وَهُمْ يَنْهَوْنَ عَنْهُ وَيَنْأَوْنَ عَنْهُ ۖ وَإِن يُهْلِكُونَ إِلَّا أَنفُسَهُمْ وَمَا يَشْعُرُونَ
[ئۇلار كىشىلەرنى قۇرئاندىن (ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىتىن) توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ(شۇئۇرسىزدۇر).]
[ئەنئام سۈرىسى، 26-ئايەت]
بىرى شۇئۇرلۇق(ئىمان بىلەن شەرەپلەنگەن، قۇرئانغا ۋە پەيغەمبەرگە–ئىستىقامەت بىلەن توغرا ئەگىشىشنى بىلىدىغان ۋە تىرىشىدىغان، ئۆزىگە ۋە باشقىسىغا بىلىپ تۇرۇپ زىيان يەتكۈزۈشتىن قاچىدىغان، دائىما مۇسۇلمانلارغا پايدىلىق بولۇشقا غەيرەت كۆرسىتىدىغان، زىيانلىق نەرسىلەرگە توسقۇن بولىدىغان، ئەبەدى ھالاكەتتىن ۋە ئۇنىڭغا سەۋەپ بولغۇچى ھەرقانداق ئىش ۋە ھەرىكەت–قىلمىشلاردىن قېچىپ، ئەبەدى جەننەتكە بېرىشنىڭ ئىدراكىنى ئۆزىدە ئېلىپ يۈرگەن، مۇئمىنلەر)؛
بىرى شۇئۇرسىز(قۇرئاننى ئىنكار قىلىدىغان، مۇقەددەس كىتاپتىن ئىنسانلارنى ۋاز كىچىشكە تىرشىدىغان ۋە ياكى توسقۇن بولىدىغان، ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ ئىمان بىلەن شەرەپلەنمىگەن، باتىل، يامان قىلمىشى ۋ ئىتىقادى بىلەن، مۇسۇلمانلارغا زىيان بىرىشكە تىرىشىدىغان، ۋەھالەنكى ئەمەل– قىلمىشلىرىنىڭ ئەبەدى ھالاكەتكە سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان دەرىجىدە ئەخمەق بولغان كاپىرلار)؛