بەشىنچى نۇقتا: رامىزانى شەرىپتىكى روزىنىڭ نەفسنىڭ ئەخلاقىنى ياخشىلاش ۋە ئىتائەتسىزلەرچە مۇئامىلىلىرىدىن ۋاز كەچۈرۈشكە قارىغان كۆپ ھىكمەتلىرىدىن بىرىسى شۇدۇركى: ئىنساننىڭ نەفسى غەپلەت بىلەن ئۆزىنى ئۇنۇتىدۇ. ماھىيىتىدىكى چەكسىز ئاجىزلىقىنى، چەكسىز پېقىرلىقىنى ۋە چەكسىز دەرىجىدىكى قۇسۇرىنى كۆرەلمەيدۇ ۋە كۆرۈشنى خالىمايدۇ. ھەمدە ئىنتايىن زەئىپ، زاۋال تېپىشقا تەييار ۋە بالا–مۇسىبەتلەرگە دۇچار ئىكەنلىكىنى، تېز بۇزۇلۇپ چىرىيدىغان گۆش ۋە سۆڭەكتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئويلانمايدۇ. گويا پولاتتىن بىر تېنى باردەك، ئۆلمەيدىغاندەك دەرىجىدە ئۆزىنى ئەبەدىي دەپ ئويلاپ دۇنياغا يېپىشىدۇ. قاتتىق بىر ئاچكۆزلۈك ۋە تاماكارلىق، شىددەتلىك ئالاقە ۋە مۇھەببەت بىلەن دۇنياغا ئېسىلىدۇ. ھەر لەززەتلىك ۋە مەنپەئەتلىك نەرسىگە باغلىنىدۇ. ئۆزىنى ئاجايىپ شەپقەت بىلەن بېقىۋاتقان ياراتقۇچىسىنى ئۇنىتىدۇ. ھاياتىي نەتىجىسىنىڭ نېمە بولىشىنى ۋە ئاخىرەتلىك ھاياتىنىڭ قانداق بولىشىنى ئويلانمايدۇ ۋە ناچار ئەخلاقلار ئىچىدە يۇمىلىنىپ يۈرىدۇ.
رامىزانى شەرىپتىكى روزا بولسا، ھەتتا ئەڭ غاپىل تەكەببۇرلارغىمۇ زەئىپلىكىنى، ئاجىزلىقىنى ۋە پېقىرلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. نەتىجىدە ئاچلىق ۋاستىسى بىلەن قورسىقىنى ئويلايدۇ، ئاشقازاننىڭ ئېھتىياجىنى چۈشىنىدۇ. زەئىپ تېنىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە چىرىشكە مەھكۇم ئىكەنلىكىنى ئەسلەيدۇ ۋە نەقەدەر مەرھەمەتكە ۋە شەپقەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلىدۇ. نەفسنىڭ پىرئەۋنلىغىنى تاشلاپ پۈتۈنلەي ئاجىزلىقى ۋە پېقىرلىقى بىلەن ﷲنىڭ دەرگاھىغا ئىلتىجا قىلىشقا بىر ئارزۇ ئويغۇنىدۇ، بىر مەنىۋى شۈكۈر قولى ئارقىلىق رەھمەت ئىشىكىنى چېكىشكە تەييارلىنىدۇ. (ئەگەر غەپلەت قەلبىنى بۇزمىغان بولسا.)