جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشماسلىق كېرەك

جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشماسلىق كېرەك

 ھەق يولدا تېرىشقان ۋە كۈرەش قىلغانلار، پەقەت ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئويلاش لازىم تۇرسا، جانابى ھەققە (ﷲقا) ئائىت ۋەزىپىلەرنى ئويلىۋېلىپ، ھەرىكەتلىرىنى ئەشۇ پىكىرگە بىنائەن ئېلىپ بېرىپ خاتالىشىدۇ. «ئەدەبۇددىن ۋەددۇنيا» رىسالىسىدە باردۇركى، بىر چاغدا شەيتان ھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالامغا ئېتىراز قىلىپ دەپتۇكى: «ئەجەل ۋە ھەر ئىش ﷲنىڭ تەقدىرى بىلەن بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ئۆزۈڭنى بۇ ئېگىز يەردىن تاشلا، قانداق ئۆلىدىغانلىقىڭنى كۆرۈپ باقھەزرىتى ئىيسا ئەلەيھىسسالام دەپتۇكى: اِنَّ لِلّهَ اَنْ يَخْتَبِرَ عَبْدَهُ وَ لَيْسَ لِلْعَبْدِ اَنْ يَخْتَبِرَ رَبَّهُ  يەنى، «جانابى ھەق قۇلىنى تەجرىبە قىلىدۇ (سىنايدۇ) ۋە ‹سەن مۇنداق قىلساڭ، ساڭا مۇنداق قىلىمەن. سەن بۇنى قىلالامسەن قېنى كۆرۈپ باقاي!؟› دەپ سىنايدۇ. ئەمما قۇلنىڭ جانابى ھەقنى سىناشقا ۋە ‹مەن مۇنداق قىلسام، سەن مۇنداق قىلامسەن؟› دېيىشكە ھەققى يوق ۋە ھەددى ئەمەستۇر. بۇنداق سىناش تەرىقىسىدە جانابى ھەقنىڭ رۇبۇبىيىتىگە قارىتا ئىمتىھان تەرزىدە مۇئامىلە قىلماق ئەدەپسىزلىكتۇر. ئۇبۇدىيەتكە (قۇللۇققا) زىتتۇر».

ھەقىقەت مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ئىنسان ئۆز ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشماسلىقى كېرەك.

مەشھۇر بىر ھېكايە باركى، بىر زامانلاردا ئىسلام قەھرىمانلىرىدىن بولغان ۋە چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلغان جالالىددىن خارەزىمشاھ جەڭگە ئاتلانغان ۋاقىتتا، ۋەزىرلىرى ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭغا: «سەن زەپەر قازىنىسەن، جانابى ھەق سېنى غالىپ قىلىدۇ» دېيىشىپتۇ. ئۇ: «مەن ﷲنىڭ ئەمرى بىلەن جىھاد يولىدا ھەرىكەت قىلىشقا ۋەزىپىدارمەن، جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشمايمەن، زەپەر قازاندۇرۇش ياكى مەغلۇپ قىلىش ئۇنىڭ ۋەزىپىسىدۇردەپتۇ. مانا بۇ زات بۇ تەسلىمىيەت سىرىنى چۈشىنىش بىلەن، ھەيران قالارلىق بىر سۈرەتتە كۆپ قېتىم زەپەر قازانغاندۇر.

شۇنداق، ئىنسان قولىدىكى جۈزئى ئىختىيارى بىلەن قىلغان ئىشلىرىدا جانابى ھەققە ئائىت نەتىجىلەرنى ئويلىماسلىقى كېرەك. مەسىلەن: قېرىنداشلىرىمىزدىن بىر قىسىم زاتلارنىڭ خەلقلەرنىڭ رىسالەئى نۇرغا قېتىلىشلىرى بىلەن قىزغىنلىقى زىيادىلىشىۋاتىدۇ، غەيرەتكە كېلىۋاتىدۇ. قۇلاق سالمىغان ۋاقىتلاردا زەئىپلەرنىڭ مەنىۋى قۇۋۋەتلىرى ئاجىزلاۋاتىدۇ. قىزغىنلىقلىرى قىسمەن سۇسلىشىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، مۇتلەق ئۇستاز بولغان، ھەممە ئىقتىدا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، ئەڭ مۇكەممەل رەھبەر بولغان رەسۇلى ئەكرەم ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام  ﴿وَمَا عَلَى الرَّسُولِ اِلاَّ الْبَلاَغُ﴾(نۇر:54) دېگەن ئىلاھىي پەرماننى ئۆزىگە مۇتلەق رەھبەر قىلىپ، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى قاچۇرىشىغا ۋە قۇلاق سالماسلىقىغا قارىتا تېخىمۇ زىيادە غەيرەت ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن تەبلىغ قىلغاندۇر. چۈنكى ﴿اِنَّكَ لاَ تَهْدِى مَنْ اَحْبَبْتَ وَلكِنَّ اللّهَ يَهْدِى مَنْ يَشَاءُ﴾(قەسەس:56) سىرى بىلەن، ئىنسانلارغا تىڭشاتقۇزۇش ۋە ھىدايەت بېرىش جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەتتى. جانابى ھەقنىڭ ۋەزىپىسىگە ئارىلاشمايتتى.

ئۇنداقتا، ئەي قېرىنداشلىرىم! ئۆزۈڭلارغا ئائىت بولمىغان ۋەزىپىلەر بويىچە ھەرىكەت قىلىش بىلەن ﷲنىڭ ئىشىغا ئارىلاشماڭلار ۋە ئۇ زاتقا سىناش پوزىتسىيىسىدە بولماڭلار.


Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak.