تەسەتتۈر–ھىجاپنىڭ پەزىلەتلىرى قايسى؟
تەسەتتۈر–ھىجاپنىڭ پەزىلەتلىرى:
«ئۇلۇغ ئاللاھ، مۆئمىن خانىم، قىز-ئاياللارغا پۈتۈن بەدەنلىرىنى ۋە زىننەتلىرىنى يېپىپ، ئۆزلىرىگە نامەھرەم بولغان ئەر كىشىگە قارشى ھىجاپنى پەرىز قىلىش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشىنى خالىغان. بۇ شەكىلدە ئىبادەتنىڭ ئورۇندىلىشىغا ساۋاپ ۋە مۇكاپات تەيىن قىلىپ، تەرىك قىلىنغان بولسا جازا بېرىشنى بۇيرىغان. بۇ سەۋەپتىن، ھىجاپ ئەمرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، ئىنساننى ھالاك قىلىدىغان بۈيۈك گۇناھتىن ھېساپلىنىدۇ. باشقا بىر توپ گۇناھلارغا كىرىپ قېلىشقا سەۋەپ بولىدۇ. بەدەننىڭ ھەر قانداق بىر بۆلىمىنى قەستەن ئېچىش، زىننىتىنىڭ ھەر قانداق بىر قىسمىنى قەستەنلىك بىلەن كۆرسىتىش، نامەھرەم ئەركىشى بىلەن بىريەرگە كىلىپ ئارلىشىپ كۆرىشىش، باشقىلارنى فىتنىگە يولۇقتۇرۇش ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ھىجاپ ئەمرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى سەۋەپلىك ئوتتۇرىغا چىققان بەك كۆپ ئاپەتلەر بۇنىڭغا ئۆرنەك بولالايدۇ.»
ئۇنداقتا مۆئمىن خانىملارغا چۈشكەن ۋەزىپە، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە پەرىز قىلغان ھىجاپ، تەسەتتۈر، ئىپپەت ۋە ھايا ھەققىدىكى ئەمىرلىرىنى، ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىش ئارقىلىق قانداق دېيىلگەن بولسا شۇ بۇيىچە ئەگىشىپ: رىئايەت قىلىشتۇر.
جانابى ھەق شۇنداق بۇيرىغان:
وَمَا كَانَ لِمُؤْمِنٍ وَلَا مُؤْمِنَةٍ اِذَا قَضَى اللّهُ وَرَسُولُهُ اَمْرًا اَنْ يَكُونَ لَهُمُ الْخِيَرَةُ مِنْ اَمْرِهِمْ وَمَنْ يَعْصِ اللّهَ وَرَسُولَهُ فَقَدْ ضَلَّ ضَلَالًا مُبينًا
«ئاللاھ ۋە رەسۇلى بىر ئىشنى ھۆكۈمگە باغلىغاندا، ھېچبىر مۆئمىن ئەركەك ۋە ھېچبىر مۆئمىنە ئايالغا ئۇ ئىشلاردا ئۆزى خالىغاننى قىلىش ھەقلىرى يوقتۇر. كىم ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىسيان قىلسا، شۇبھەسىز ئوپئوچۇق زالالەتكە چۈشكەن بولىدۇ.(ئەھزاپ:36)»
ھەم ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ، ئاياللارغا تەسەتتۈرنى پەرىز قىلىشىنىڭ بەك كۆپ ھىكمەتلىرى، ئەزىم سىرلىرى، تەقدىرلەشكە شايان ئەخلاق–پەزىلەتلىرى ۋە بۈيۈك مەقسەت ۋە پايدا–مەنپەئەتلىرى باردۇر. بۇلارنىڭ بىر قىسمىنى تۆۋەندىكىدەك تەرتىپكە قويالايمىز:
1.ئىپپەت–نۇمۇسىنى قورۇيدۇ. ھىجاپ–ئىپپەت نۇمۇسىنى قورۇشنىڭ شەرئى بىر ھىمايىسىدۇر. شۈبھە، فىتنە ۋە پاساتقا سەۋەپ بولىدىغان خۇسۇسلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشىدۇر.
2. قەلبىنىڭ پاكىز–پاكلىقىنى ساقلايدۇ. ھىجاپ–مۆئمىن ئەركىشى ۋە خانىملارنىڭ قەلىبلىرىنىڭ پاكلىقىنى، تەقۋا بىلەن مەمۇر ھالەتكە كىلىشىنى، ھارام قىلىنغان خۇسۇس–تىمىلارغا قارشى لازىملىق ھۆرمەتنىڭ كۆرسىتىلىشىنى تەمىن قىلىدۇ.
نىتەكىم ئۇلۇغ ئاللاھ:
«بۇ ھەم سىزنىڭ قەلبىڭىز ئۈچۈن، ھەم ئۇلارنىڭ قەلىپلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پاكىزدۇر.»(ئەھزاپ:35) پەرمانى بىلەن بۇنى تىلغا ئالغاندۇر.
3. يۈكسەك ئەخلاقى قىممەتلەرگە ساھىپ بولىشنى تەمىنلەيدۇ. ھىجاپ – ئىپپەت، ئىھتىشام، ھايا ۋە غەيرەتچانلىققا ئوخشاش يۈكسەك ئەخلاقى قىممەتكە ساھىپ بولىشنى تەمىن قىلىدۇ. يېپىلىشى كېرەك بولغان يەرلىرىنىڭ ئۇچۇق–يالىڭاچ قېلىشىغا، پەس بىر دەرىجىگە چۈشۈپ قېلىشىغا، فىتنە–پاساتقا بېرىلىپ كېتىشىگە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ناچار ئەھۋاللار بىلەن كىرلىنىپ كېتىشىگە قارشى ئاياللارنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
4. ئىپپەتلىك خانىملارنىڭ ئالامىتى ھېساپلىنىدۇ. ھىجاپ– ھۆر ۋە ئىپپەت ساھىبى خانىملار ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك ۋە شەرەپلىك ئىكەنلىكىگە؛ شۈبھە ۋە ئۇلار ھەققىدە شۈبھىلىك تۇيغۇسى بېرىپ قۇيىدىغان پاسكىنا ھالەتلەردىن پاك ئىكەنلىكىگە دائىر شەرئى بىر ئالامەتتۇر. «بۇ ئۇلارنىڭ تونۇلۇپ باشقىلار تەرىپىدىن چېقىلماسلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇيغۇندۇر.»(ئەھزاپ: 59) پەرمانى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئايرىم جەھەتتە، ھىجاپ– قەلپنىڭ پاكىز بولىشىغا، سىرىتتىن كۆرۈنىدىغان ئوچۇق بىر دەلىلدۇر.
شۈبھىسىز، ئىپپەت– ئايال كىشىنىڭ باش تاجىدۇر. ئىپپەت، ناۋادا بىر ئۆينىڭ ئۈستىدە قانات قاقسا، مۇتلەق ئۇ ئۆيدە ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىك بولىدۇ. بۇ يەردە ئەسكە ئېلىشقا تېگىشلىك بىر خۇسۇسمۇ شۇدۇركى: «شائىر ئەن نۇمەيرى، ھاججاجنىڭ يېنىدا ئۆزىنىڭ
” ئولار تەقۋالىقى تۈپەيلى بارماق ئۇچىلىرىنىمۇ ياپىدۇ ۋە تۈن قاراڭغۇلىقى ئىچىدە يېپىنچىلىرىغا يۆگىنىپ سىرىتقا چىقىدۇ “
دىگەن بېيتىنى ئوقۇغاندا، ھاججاج: ”مانا ھۆر مۇسلىمان ئايال مۇشۇنداق بولىدۇ“ دېگەنىكەن.»
5.باشقىلارنىڭ ئارزۇ–ئىستەكلىرىنىڭ دامىغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىنى يىلتىزىدىن كېسىدۇ. ھىجاپ– ھەر تۈرلۈك راھەتسىز–بىئارام قىلىشلارغا، ئەركىشى ۋە ئايال كىشىلەرنىڭ قەلىپلىرىدىكى كېسەللىكلەرگە قارشى ئىجتىمائى بىر قورۇغۇچى ھېساپلىنىدۇ. يامان ئىستەكلەرنىڭ ئۈزلىكسىز داۋاملىششىنى كېسىدۇ. خائىنلارچە قاراشلارنى توسىدۇ، ئەركىشىنىڭ ۋە ئايال كىشىنىڭ ئىپپەت–نۇمۇسىغا ۋە مەھرەملىرىگە دەخلى قىلىش ئىھتىماللىقى بولغان بىئارام قىلغۇچى ھەرقانداق نەرسىنى توسۇپ قايتۇرىدۇ. مۇھسان(نامۇسلۇق ۋە ئىپپەتلىك) خانىملارنىڭ ھاياسىزلىق بىلەن تۆھمەت چاپلىنىشىغا، ئۇلار ھەققىدە ناچار سۆزلەرنىڭ سۆزلىنىشىگە، شۈبھە ۋە تەرەددۈت قىلىشنىڭ باشلىنىشىغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەيتانى بىر توپ ۋەسۋەسىلەرگە قارشى مۇداپىئە قىلىپ قورۇغۇچى بىر ئىستىھكام ۋە قەلئەدۇر.
6. ھايانى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ’ھايا‘ كەلىمىسى ’ھايات‘ كەلىمىسىدىن ئېلىنغاندۇر. ھاياسىز ھايات بولمايدۇ. ھايا، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئۈستۈن ۋە شەرەپلىك قىلىشنى مۇرات قىلغان روھلاردا يەرلەشتۈرگەن بىر خۇيدۇر. بۇ خۇي، كىشىنى پەزىلەتلىك مۇئامىلىلەرنى قىلىشقا يېتەكلەيدۇ ۋە سۈپەتسىز ۋە پەس ھەرىكەتلىرىنى يوق قىلىدۇ. ھايا، ئىنساننىڭ خۇسۇسىيىتى. فىتراتىنىڭ بىر خىسلىتى ۋە ئىسلامنىڭ بىر ئەخلاقىدۇر. ھايا، ئىماننىڭ شۆبىلىرىدىن بىر شۆبىسىدۇر. ھايانىڭ تەسىرى بىلەن كىشى، پەزىلەتلەر بىلەن پەدازلىنىدۇ، يامانلىقلاردىن ئالا قويىدىغان بىر مۇھاپىزەتچى بىلەن يۆگىنىدۇ. ھايا–كىشى نەپسىنى ناچار ئەخلاققا چۈشۈپ قېلىشتىن توسىدۇ. ھايا–ئوچۇق سوچۇق يېرىم يالىڭاچ بولۇشنىڭ ۋە بادى كەلدىلەرنىڭ مۇسلىمانلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتىدا يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ھىجاپ بولسا، ھايانىڭ مۇھاپىزىتى ئۈچۈن ئەڭ تەسىرلىك بىر ۋاستىدۇر. ھىجاپنىڭ تاشلىنىشى بولسا ھايانىڭ تەرك قىلىنىشى دىگەنلىك بولىدۇ.
7. ھىجاپ – زىناغا ۋە ھەرنەرسىنى مۇباھ كۆرىدىغان ئىباھى ئېقىمىغا قارشى بىر ھىمايە قىلغۇچىدۇر.
8.ئايال كىشى بىر ئەۋرەتتۇر. ھىجاپ بولسا بۇ ئەۋرەتنى ياپىدىغان بىر ئىلمىنىت ھېساپلىنىدۇ. بۇ 8-مۇ تەقۋالىقتىن ئوتتۇرىغا چىققان. نىتەكىم ئۇلۇغ ئاللاھ شۇنداق بۇيرىغاندۇر:
« ئەي ئادەم ئوغۇللىرى، سىزگە ئەۋرەت يەرلىرىڭلارنى ياپىدىغان بىر لىباس بىلەن كىيىنىپ ياسىنىشىڭلار ئۈچۈن بىر ئەلبىسە(كېيىم) چۈشۈرۈپ بەردۇق. تەقۋادارلىق كىيىمىگە كەلسەك ئۇ تېخىمۇ خەيىرلىكىدۇر.» (ئەئراف:26)
ئابدۇراھمان بىن ئەسلەم(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)، بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە شۇلارنى دېگەن:”ئاللاھتىن قورقۇپ ئەۋرىتىنى يېپىشى، تەقۋادارلىق كىيىمىنىڭ دەل ئۆزىدۇر.“
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ شۇنداق دۇئا قىلغانلىقىى رىۋايەت قىلىنغاندۇر:«ئاللاھىم! ئەۋرەتلىرىمنى ياپ، قورقۇنچلىرىمنى خاتىرجەملىككە ئۆزگەرتىپ بەر.» بۇ ھەدىسنى ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان.
ئۇنداق بولسا، ئاللاھىم! بىزنىڭمۇ، مۆئمىنلەرنىڭ خانىملىرىنڭمۇ ئەۋرەتلىرىنى سەتر ئەيلە، ياپ! ئامىن.
9.ھىجاپ– غەيرەتنى(نۇمۇس ۋە ئىپپىتىنى كۈنلىشىنى) قورۇيدۇ.