جەھەننەم ئەمەلنىڭ جازاسىدۇر؛ ئەمما جەننەت بولسا ﷲنىڭ پەزلى (ئارتۇق ئىھسانى) بىلەندۇر.» بۇنىڭ ھىكمىتى نېمىدۇر

  ئون ئىككىنچى ئىشارەت: «تۆت سوئال ۋە جاۋاپ»تۇر.

  بىرىنچى سوئال: چەكلىك بىر ھاياتتا، چەكلىك گۇناھلارغا قارىتا چەكسىز بىر ئازاپ ۋە چەكسىز بىر جەھەننەم قانداق ئادالەت بولىدۇ؟

  جاۋاب: يۇقىرىدىكى ئىشارەتلەردە، بولۇپمۇ بۇ ئىشارەتنىڭ ئالدىدىكى ئون بىرىنچى ئىشارەتتە قەتئىييەن چۈشىنىلدىكى، كۇفۇر ۋە زالالەت جىنايىتى چەكسىز بىر جىنايەتتۇر ۋە چەكسىز بىر ھوقۇققا تاجاۋۇزدۇر.

  ئىككىنچى سوئال: شەرىئەتتە دېيىلگەنكى: «جەھەننەم ئەمەلنىڭ جازاسىدۇر؛ ئەمما جەننەت بولسا ﷲنىڭ پەزلى (ئارتۇق ئىھسانى) بىلەندۇربۇنىڭ ھىكمىتى نېمىدۇر؟

  جاۋاب: يۇقىرىقى ئىشارەتلەردە ئېنىق بولدىكى: ئىنسان ئىجادسىز(ھېچ ئىش قىلالمايدىغان) بىر جۈزئىي ئىختىيارى بىلەن ۋە جۈزئىي بىر كەسب بىلەن، بىر ئەدەمىي ھەرىكەت ئارقىلىق ۋەياكى ئېتىبارى ئىشنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن ۋە مۇقىملاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇدھىش بۇزغۇنچىلىقلارغا ۋە شەرلەرگە سەۋەب بولغىنىدەك، نەفىس ۋە ھەۋاسى دائىما شەرلەرگە ۋە زەرەرلەرگە مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كىچىك كەسبنىڭ نەتىجىسىدىن ھاسىل بولغان يامانلىقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۇ ئۈستىگە ئالىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ نەفسى خالىدى ۋە ئۆز كەسبى بىلەن سەۋەب بولدى. شەر ئەدەمىي بولغانلىقى ئۈچۈن قۇل ئۇنىڭغا فائىل(قىلغۇچى) بولدى. جانابى ھەقمۇ ياراتتى. ئەلۋەتتە ئۇ چەكسىز جىنايەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چەكسىز بىر ئازاب بىلەن چېكىشكە لايىق بولىدۇ.

  ئەمما ياخشىلىقلار ۋە خەيرلەر بولسا، ۋۇجۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنساننىڭ كەسبى ۋە جۈزئىي ئىختىيارى ئۇلارنىڭ بار بولىشىنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بولالمايدۇ. ئىنسان ئۇنىڭدا ھەقىقىي فائىل بولالمايدۇ. ھەمدە نەفسى ئەممارىسىمۇ ياخشىلىقلارغا تەرەپدار ئەمەستۇر. بەلكى ﷲنىڭ رەھمىتى ئۇلارنى خالايدۇ ۋە ﷲنىڭ قۇدرىتى يارىتىدۇ. پەقەتلا ئىنسان، ئىمان بىلەن، ئارزۇ بىلەن، نىيەت بىلەن ئىگە بولالايدۇ. ئىگە چىققاندىن كېيىن، ئۇ ياخشىلىقلارنىڭ، ئۇنىڭغا ئالدىن بېرىلگەن ۋۇجۇد ۋە ئىمان نىمەتلىرىگە ئوخشاش ﷲنىڭ بۇرۇنقى چەكسىز نىمەتلىرىگە بىر شۈكۈر بولۇپ ئۆتكەن نىمەتلەرگە قارايدىغانلىقىنى بىلىش لازىم. ﷲنىڭ ۋەدىسى بىلەن بېرىلىدىغان جەننەت بولسا، ﷲنىڭ پەزلى بىلەن بېرىلىدۇ. كۆرۈنۈشتە بىر مۇكاپاتتۇر، ھەقىقەتتە پەزىلدۇر. دېمەك يامانلىقتا سەۋەب نەفىستۇر، جازاغا دەل لايىقتۇر. ياخشىلىقلاردا سەۋەب ھەق()تىندۇر. ئىللەتمۇ(يارىتىشقا كېرەكلىك پۈتۈن شارائىتلارمۇ) ﷲتىندۇر. پەقەت ئىنسان ئىمان بىلەن ئىگە بولىدۇ. «مۇكاپاتىنى خالايمەن» دېيەلمەيدۇ؛ «پەزلىنى تىلەيمەن» دېيەلەيدۇ.

  ئۈچىنچى سوئال: يۇقىرىقى بايانلاردىن چۈشىنىلىدۇكى، يامانلىقلار تارقىلىش ۋە تاجاۋۇز(دەخلىتەرۇز) بىلەن كۆپىيىدىغانلىقى ئۈچۈن، بىر يامانلىق مىڭ يېزىلىشى؛ ياخشىلىق بولسا ۋۇجۇدىي بولغانلىقى ئۈچۈن ماددىي جەھەتتىن كۆپەيمەيدىغانلىقى، ھەمدە قۇلنىڭ ئىجادى ۋە نەفىسنىڭ ئارزۇسى بىلەن بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن يېزىلماسلىقى ياكى بىر يېزىلىشى كېرەك ئىدى. نېمىشقا يامانلىق بىر يېزىلىدۇ، ياخشىلىق ئون ۋە بەزەن مىڭ يېزىلىدۇ؟

  جاۋاپ: جانابى ھەق، كامالى رەھمىتىنى ۋە مېھرىبانلىقىنىڭ گۈزەللىكىنى ئۇ سۈرەتتە كۆرسىتىدۇ.

  تۆتىنچى سوئال: ئەھلى زالالەتنىڭ قازانغان مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە كۆرسەتكەن قۇۋۋەتلىرى، ھەمدە ئەھلى ھىدايەتكە قارشى غالىبىيەتلىرى كۆرسىتىدۇكى، ئۇلار بىر قۇۋۋەتكە ۋە بىر ھەقىقەتكە تايىنىۋاتىدۇ. دېمەك يا ئەھلى ھىدايەتتە زەئىپلىك بار، ياكى ئۇلاردا بىر ھەقىقەت بار؟(دېيىش توغرىمۇ؟)

  جاۋاب: ھاشائۇلاردىمۇ ھەقىقەت يوق ۋە ئەھلى ھەقتىمۇ زەئىپلىك يوق. ئەپسۇسكى، نەزەر دائىرىسى تار، مۇھاكىمىسىز بىر قىسىم ئاۋام خەلق ئىككىلىنىپ ۋەسۋەسىگە چۈشۈۋاتىدۇ ۋە ئەقىدىلىرىگە زىيان يېتىۋاتىدۇ. چۈنكى دەيدۇكى: «ئەگەر ئەھلى ھەقتە تامامەن ھەق ۋە ھەقىقەت بولغان بولسا، بۇ قەدەر مەغلۇپ بولمايتتى ۋە خورلۇق تارتمايتتى. چۈنكى ھەقىقەت قۇۋۋەتلىكتۇر. اَلْحَقُّ يَعْلُو وَلاَ يُعْلَى عَلَيْهِ دېگەن ئاساسىي قائىدىگە بىنائەن، قۇۋۋەت ھەقتىدۇر. ئەگەر ئۇ ئەھلى ھەققە قارشى غالىب كەلگەن ئەھلى زالالەتنىڭ ھەقىقىي بىر قۇۋۋىتى ۋە بىر تايىنىش نۇقتىسى بولمىغان بولسا، بۇ دەرىجىدە غەلىبە ۋە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەسلىكى كېرەك ئىدى»؟

  جاۋاب: ئەھلى ھەقنىڭ مەغلۇبىيىتى قۇۋۋەتسىزلىكتىن، ھەقىقەتسىزلىكتىن كەلمىگەنلىكى يۇقىرىقى ئىشارەتلەردە قەتئىي ئىسپات قىلىنغىنىدەك، ئەھلى زالالەتنىڭ غەلىبىسى قۇۋۋەتلىرىدىن، ئىقتىدارلىرىدىن ۋە تايىنىش نۇقتىسى تاپقانلىقىدىن كەلمىگەنلىكى يەنە ئۇ ئىشارەتلەردە قەتئىي ئىسپات قىلىنغانلىقتىن بۇ سوئالنىڭ جاۋابى يۇقىرىقى ئىشارەتلەرنىڭ خۇلاسىسىدۇر. پەقەت بۇ يەردە بەزى ھىيلىلىرىگە ۋە قوللانغان بىر قىسىم قوراللىرىغا ئىشارەت قىلىمىز:

  مەن ئۆزۈم قايتاقايتا كۆردۈمكى، يۈزدە ئون بۇزغۇنچى يۈزدە توقسان سالىھ ئىنسانلارنى مەغلۇپ قىلىۋاتاتتى. ھەيرانلىق بىلەن قىزىقتىم. تەتقىق قىلغاندىن كېيىن قەتئىييەن چۈشەندىمكى، ئۇ غەلىبە قۇۋۋەتتىن، قۇدرەتتىن كەلمەيۋاتىدۇ، بەلكى بۇزۇشتىن، پەسلىكتىن، پىتنەپاساتتىن ۋە ئەھلى ھەقنىڭ ئىچىدىكى ئىختىلاپتىن پايدىلنىشتىن، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىختىلاپ تۇغدۇرۇشتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاجىز ھېسسىياتلىرىنى ئىشلىتىشتىن، مەنفىي تەلقىنلەردىن، ھەمدە نەفسانىي ھېسلىرىنى ۋە شەخسىي غەرەزلەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشتىن، ئىنساننىڭ ماھىيىتىدىكى زىيانلىق مەدەنلەر ھۆكمىدە بولغان ناچار قابىلىيەتلەرنى ئىشلەتكۈزۈشتىن، شانشەرەپ نامىدىن رىياكارلىق بىلەن نەفىسنىڭ فىرئەۋىنلىقىنى پەپىلەشتىن، شۇنداقلا ۋىجدانسىزلارچە بۇزغۇنچىلىقلىرىنى كۆرۈپ ھەممە ئادەمنىڭ قورقۇشىدىن كېلىۋاتىدۇ. ھەم شۇنىڭغا ئوخشاش شەيتانىي ھىيلىلەر ۋاستىسى بىلەن ۋاقتىنچە ئەھلى ھەق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئەمما ﴿وَالْعَاقِبَةُ لِلْمُتَّقِينَ﴾(ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا مەنسۇپ) سىرى بىلەن، اَلْحَقُّ يَعْلُو وَلاَ يُعْلَى عَلَيْهِ دەستۇرى بىلەن: ئۇلارنىڭ ئۇ ۋاقىتلىق غەلبىلىرى، مەنپەئەت جەھەتتىن ئۇلار ئۈچۈن ئەھمىيەتسىز بولۇش بىلەن بىللە، جەھەننەمنى ئۆزلىرىگە، جەننەتنى ئەھلى ھەققە قازاندۇرۇشلىرىغا سەۋەبتۇر.

  مانا زالالەتتە، ئىقتىدارسىزلارنىڭ كۈچلۈك كۆرۈنۈشلىرى ۋە ئەھمىيەتسىزلەرنىڭ شۆھرەت قازىنىدىغانلىقلىرى ئۈچۈندۇركى، مەنمەنچى، شۆھرەتپەرەست، رىياكار ئىنسانلار ئاز بىر ئىش بىلەن ئىقتىدارلىرىنى كۆرسىتىش ۋە قورقۇتۇش ياكى زىيانغا ئۇچرىتىش جەھەتىدىن بىر مەرتىۋە قازىنىش نىيىتى بىلەن، نەتىجىدە كۆرۈنۈش ۋە دىققەتنەزەرلەرنى ئۆزىگە مەزكەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەھلى ھەققە مۇخالىپلىق ۋەزىيىتىگە كىرىدۇ. ئىقتىدار ۋە قۇدرەت بىلەن ئەمەس، بەلكى تەرك قىلىپلا ۋەياكى بىر ئەھمىيەتلىك ئىش قىلمايلا تېرىغان بۇزغۇنچىلىقلار ئۇنىڭ نامىدىن دېيىلىپ، ھەممە ئادەم ئۇنىڭ گېپىنى قىلسۇن ئۈچۈنمۇ ئەھلى ھەق بىلەن قارشىلىشىدۇ. شۇنداق شۆھرەت ساراڭلىرىدىن بىرىسى نامازگاھنى ناپاك قىلىپتۇ، مەقسىدى ھەممە ئادەم ئۇنى تىلغا ئېلىپ گېپىنى قىلىشى ئىكەن. ھەتتا كىشىلەر لەنەتلەر بىلەن ئۇنىڭ گېپىنى قىلىشقان بولسىمۇ، شۆھرەتپەرەستلىك ھېسسى بىلەن بۇ لەنەتلىك شۆھرەتتىن سۆيۈنگەنىكەن، دەپ بۇ مىسال تىللاردا كېزىپ يۈرىدۇ.

  ئەي باقىي ئالەم ئۈچۈن يارىتىلغان ۋە فانىي ئالەمگە مۇپتىلا بولغان ئىنسان! ﴿فَمَا بَكَتْ عَلَيْهِمُ السَّمَاءُ وَ اْلاَرْضُ﴾(دۇخان:29) ئايىتىنىڭ سىرىغا دىققەت قىل، قۇلاق سال! نېمە دەۋەتقانلىقىغا قارا! ئېنىق مەنىسى بىلەن پەرمان قىلىدۇكى: «زالالەت ئەھلىنىڭ ئۆلىشى بىلەن ئىنسان بىلەن ئالاقىدار بولغان ئاسمانلار ۋە زېمىن ئۇلارنىڭ مىيىتلىرى ئۈستىدە يىغلىمايدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ ئۆلىشى بىلەن مەمنۇن بولىدۇئەمما ئىشارىي مەنىسى بىلەن ئىپادە قىلىدۇكى: «ھىدايەت ئەھلىنىڭ ئۆلىشى بىلەن ئاسمانلار ۋە زېمىن ئۇلارنىڭ مىيىتلىرى ئۈستىدە يىغلايدۇ، ئۇلارنىڭ پىراقىنى خالىمايدۇچۈنكى، ئەھلى ئىمان بىلەن پۈتكۈل كائىنات ئالاقىداردۇر ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولىدۇ. ئىمان بىلەن كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن، كائىناتنىڭ(مەۋجۇداتىنىڭ) قىممىتىنى تەقدىرلەپ، ھۆرمەت ۋە مۇھەببەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ. زالالەت ئەھلىگە ئوخشاش ھاقارەت قىلمايدۇ، مەنىۋى ئاداۋەت ساقلىمايدۇ.

  ئەي ئىنسان، ئويلان! سەن خالىساڭمۇ، خالىمىساڭمۇ ئۆلىسەن. ئەگەر نەفىس ۋە شەيتانغا ئەگەشسەڭ، سېنىڭ قوشنىلىرىڭ، بەلكى ئۇرۇقتۇغقانلىرىڭ سېنىڭ يامانلىقىڭدىن قۇتۇلۇشتىن خۇشال بولىدۇ. ئەگەر ئەئۇزۇ بىللاھى مىنەششەيتانىررەجىم دەپ، قۇرئان ۋە ھەبىبى رەھمانغا (ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام) ئەگەشسەڭ، ئۇ چاغدا ئاسمانلار ۋە زېمىن ۋە مەۋجۇداتلار (ھەركىمنىڭ دەرىجىسىگە نىسبەتەن بولغىنىدەك)، سېنىڭ دەرىجەڭگە قارىتا سېنىڭ دۇنيادىن كېتىشىڭدىن ئازاپلىنىپ، مەنەن يىغلايدۇ. ئۇلۇغ بىر ماتەم بىلەن، ھەشەمەتلىك بىر ئاق يول تىلەش ئارقىلىق قەبىر ئىشىكى ئارقىلىق كىرگەن باقىي ئالەمدە سېنىڭ دەرىجەڭگە قارىتا سەن ئۈچۈن بىر گۈزەل ئىستىقبال بار ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىشىدۇ.

————————————————

*ھەق ئۈستۈندۇر، ئۇنىڭغا ئۈستۈن كەلگىلى بولمايدۇ.

1062قېتىم كۆرۈلدى

Bir cevap yazın

E-posta hesabınız yayımlanmayacak. Gerekli alanlar * ile işaretlenmişlerdir