تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل

تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل

(تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل ھەققىدە)

ئەزىز، سىددىق قېرىنداشلىرىم!

  بۇ كۈنلەردە قۇرئانى ھەكىمنىڭ نەزىرىدە ئىماندىن قالسا ئەڭ مۇھىم ئاساس تۇتىلىدىغان تەقۋا ۋە سالىھ ئەمەل ئاساسلىرىنى ئويلاندىم. تەقۋا، چەكلەنگەنلەردىن ۋە گۇناھلاردىن ئۆزىنى تارتماقتۇر. سالىھ ئەمەل بولسا، ئىلاھىي ئەمىر دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلماق ۋە خەير(ساۋاپ) قازانماقتۇر. ھەر زامان يامانلىقنى دەپئى قىلىش پايدا قازىنىشقا ئۇرۇنۇشتىن ئۈستۈن بولغىنىدەك، بۇ بۇزغۇنچىلىق، ساپاھەت ۋە جەزبىدار ھاۋايىھەۋەس زامانىدا، (تەقۋا،يەنى) بۇزۇق ئەمەللەرنى دەپئى قىلىش ۋە گۇناھلارنى تەرك قىلىش مەسىلىسى، مۇھىمنىڭ مۇھىمى بولۇپ، بەكمۇ چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.

  بۇ زاماندا، بۇزغۇنچىلىق ۋە مەنفى جەريانلار دەھشەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ بۇزغۇنچىلىقلارغا قارشى تەقۋا ئەڭ چوڭ ئاساستۇر. پەرزلەرنى ئادا قىلىپ چوڭ گۇناھلارنى قىلمىغان قۇتۇلىدۇ. بۇ زاماندىكى مۇنداق چوڭ گۇناھلار ئىچىدە تۇرۇپ سالىھ ئەمەللەرگە ئىخلاس بىلەن مۇۋەپپەق بولۇش ناھايىتى قىيىندۇر. ھەمدە ئاز بىر سالىھ ئەمەل بۇ ئېغىر شارائىت ئىچىدە كۆپ ھۆكمىدىدۇر. شۇنداقلا تەقۋا ئىچىدە بىر خىل سالىھ ئەمەل بار. چۈنكى بىر ھارامنىڭ تەرك قىلىنىشى ۋاجىپتۇر. بىر ۋاجىپنى قىلىشنىڭ كۆپلىگەن سۈننەتلەرنى قىلغاندەك ساۋابى بار. مىڭلارچە گۇناھ ھۇجۇم قىلىۋاتقان مۇنداق زامانلاردا ئاز بىر ئەمەل بىلەن، گۇناھلاردىن بىر (قېتىم) ئۆزىنى قاچۇرۇشتا، يۈزلەرچە گۇناھنىڭ تەرك قىلىنىشى ئارقىلىق، يۈزلەرچە ۋاجىپ قىلىنغان بولىدۇ. يەنى بۇ، نىيەت بىلەن، تەقۋا نامى بىلەن ۋە گۇناھلاردىن قېچىش مەقسىتى بىلەن مەنفى ئىبادەتتىن كەلگەن بەكمۇ مۇھىم بولغان سالىھ ئەمەل ھېساپلىنىدۇ. رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىنىڭ بۇ زاماندا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرى، بۇزغۇنچىلىقلارغا ۋە گۇناھلارغا قارشى تەقۋانى ئاساس تۇتۇش لازىمدۇر. ھەر مىنۇتتا ھازىرقى ئىجتىمائىي ھايات مۇھىتىدا يۈزلەرچە گۇناھ ئىنسانغا يۈزلىنىپ كېلىۋاتىدۇ، ئۇنداقتا ئەلۋەتتە تەقۋا بىلەن ۋە (گۇناھتىن) قېچىش نىيىتى بىلەن يۈزلەرچە سالىھ ئەمەل قىلىنغان بولىدۇ. مەلۇمدۇركى، بىر ئادەم بىر كۈندە خاراپ قىلغان بىر ساراينى يىگىرمە ئادەم يىگىرمە كۈندە قۇرالمايدۇ، ھەمدە ئۇ بىر ئادەمنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا قارشى يىگىرمە ئادەم تاقابىل تۇرۇپ، تىرىشىش لازىم تۇرسىمۇ، ھازىرقى مىڭلارچە بۇزغۇنچىلىقلارغا قارشى رىسالەئى نۇردەك بىر تۈزۈگۈچىنىڭ بۇ دەرىجە تاقابىل تۇرۇشى ۋە تەسىرى بەك ھەيران قالارلىقتۇر. ئەگەر بۇ ئىككى قارىمۇقارشى قۇۋۋەتلەر تەڭ سەۋىيەدە بولغان بولسا، ئۇنىڭ ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىدە مۆجىزىدەك مۇۋەپپىقىيەت ۋە غەلىبىلەر كۆرۈنگەن بولاتتى.

  جۈملىدىن، ئىجتىمائىي ھاياتنى ئىدارە قىلغان ئەڭ مۇھىم ئاساس بولغان ھۆرمەت ۋە مەرھەمەت بەكمۇ زېدىلەندى. بەزى يەرلەردە غايەت ئەلەملىك، ھەمدە بىچارە قېرىلار ۋە ئاتائانىلارنىڭ ئەھۋالى بويىچە دەھشەتلىك نەتىجىلەر بەرمەكتە. جانابى ﷲقا شۈكۈركى، رىسالەئى نۇر بۇ دەھشەتلىك بۇزغۇنچىلىققا قارىتا كىرگەن يەرلىرىدە تاقابىل تۇرىۋاتىدۇ، ئىسلاھ قىلىۋاتىدۇ. زۇلقەرنەيننىڭ سېپىلىنىڭ بۇزىلىشى بىلەن يەئجۇجمەئجۇجلارنىڭ دۇنيانى خاراپلىققا يۈزلەندۈرىشىدەك، شەرىئەتى مۇھەممەدىيە(ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) بولغان قۇرئان سېپىلىنىڭ زەئىپلىشىشى بىلەن، يەئجۇجمەئجۇجدىنمۇ دەھشەتلىك شەكىلدە، ئەخلاقتا ۋە ھاياتتا زۇلمەتلىك بىر ئانارخىزم ۋە زۇلۇملۇق بىر دىنسىزلىك بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلىماقتا.

  رىسالەئى نۇر شاگىرتلىرىنىڭ مۇنداق ھادىسە ۋە بۇ خىل شارائىتلاردىكى مەنىۋى جىھادلىرى، ئىنشائاللاھ ساھابە زامانىدىكىدەك، ئاز ئەمەل ئارقىلىق بەكمۇ كۆپ بولغان چوڭ ساۋاپلارنىڭ ۋە سالىھ ئەمەللەرنىڭ قازىنىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ………..

سەئىد نۇرسى


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.