاكىزلانمىسا ئىچىدە تۇرغىلى بولمايدۇ، ئىنسان تۇنجىقىدۇ. ھالبۇكى، بۇ كائىنات فابرىكىسى ۋە بۇ يەرشارى مېھمانخانىسى ئۇ دەرىجە پاك، پاكىز ۋە گۈزەل، ھەمدە ئۇ قەدەر كىردىن، بۇلغىنىشتىن ۋە سېسىقچىلىقتىن خالىيدۇركى، كېرەكسىز بىر نەرسە، مەنپەئەتسىز بىر ماددا ياكى تاسادىپىي بىر مەينەتچىلىك تېپىلمايدۇ. كۆرۈنۈشتە بولسىمۇ، تېزدىن سۈپەت ئۆزگەرتىش «ماشىنىسى»غا تاشلىنىدۇ، تازىلىنىدۇ. دېمەك، بۇ فابرىكىغا قارىغان زات ئىنتايىن ياخشى قارايدۇ.

ۋە بۇ فابرىكىنىڭ پاكىزلىقنى سۆيىدىغان بىر ئىگىسى باركى، ئۇ چوڭ فابرىكىنى ۋە ئۇ چوڭ ساراينى كىچىڭ بىر ھۇجرىدەكلا سۈپۈرىدۇ، تازىلايدۇ، تەرتىپكە سالىدۇ ۋە پاكىزلايدۇ. ۋە ئۇ چوڭ فابرىكىنىڭ چوڭلۇقى نىسبىتىدە ئەخلەتلىرى ۋە داشقاللىرىدىن تاشلاندۇق ۋە كىر ماددىلار بولمايدۇ. بەلكى چوڭلۇقى نىسبىتىدە تازىلىقىغا ۋە پاكىزلىقىغا دىققەت قىلىنىدۇ. بىر ئىنسان بىر ئايدا يۇيۇنمىسا ياكى كىچىك ھۇجرىسىنى سۈپۈرمىسە بەك كىرلىنىدۇ ۋە مەينەت بولىدۇ. دېمەك، بۇ ئالەم سارىيىدىكى پاكلىق، پارلاقلىق، نۇرانىيلىق ۋە پاكىزلىق داۋاملىق بولىۋاتقان ھىكمەتلىك بىر تازىلاشتىن، دىققەتلىك بىر پاكىزلاشتىن مەيدانغا كەلگەندۇر. ئەگەر ئۇ دائىمىي تازىلاش، سۈپۈرۈش ۋە دىققەت بىلەن قاراشلار بولمىغان بولسا، بىر يىلدا پۈتۈن ھايۋاناتلارنىڭ يۈزمىڭ تۈرلۈك مىللەتلىرى زېمىن يۈزىدە تۇنجۇقاتتى.

ساماۋات بوشلۇقىدا، بۇزۇلۇش ۋە ئۆلۈمگە دۇچار بولغان پلانېتلارنىڭ ۋە ھەمراھلىرىنىڭ، ھەتتا يۇلتۇزلارنىڭ داشقاللىرى بىزنىڭ  بېشىمىزنى، ھايۋانلارنىڭ باشلىرىنى، ھەتتا يەرشارىنىڭ بېشىنى ۋە دۇنيايىمىزنىڭ بېشىنى يېرىۋىتەتتى. تاغلار چوڭلۇقىدىكى تاشلارنى بېشىمىزغا ياغدۇراتتى. ۋە بىزنى ۋەتىنىمىز بولغان بۇ دۇنيايىمىزدىن قاچۇراتتى. ھالبۇكى، قەدىمدىن بېرى ئۇ يۇقىرى تەبىقە ئالەملىرىدىكى بۇزۇلۇش ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ تەسىرىدە ئىبرەت ئۈچۈن، پەقەتلا بىر قانچە ساماۋى تاش چۈشكەن بولسىمۇ، ھېچكىمنىڭ بېشىنى يارمىغاندۇر.

ھەم زېمىننىڭ يۈزىدە ھەر يىلى ئۆلۈم ۋە ھاياتنىڭ ئالمىشىشلىرى، ئايلىنىشلىرى ۋە قارىشىلىشىشلىرى يۈزىسىدىن يۈزمىڭلارچە ھايۋانات مىللەتلىرىنىڭ جەسەتلىرى ۋە ئىككى يۈزمىڭ ئۆسۈملۈك تائىپىلىرىنىڭ قالدۇقلىرى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ يۈزلىرىنى پەۋقۇلئاددە شەكىلدە شۇنداق كىرلىتەتتىكى، ئىدراك ئىگىلىرى ئۇ يۈزلەرنى سۆيۈش، ئاشىق بولۇش ئەمەس، بەلكى، ئۇ يىرگىنچلىكتىن نەپرەت قىلىپ، ئۆلۈم ۋە يوقلۇققا قېچىشاتتى. بىر قۇش ناھايىتى قولاي ھالدا قاناتلىرىنى، بىر كاتىپ راھەت ھالدا سەھىپىلرىنى تازىلىغىنىدەك، بۇ يەرشارى ئايروپىلانىنىڭ، بۇ ساماۋى قۇشلارنىڭ قاناتلىرى ۋە بۇ كائىنات كىتابىنىڭ سەھىپىلىرىمۇ شۇنداق تازىلىنىدۇ ۋە گۈزەللىشىدۇكى، ئاخىرەتنىڭ چەكسىز گۈزەللىكىنى كۆرمىگەن ۋە ئىمان بىلەن ئويلانمىغان ئىنسانلار دۇنيانىڭ بۇ دەرىجە پاكىزلىقىغا، بۇ گۈزەللىكىگە ئاشىق بولۇشىدۇ، مەپتۇن بولۇشىدۇ.

دېمەك، بۇ ئالەم سارىيى، بۇ كائىنات فابرىكىسى قۇددۇس ئىسمىنىڭ بۈيۈك جىلۋىسىگە ئىگىدۇركى، ئۇ مۇقەددەس تازىلىغۇچىدىن كەلگەن ئەمىرلەرنى پەقەتلا دېڭىزلارنىڭ گۆشخور تازىلىغۇچىلىرى ۋە قۇرۇقلۇقنىڭ بۈركۈتلىرى ئەمەس بەلكى، قۇرتلار ۋە چۈمۈلىلەردەك جەسەت يىغىدىغان سەھىيە مۇلازىمەتچىلىرىمۇ ئاڭلايدۇ. بەلكى ئۇ مۇقەددەس تازىلاش ئەمىرلىرىنى بەدەندە ئېقىۋاتقان قاندىكى قىزىل قان ۋە ئاق قان دانچىلىرىمۇ ئاڭلاپ، بەدەننىڭ ھۈجەيرىلىرىدە تازىلاش ئېلىپ بارغىنىدەك، نەپەسمۇ ئۇ قاننى تازىلايدۇ، پاكلايدۇ. ھەم ئۇ ئەمىرنى كۆز قاپاقلىرى كۆزلەرنى تازىلاش ئۈچۈن، چىۋىنلەر قاناتلىرىنى سۈرتۈش ئۈچۈن ئاڭلىغىنىدەك، (ھەجىم جەھەتتىن) چوڭ بولغان ھاۋا ۋە بۇلۇتمۇ ئاڭلايدۇ.

ھاۋا زېمىن يۈزىگە قونغان توپاچاڭلاردەك ئەخلەتلەرنى پۈۋىلەيدۇ، تازىلايدۇ. بۇلۇتلار زېمىن باغچىلىرىغا سۇ سېپىدۇ ۋە چاڭتوزاننى بېسىقتۇرىدۇ. كېيىن، كۆك يۈزىنى كۆپ ۋاقىت كىر تۇتماسلىق ئۈچۈن ئەخلەتلەرنى يىغىپ مۇكەممەل ئىنتىزام بىلەن ئۆزىنى تارتىپ يوشۇرۇنىدۇ. كۆكنىڭ گۈزەل يۈزىنى ۋە كۆزىنى سۈرتۈلگەن ۋە سۈپۈرۈلگەن، پالىلداپ پارقىرىغان شەكىلدە كۆرسىتىدۇ. يەنە ئۇ تازىلاش ئەمىرلىرىنى يۇلتۇزلار، ئېلېمىنتلار، مەدەنلەر ۋە ئۆسۈملۈكلەر ئاڭلىغانلىقلىرىدەك پۈتۈن ئاتوملارمۇ ئاڭلايدۇكى، ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىش بورانلىرى ئىچىدە ئۇ ئاتوملار تازىلىققا دىققەت قىلىشىدۇ، بىر يەردە ئارتۇقچە يىغىلىۋالمايدۇ، قالايمىقانچىلىق شەكىللەندۈرمەيدۇ. مەينەت بولسا تېز تازىلىنىدۇ. ئەڭ پاكىز، ئەڭ تازا، ئەڭ پاك ۋە ئەڭ پارلاق ۋەزىيەتلەرنى، ئەڭ گۈزەل، ئەڭ ساپ، ئەڭ نازاكەتلىك سۈرەتلەرنى ئېلىش ئۈچۈن بىر ھىكمەت قولى تەرىپىدىن ھەرىكەتلەندۈرىلىدۇ.

مانا، پەقەتلا بۇ پېئىل (پائالىيەت)، يەنى، بىرلا تازىلىنىش ھەقىقىتى قۇددۇس ئىسمىدەك ئىسمى ئەزەمدىن جىلۋىلىنىپ، كائىناتنىڭ چوڭ دائىرىسىدە كۆرۈنگەن بىر يۈكسەك جىلۋىدۇركى، بىۋاستە ﷲنىڭ بارلىق ۋە بىرلىكىنى گۈزەل ئىسىملىرى بىلەن بىرگە قۇياش كەبى كەڭ ۋە دۇربۇندەك كۆزلەرگە كۆرسىتىدۇ.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.